• ئىنسانلار دىنوزاۋرنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇۋەتكەن مېتىئورىت تاش ھۇجۇمىدا ساق قالالامدۇ؟

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-06 03:34
  • ئىنسانلار دىنوزاۋرنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇۋەتكەن مېتىئورىت تاش ھۇجۇمىدا ساق قالالامدۇ؟

    ئىنسانلارنىڭ ھازىرقى تېخنىكا سەۋىيەسىگە تايىنىپمۇ، 65 مىليون يىل بۇرۇن دىنازاۋۇرلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتقان مېتېئورىت تاشنىڭ سوقۇلۇشىغا بەرداشلىق بەرگىلى بولمايدۇ. توغرىلاپ ئۆتەيلى، ئەينى ۋاقىتتا يەر شارىغا سوقۇلغىنى مېتېئورىت تاش ئەمەس، بەلكى كىچىك سەييارە، بىر دىيامېتىرى 10 كىلومېتىر كېلىدىغان كىچىك سەييارە، بۇنچە زور ئاسمان جىسمىنىڭ ئوربىتىسىنى ئۆزگەرتەلمەيمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ سوقۇلۇشىغا بەرداشلىق بېرەلمەيمىز. نۆۋەتتىكى ئەڭ ئىلغار باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇپ، كىچىك سەييارىنى ۋەيران قىلىۋەتسەكمۇ، ئۇنىڭ پارچىلىرى يەنىلا يەر شارىنىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى سوقۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دىيامېتىرى 10 كىلومېتىر كېلىدىغان كىچىك سەييارە پارچىلانغاندىن كىيىن نەچچە ئون كىلومېتىر چوڭلۇقتىكى پارچىلارنى ھاسىل قىلىدۇ. يەنە نەچچە يۈز مېتىر چوڭلۇقتىكى پارچىلارمۇ بار، نەچچە ئون مېتىر چوڭلۇقتىكى پارچىلار تېخىمۇ كۆپ.، بۇلار يەر يۈزىدىكى شەھەرلەرنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىدۇ. 

    ئەلۋەتتە، دىيامېتىرى 10 كىلومېتىر كېلىدىغان كىچىك سەييارىنىڭ سوقۇلۇشىغا يول قويغاندىن، ئۇنى ۋەيران قىلىۋەتكەن تۈزۈك، گەرچە بەزى شەھەرلەر ۋەيران بولسىمۇ، لېكىن ئىنسانلار مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. يەنە بەزى پارچىلار دېڭىزغا چۈشىدۇ، بۇنداق بولغاندا بەزى تەسىرلەرنى يوقاتقىلى بولىدۇ. مەسىلەن، دىيامېتىرى 10 كىلومېتىر كېلىدىغان كىچىك سەييارە مەيلى قۇرۇقلۇققا سوقۇلسۇن ياكى دېڭىزغا سوقۇلسۇن، ئوخشاشلا ناھايىتى ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئىنسانلار ھازىرقى تېخنىكا سەۋىيەسىگە تايىنىپمۇ، 65 مىليون يىل بۇرۇن دىنازاۋۇرلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتقان كىچىك سەييارىنىڭ سوقۇلۇشىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. 

    بۇمۇ بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئىلگىرىلىيەلمىگەن تېخنىكا ھېسابلىنىدۇ، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى 2022-يىلى كىچىك سەييارىدىن بىرنى ئولجا ئېلىپ، ئاي شارىغا ئېلىپ بېرىپ تەتقىق قىلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ، ئۇنىڭ دىيامېتىرى ئاران 3-5 مېتىر كېلىدۇ. تېخىمۇ يوغان سەييارىنى تىزگىنلىيەلمىسەك، ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ، دىيامېتىرى 10 كىلومېتىر كېلىدىغان كىچىك سەييارە ئىنسانلار مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ چاقچاق ئەمەس. ئەگەر بىز كىچىك سەييارىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئىگىلىيەلىسەك، كىچىك سەييارىنى ۋەيران قىلىدىغان ئۇسۇلنى تاپالىشىمىز مۇمكىن، لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن 30 يىلدىن 50 يىلغىچە كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك