• ئالۋېس: پارىژ سانت گېرمان نېيمار بولمىسىمۇ ئوخشاشلا كۈچلۈك

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-06 03:33
  • ئالۋېس: پارىژ سانت گېرمان نېيمار بولمىسىمۇ ئوخشاشلا كۈچلۈك

    خانلىق مادرىد بىلەن بولغان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىككىنچى ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى، پارىژ سانت گېرمان بېكى ئالۋېس مۇسابىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە نېيمارنىڭ بۇ مۇسابىقىگە بولغان تەسىرى ئۈستىدە توختالدى.

    «نېيمار بولسا، پارىژ سانت گېرماننىڭ كۈچى زورىيىدۇ، لېكىن نېيمار بولمىسىمۇ، پارىژ سانت گېرمان ئوخشاشلا كۈچلۈك. چۈنكى بىزدە باشقا قالتىس توپچىلار بار. ياكى ئولتۇرۇپ يىغلاش، ياكى ئۆر تۇرۇپ كۈرەش قىلىش كېرەك. مان دائىم كۈرەش قىلىشنى تاللايمەن.»

    ئالۋېس يەنە نېيمارغا ئۇ ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە بىرگە كۈرەش قىلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى: «بىز كېيىنرەك يەنىلا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە جەم بولۇشقا كېلىشتۇق، بىز چوقۇم دېگىنىمىزنى قىلىمىز.»ئالۋېس پارىژ سانت گېرماننىڭ تارىخىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «بۇ بىر ئىنتايىن قېيىن بولغان مۇسابىقە، چۈكى رەقىبىمىز ئىنتايىن كۈچلۈك. بىز پارىژ سانت گېرماننىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدىكى تارىخىنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. كۇلۇب ۋە كوماندىغا نىسبەتەن، بىزنىڭ ئىنتايىن ئالاھىدە بولغان ئالغا ئىلگىرىلەش پۇرسىتىمىز بار. ئەگەر ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى چېمپىيوننى مەغلۇپ قىلساق، ئۇنداقتا بىز چېمپىيونلۇققا تېخىمۇ يېقىنلىشىمىز، بىز دەل مۇشۇنداق روھىي ھالەتتە بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىمىز، بىزنىڭ نىشانىمىز بىر، نەتىجىنىڭ بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

    مەنبەسى :سوخۇ تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك