• كىرىستىيانو رونالدو كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ قالتىس يېڭى يىل باشلىنىشىنى كۈتىۋالدى

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-06 03:22
  • كىرىستىيانو رونالدو كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ قالتىس يېڭى يىل باشلىنىشىنى كۈتىۋالدى

    2018-يىلىغا كىرگەندىن بۇيان، كىرىستىيانو رونالدو 10 مەيدان مۇسابىقىدە 14 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، ئۆز كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ قالتىس يىل بېشىنى كۈتىۋالغان. خانلىق جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇسابىقىدە «قالپاق ئويۇنى» ئويناشتىن سىرت، كىرىستىيانو رونالدو يەنە لاكارۇنىيە، ۋالېنسىيە، ئالاۋېس، گېتافې قاتارلىق مۇسابىقىلەردە توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، ئۇندىن باشقا يەنە پارىژ سانت گېرمان بىلەن بولغان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى تۇنجى ئۇچرىشىشىدا ئىككى توپ كىرگۈزدى.

    2017-يىلى يىل بېشىدا، كىرىستىيانو رونالدو 12 مەيدان مۇسابىقىدە توققۇز توپ كىرگۈزگەن، ئۇنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى 2016-يىلى يارىتىلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ 12 مەيدان مۇسابىقىدە 14 توپ كىرگۈزگەن. ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى 2013-يىلىدا، ئۇ 15 مەيدان مۇسابىقىدە 17 توپ كىرگۈزگەن.

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەر سائەت 1:45 ئۆتكەندە، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى ئۇچرىشىشى شاھزادە باغچىسى پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، پارىژ سانت گېرمان ساھىبخان مەيداندا خانلىق مادرىدنى كۈتىۋالىدىغان بولۇپ، تۇنجى ئۇچرىشىشتا خانلىق مادىرد 1:3 نەتىجە بىلەن پارىژ سانت گېرماننى مەغلۇپ قىلغان.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك