• كۆپلىگەن داڭلىق چولپانلار پارىژدا مۇسابىقە كۆرۈش ئۈچۈن يىغىلدى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-06 07:53
  • كۆپلىگەن داڭلىق چولپانلار پارىژدا مۇسابىقە كۆرۈش ئۈچۈن يىغىلدى

    ئەتە سەھەردە پارىژ سانت گېرمان كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا خانلىق مادرىد كوماندىسى بىلەن ئوينايدۇ، خانلىق مادرىد كوماندىسى بىلەن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ 1/8 ھەل قىلغۇچ كېيىنكى ئايلانمىسىدىكى ھالقىلىق مۇسابىقە ئېنىقكى پۈتۈن دۇنيا پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى، فرانسىيە تاراتقۇسى «RMC تەنتەربىيىسى»نىڭ تەمىنلىگەن ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چوڭ رونالدو، بېكھام، پاۋلېتا، فېرگۇسون قاتارلىق مۇھىم شەخىسلەرنىڭ ھەممىسى شاھزادە باغچىسى توپ مەيدانىدا نەق مەيداندا مۇسابىقە كۆرىدىكەن.

    گەرچە پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىنىڭ غوللۇق ھۇجۇمچىسى نېيمار يارىلىنىش تۈپەيلى مۇسابىقىگە قاتنىشالمىسىمۇ، ئەمما پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىنىڭ ساھىبخان مەيداندا خانلىق مادرىد كوماندىسى بىلەن ئوينايدىغان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ كېيىنكى ئايلانما مۇسابىقىسى يەنىلا ياۋروپا پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

    فرانسىيە تاراتقۇسى «RMC تەنتەربىيىسى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىنى نەق مەيداندا كۆرىدىغانلاردىن سىياسىي ساھەسىدىكى داڭلىق زاتلار، ياۋروپا پۇتبول ساھەسىدىكى كۆپلىگەن مۇھىم شەخىسلەر بار بولۇپ، شاھزادە باغچىسى توپ مەيدانىنىڭ كۆرۈش سەھنىسىدە نامايەن بولىدىكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ سابىق توپچىسى بىرازىلىيەلىك رونالدو، سابىق خانلىق مادرىد ۋە پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىنىڭ توپچىسى بېكخام، سابىق پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىنىڭ توپچىسى پاۋلېتا، سابىق مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ رىۋايەتلىق مەشقاۋۇلى فېرگۇسون، ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك فرانسىيە زۇڭتۇڭى فرانسۋا ھوللاندى بىلەن نىكولاي ساركوزى، پارىژ شەھىرىنىڭ باشلىقى ئاننا خىدالگو، فرانسىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى دېشامپۇس، داڭلىق مودېل بېللا خادىد قاتارلىقلار چولپانلارنىڭ يىغىلىشى بىلەن شاھزادە باغچىسى توپ مەيدانىنىڭ كۆرۈش سەھنىسى تېخىمۇ قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىدىكەن. 

    مەنبەسى :سىنا تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك