• ئەگەر «جەڭ بۆرىسى 2» بىلەن «قىزىل دېڭىز ھەرىكىتى»نىڭ قويۇلۇش ۋاقتى ئالماشتۇرۇلسا قايسىسىنىڭ بېلەت كىرىمى يۇقىر

  • يوللىغۇچى : ئادىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-06 03:21
  • ئەگەر «جەڭ بۆرىسى 2» بىلەن «قىزىل دېڭىز ھەرىكىتى»نىڭ قويۇلۇش ۋاقتى ئالماشتۇرۇلسا قايسىسىنىڭ بېلەت كىرىمى يۇقىر

    چاغان مەزگىلىدە قويۇلغان فىلملەر ئىچىدە، «قىزىل دېڭىز ھەرىكىتى» (红海行动)نىڭ بېلەت كىرىمى ئويلىغاندىنمۇ يۇقىرى بولدى، گەرچە ئالدىنقى بىر نەچچە كۈندە باشقا فىلىملەرنىڭ ئارقىسىدا قالغان بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرى ئالقىشلىق دەرىجىسىگە تايىنىپ ھازىرغىچە ئېرىشكەن بېلەت كىرىمى ئۈچ مىليارد يۈەنگە يېقىنلاشتى، بەلكىم جوۋ شىڭچىنىڭ «سۇ پەرىسى» فىلىمىنىڭ بېلەت كىرىمىدىنمۇ ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. لېكىن، «جەڭ بۆرىسى 2» ئېرىشكەن بەش مىليارد 680 مىليون يۈەنلىك بېلەت كىرىمىگە يېتىشنىڭ مۇمكىن بولۇشى ئىنتايىن تەس.

    بۇنىڭغا قارىتا، نۇرغۇنلىغان تورداشلار ئادىلسىزلىق بولمىغاندەك ھېس قىلغان، بەزىلەر «قىزىل دېڭىز ھەرىكىتى» «جەڭ بۆرىسى 2»دىن ياخشى چىققان، ئەگەر ئىككى فىلىم قويۇلغان ۋاقتىنى ئالماشتۇرغان بولسا بەش مىلياردىن ئارتۇق بېلەت كىرىمىگە ئېرىشىدىغىنى «قىزىل دېڭىز ھەرىكىتى» بولاتتى، «جەڭ بۆرىسى»نىڭ بېلەت كىرىمى ھازىرقى «قىزىل دېڭىز ھەرىكىتى»نىڭ بېلەت كىرىمىگىمۇ يەتمەسلىكى مۇمكىن ئىدى، دېيىشكەن. تورداشلارنىڭ ئىنكاسىدىمۇ خاتالىق يوق، چۈنكى «قىزىل دېڭىز ھەرىكىتى»نىڭ كۆلىمى «جەڭ بۆرىسى 2»گە قارىغاندا چوڭ، ۋەقەلىكى كىشىنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈرىدۇ، ھېكايىنىڭ قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مول. بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا، «جەڭ بۆرىسى 2» كۆپ تەرەپلىمىلىك ھالدا بېسىلىپ قالىدۇ. لېكىن، ئەگەر ئىككى فىلىمنىڭ قويۇلۇش ۋاقتى ئۆزگەرسە، ئەھۋال راستتىنلا تورداشلارنىڭ ئېيتقىنىدەك بولامدۇ؟

    ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغىنى شۇكى، «جەڭ بۆرىسى 2» ھەممە جەھەتتە ياخشى پەيتتە بارلىققا كەلدى، تېخىمۇ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغىنى شۇكى، «جەڭ بۆرىسى 2» ھەقىقەتەن بىر نادىر فىلىم. «قىزىل دېڭىز ھەرىكىتى»گە سېلىشتۇرغاندا، «جەڭ بۆرىسى 2»نىڭ يېتەرسىز جايلىرى كۆپ، لېكىن بەزى تەرەپلەردىمۇ «قىزىل دېڭىز ھەرىكىتى»دىن قالتىس ھېسابلىنىدۇ.

    ئالدى بىلەن دەل ئىككى فىلىمنىڭ پەرقى، «جەڭ بۆرىسى 2» شەخسىي قەھرىمانلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ۋۇ جىڭ رولىنى ئالغان لېڭ فېڭنى ئاساس قىلغان. بۇنىڭ ياخشى تەرىپىمۇ، يامان تەرىپىمۇ بولىدۇ، لېكىن ئۆزىمىزگە مەنسۇپ «دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان»غا تەقەززا بولۇۋاتقان پەيتتە، لېڭ فېڭنىڭ پەيدا بولۇشى، نۇرغۇن كۆرۈرمەنلەرنى ھاياجانلاندۇرغان، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ فىلىمنى كۆرگەن، بەزىلىرى نەچچە قېتىم كۆرگەن، مەقسىتى يەنىلا شۇ لېڭ فېڭنىڭ قەھرىمانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن.

    ئۇندىن باشقا، تەشۋىقات جەھەتتىن ئېيتقاندا، ۋۇ جىڭنىڭ بۇ فىلىمنى ئىشلەش جەريانىمۇ نۇرغۇن كۆرۈرمەنلەرنى ھاياجانغا سالغان ھەمدە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ تاماشا چەمبىرىكىدىكى نۇرغۇن چولپانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ئىنتايىن ياخشى، شۇڭا فىلىمنىڭ تەشۋىقاتى ئىنتايىن ياخشى ئېلىپ بېرىلدى. لېكىن بۇ تەرەپتە «قىزىل دېڭىز ھەرىكىتى» «جەڭ بۆرىسى 2»گە يېتەلمىگەن، بەلكىم ئېتىراپ قىلىنماسلىقى مۇمكىن، لېكىن «قىزىل دېڭىز ھەرىكىتى»دىكى بارلىق ئارتىسلارنىڭ تەسىر كۈچىمۇ ۋۇ جىڭنىڭكىگە يېتەلمەيدۇ.

    تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ئەگەر «قىزىل دېڭىز ھەرىكىتى» باشتا قويۇلسا، «جەڭ بۆرىسى 2»نى تېخىمۇ نادىر قىلىپ ئىشلەنمەيدۇ دېيەلەمسىز؟ ۋۇ جىڭنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە ئاساسلانغاندا، ئۇ چوقۇم شۇنداق قىلالايدۇ. شۇڭا، ئىككى فىلىم قويۇلۇش ۋاقتىنى ئۆزگەرتكەن تەغدىردىمۇ. «قىزىل دېڭىز ھەرىكىتى»نىڭ بېلەت كىرىمى «جەڭ بۆرىسى 2»گە يېتەلمەيدۇ.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك