• «كەچۈرۈڭ، سىزنى سۆيىمەن» دىكى تۆت ئاساسلىق ئارتىسنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-06 03:21
  • «كەچۈرۈڭ، سىزنى سۆيىمەن» دىكى تۆت ئاساسلىق ئارتىسنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى

    «كەچۈرۈڭ، سىزنى سۆيىمەن»(对不起,我爱你) بولسا لى مىنھيوڭ رېژىسسورلۇقىدىكى سۇ جىسوپ، ئىم سۇجۇڭ، چاڭ گېڭھو، سو جىياڭ قاتارلىقلار باش رولغا چىققان تىياتىر. بۇ تىياتىر ئىلگىرىكى كورېيە تىياتىرلىرىنىڭ ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، تاشلىۋېتىلگەن بالىنىڭ كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئۆرتەيدىغان ئازابلىق تۇرمۇشى سۆزلىنىدۇ. گەرچە مۇھەببەت باش تېما بولسىمۇ لېكىن ئادەمنى ھەقىقىي تەسىرلەندۈرىدىغىنى يەنىلا قېرىنداشلىق، شۇنداقلا بۇ بېقىۋېلىش ئورنىدىكى بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش چاقىرىق قىلىنغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى، شۇڭا ئۇنىڭ كىلاسسىكلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى، ھازىرغىچە دوۋبەندىكى باھا نومۇرى 8.7 بولۇپ كەلگەن.

    سۇ جىسوپ- چې ۋۇخې رولىغا چىققان.

    تاغا لەقىمىدىكى سۇ جىسوپ بۇ تىياتىردا بەك كېلىشكەن ھەم ئاخسا چىققان، يېتىمچىلىكتە چوڭ بولغان بولسىمۇ يەنىلا ئۈمىدۋار ياشايدىغان، باشقىلارنى سۆيەلەيدىغان چوڭ بولىدۇ. ئۇ چې ۋۇخېنىڭ قەلبىدىكى تەنھالىق ۋە ئامالسىزلىقنى بەكلا چوڭقۇر ئىپادىلىۋەتكەن. نۇرغۇن يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ لېكىن سۇ جىسوپنى كۆرگەن ئادەم تۇنجى بولۇپ ئۇنىڭ چې ۋۇخې ئوبرازى يادىغا يېتىدۇ. چې ۋۇخېنىڭ سوڭ ئېنسەيگە بولغان مۇھەببىتىمۇ شۇنچىلىك ئېچىنىشلىق، ئۇ ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزۇن قالمىغانلىقىنى بىلسىمۇ سوڭ ئېنسەيگە «سىزنى سۆيىمەن» دەپ باقمايدۇ.

    ئۇنىڭ ئىنىسى سۈييۈنگە بولغان قېرىنداشلىق تۇيغۇسىمۇ ئادەمنىڭ ئىچىنى سىيرىيدۇ، باشتا ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن يېقىنلىشىدۇ. ئەمدى پۇرسەت كەلگەندە ئۇنى يەنە قۇتقۇزۇۋالىدۇ. ئىنىسنى ئازابلىماقچى بولۇپ، ئاقىۋەتتە ئۆزى ئازابلىنىدۇ.

    مۇشۇ تىياتىرى بىلەن سۇ جىسوپ 41-نۆۋەتلىك كورېيە بەيشياڭ سەنئەت مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ داڭقى چىقىدۇ، ئۇلاپ نۇرغۇن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئالىدۇ. ئۇ ئەمەلىي تۇرمۇشتىمۇ بەك دوستلۇققا يارايدىغان بولۇپ، 2010-يىلى يېقىن دوستى پاك يوڭھا ئۆلىۋالغاندا سۇ جىسوپ تۇنجى بولۇپ مۇراسىم زالىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى كۈن قارلىق تۇتقان، شۇنداقلا ئۇنىڭ بارلىق دەپنە چىقىملىرىنى ئۈستىگە ئالغان.

    2009-يىلى ئۆزىنىڭ ۋاستىچىلىك شىركىتى « 51K» نى قۇرۇپ، نۇرغۇن فىلىملەرگە مەبلەغ سالغان، مەسىلەن جاڭ يىمو رېژىسسورلۇقىدىكى «قايتىپ كېلىش»(归来) مۇ شۇنىڭ ئىچىدە. بۇنىڭدىن سىرىت ئۇ كورېيە يەرلىك ساياھەت ئوبراز ۋەكىلى بولغان، شۇنداقلا تۇنجى بولۇپ، ئىسمى بىلەن بىر يولغا ئىسىم قويۇلغان سەنئەتكار، تۇنجى بولۇپ ئۆزىنىڭ شەخسىي ژۇرنىلىنى تارقاتقان سەنئەتكار بولۇپ قالغان.

    سۇ جىسوپ يەنە كورېيەنىڭ «ئاممىۋى مۈلكى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاللىقاچان توي قىلىدىغان يېشىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، يەنىلا بويتاق. كېلىشكەن سۇ جىسوپ كورېيەلىك قىزلار ئەڭ ياتلىق بولۇشنى خالايدىغان ئەر.

    ئىم سۇجۇڭ—سوڭ ئېنسەينىڭ رولىغا چىققان.

    «تاش» لەقەملىك سوڭ ئېنسەي قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئەزەلدىن بەل قويۇۋەتمەيدۇ، ھەر قانداق ئادەم ياكى ئىشقا مىننەتدارلىق پوزىتسىيەسىدە بولىدۇ. ئىم سۇجۇڭ رولىنى ئالغان سوڭ ئېنسەي مەيلى تاشقى قىياپەت جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئورۇنلاش ماھارىتى جەھەتتىن بولسۇن ئىنتايىن جايىغا چۈشكەن. ئۇ مۇشۇ رولى بىلەن BS ئورۇنلاش مۇكاپاتىنىڭ يېڭى ئايال ئارتىس مۇكاپاتى، ئالقىشلىق ئايال ئارتىس ، ئەڭ ياخشى مەشۇق رولى قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. كېيىن يەنە Rain، ھيۇن بىن قاتارلىق ئارتىسلار بىلەنمۇ ھەمكارىلاشقان، ئىككى قېتىم دۇنياۋى كىنو كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان كورېيەلىك ئارتىس بولۇپ قالغان.

    ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قىياپىتى ھۆسن تۈزەتكەندىن كېيىنكى ھالىتى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىنىپ كەتكەن، رەسىمدىن ئۇنىڭ كۆز، بۇرۇن، يۈزلىرىدە روشەن پەرق بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت، ئۇنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىمۇ كۆپ دىققەتنى تارتقان، ھەمكارلاشقان ئەر ئارتىسلارنىڭ ھەممىسى بىلەن ئۆسەك سۆزلىرى تارقالغان، يەنە ئامېرىكىدا مەخپىي توي قىلىۋالغانلىقى ھەققىدىكى گەپلەر تارالغان، كېيىن ئىنكار قىلىنغان، ھازىرچە يەنىلا بويتاق.

    چاڭ گېڭھو-سۈييۈننىڭ رولىنى ئالغان.

    چاڭ گېڭھو رولىنى ئالغان سۈييۈن تولىمۇ نازۇك، ئوماق بولۇپ، تىياتىردىكى رولى بەك كۆپ بولمىسىمۇ لېكىن ئادەمگە يەنىلا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.

    ئۇنىڭ ھازىرقى رول مېتودى ئىلگىرىكى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، «ساپ مۇھەببەتكە غەرق بولۇش»(陷入纯情) تىياتىرىدا ئۇ باش لېدىرنىڭ رولىنى بەك كومېدىيىلىك ئالغان، ئەمما ھازىرقى تۇرقى سۈييۈننىڭ رولىنى ئالغاندىكى بىلەن پەرق قىلىدۇ، بەلكىم ھۆسن تۈزەتكەن بولسا كېرەك، بۇرۇن سەل يالاڭ قاپاق ئىدى، ھازىر پۈتۈنلەي قوش قاپاققا ئۆزگەرگەن.

    رېئال تۇرمۇشتا ئۇ ھەقىقىي ئىككىنچى ئەۋلاد چولپان، دادىسى داڭلىق رېژىسسور چاڭ ئىيىڭ، ھازىرقى قىز دوستى داڭلىق قىزلار دەۋرى گۇرۇپپىسىدىكى شيۇيىڭ، 2013-يىلى يۈرۈۋاتقانلىقىغا بىر يىل بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان، ھازىر ھېسابلىساق 5 يىل بولدى. مۇھەببىتى مۇقىم داۋاملىشىۋاتىدۇ.

    سو جىياڭ-جاڭ مىنجۇنىڭ رولىنى ئالغان.

    سو جىياڭ رولىنى ئالغان جاڭ مىنجۇ تىياتىردا بەك ئوماق چىققان، بۇ تىياتىر ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان، ئۇ كېيىن ئېكراندىن ئايرىلىپ، پۈتۈن زېھنىنى پىلاستىنكا ئىشلەشكە قاراتقان. ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن «چوڭ نەرسە»(大物)،«كۈلۈمسىرىگەن ئاپا»(微笑妈妈)قاتارلىق تىياتىرلاردا كۆرۈنگەن-يۇ، ئىنكاس ئانچە ياخشى بولمىغان.

    سو جىياڭنىڭ ئائىلىسى ئاددى ئائىلە ئەمەس، بوۋىسى سىياسىي مۇھىم ئەرباب. دادىسى ئون چوڭ گۇرۇھنىڭ مەسئۇلى، ئاكىسىمۇ تاماشا ساھەسىدە، يەنە سىڭلىسى ئۈچۈن ناخشا تېكىستى يېزىپ بېرىدۇ، دېمەك ئۇ ئالتۇن غەزىنىنىڭ ئاچقۇچىنى تۇتۇپ چوڭ بولغان، شۇڭا بەك فىلىم ئىشلەپ كەتمىگەن، ھازىر توي قىلغان بولۇپ، يولدىشى پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىن، 2014-يىلى قىزى تۇغۇلغان.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك