• 90-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتى ھەققىدە تولۇق تەپسىلات ۋە نەق مەيدان فىلىم

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-06 07:28
  • 90-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتى ھەققىدە تولۇق تەپسىلات ۋە نەق مەيدان فىلىم

    بۈگۈن يەنى 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان ھوللىۋودنىڭ 90-نۆۋەتلىك ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى بولدى.



    مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن «سۇنىڭ شەكلى»13 تۈردە ئىسمى ئاتالغان قىززىق نۇقتىلىق فىلىم بولۇپ قالدى. «ئۈچ ئېلان تاختىسى»(三块广告牌)، «دانكىرك»(敦刻尔克) لارمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتى.

    كىرىستوفىر نولەن ئەڭ ياخشى رېژىسسوردا ئىسمى ئاتالدى، كىنو شاھى نامىغا گەرى ئولدمەن مۇۋەپپەق بولدى.

    «قۇشقاچ خانقىز»(伯德小姐) دىكى سايرىس رونان بىلەن «ئۈچ ئېلان تاختىسى» دىكى ئايال باش رولچى قاتتىق تىركەشتى.

    لېكىن ئوسكارغا نىسبەتەن قىزىل كونۋېرىت ھەممىنى بەلگىلەيدۇ.

    شۇڭا ئاخىرقى نەتىجىگە ئېرىشىش بەك ھوزۇرلۇق ئىش بولسىمۇ لېكىن جەريانمۇ ئوخشاشلا ھوزۇرلۇق.

    مەستانىلەر بۇنداق مۇراسىملار ھەققىدە غەيۋەت قىلىشىپمۇ خوشاللىق تاپىدۇ. بۇمۇ كىنو-تىياتىر سەنئىتىنىڭ باشقىلارغا ئېلىپ كەلمەكچى بولغان ئاخىرقى مەقسىتى بولسا كېرەك.

    مەسىلەن: ھەر يىلى ئوسكار مۇكاپاتى تارقىتىلىشتىن بۇرۇن مەستانىلەر ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن فىلىم ۋە چولپانلارنى قوللايدۇ. بۇ يىلمۇ شۇنداق بولدى، تەقلىد قىلىش باشلاندى، ئاجايىپ-غارايىپ تەسەۋۋۇرلار ئوتتۇرىغا چىقتى.

    بۇ قېتىملىق تەقلىد قىلىش ھەرىكىتىدە ئەڭ قىززىغىنى «ئىسمىڭىز بىلەن مېنى چاقىرىڭ»،(请以你的名字呼唤我)،«قۇشقاچ خانقىز»(伯德小姐) بولدى.

    كىچىك قىزچاقنىڭ ئوخشىتىپ دوراپ كەتكىنىنى قارىمامسىز.

    يەنە تېخى ئوسكارغا تەييارلانغان مەززىلىك پىشۇرۇقلار. (24 قېتىم ئوسكار زىياپىتى ئۈچۈن يېمەكلىك تەييارلىغان ئاشپەز ۋولفگاڭ پاك)

    بۇنداق مەززىلىك تاماقتىن سىرت يەنە ساھىبجاماللار كەم بولمايدۇ.

    گەرچە ئوسكار رول ئېلىش ماھارىتىنى ئۆلچەم قىلسىمۇ لېكىن چولپانلار قىزىل گىلەمدە گۈزەللىكتە بەسلىشىدۇ.

    شۇنى ئېيتماي تۇرالمايمىزكى، قىزىل گىلەمدە ئەر چولپانلار ئاساسەن دېگۈدەك كاستيۇم-بۇرۇلكا بىلەنلا كىيىنىشىنى ھەل قىلىدۇ، لېكىن ئايال چولپانلار بولسا گۈزەللىكىنى خالىغانچە نامايەن قىلىۋالىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنداق سورۇندا ياشراق چولپانلار بەكرەك سېھرىي كۈچكە ئىگە.

    ھەممىسىنىڭ ئۆزئالدىغا خاسلىقى، ئالاھىدىلىكى بار.

    لېكىن ئېيزا گونزالېز كۆزنىڭ يېغىنى يېگۈدەك گۈزەل ھالدا نامايەن بوپتۇ.

    پۈتۈنلەي ئۆزىنى قويىۋېتىپ، ئەركىنلىكىنى يەتكۈچە ئىپادىلىگەنلەردىن جېننىفېر لاۋرىنىس قاتارلىقلارمۇ بار.

    نىكول كىدمەن نېمىنىڭ «قېرىماس رىۋايەت» لىكىنى ئىسپاتلىغان.

    ئەر چولپانلار ئارىسىدا ئەڭ ئالاھىدە پەيدا بولغىنى «سۇنىڭ شەكلى» دىكى دوگ جونېس بولغان. ئايال چولپانلار ئىچىدە باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان شەكىلدە نامايەن بولغىنى ئەننى كراك بولغان. ئىشقىلىپ ئادەم كۆرۈپ چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر خىل ئۇسلۇبتا ياسىنىپتۇ.

    مۇراسىم باشلانغاندا جىمىي مور ئۆتكەن يىلقى «خاتا ئاتاپ قېلىش» ۋەقەسىنى تىلغا ئالدى: «بۇ قېتىم ئىسمىڭىز چاقىرىلىپ قالسا، ئالدىراپ سەھنىگە چىقماڭ.»

    شۇنداق قىلىپ رەسمىي تېمىغا ئۆتۈپ كېتەيلى، مۇكاپات تارقىتىش باشلاندى:

    ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى:

    «ئۈچ ئېلان تاختىسى» دىكى سام روكۋېل

    ئەڭ ياخشى ئايال يانداش رولچى:

    «مەن، گۈلدەك ئايال شاھ»(我,花样女王)دىكى ئېلىسىن جېننى، بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى ئوسكار مۇكاپاتى.

    ئەڭ ياخشى كىيىم-كېچەك لايىھەسى:

    «غايىۋى تىككۈچى»(魅影缝匠) فىلىمىدىكى كىيىم لايىھەسى

    ئەڭ ياخشى ھۆججەتلىك فىلىم:

     Netflix ئىشلىگەن «ئىكارۇس»(伊卡洛斯) بولۇپ، 2015-يىللىق رۇسىيەدە چەكلەنگەن دورىلارنىڭ سەتچىلىكى ھەققىدە ئىشلەنگەن.

    ئەڭ ياخشى ئاۋاز ئۈنۈمى، كۆرۈش ئۈنۈمى، مونتاژلىق:

    «دانكىرك» ئۈچ تۈرنى ئالدى. ئەمما نولەندە ئۈمىد قالمىدى.

    ئەڭ ياخشى چەتئەل فىلىمى:

    «ئاددىي ئايال»(普通女人) ناملىق چىلى فىلىمى، دانىيىلا ۋېگا باش رول ئالغان، بىر ئايالنىڭ روھىي دۇنياسى ۋە تۇرمۇشى سۆزلەنگەن.

    ئەڭ ياخشى كارتون فىلىم، ئەڭ ياخشى ئىجادىي كۈي:

    «چۈش ئىزدەش سەپىرى»(寻梦环游记)

     ئەڭ ياخشى قىسقا كارتون:«سۆيۈملۈك ۋاسكىتبول»(亲爱的篮球)

    ئەڭ ياخشى كۆرۈش ئۈنۈمى، ئەڭ ياخشى ئوپىراتورلۇق:

    «كۈمۈش قاناتلىق قاتىل2049»(银翼杀手2049) بولدى.

    ئەڭ ياخشى ھۆججەتلىك قىسقا فىلىم: «جەننەتتىكى توسۇلۇش»(天堂堵塞)

    ئەڭ ياخشى ھەقىقىي ئادەملىك قىسقا فىلىم: «جىمجىت بالا»(沉默的孩子)

    ئەڭ ياخشى ئۆزگەرتىلگەن سېنارىيە. ئەڭ ياخشى ئەسلى سېنارىيە:

    جېيمىس ئىۋورىنىڭ «ئىسمىڭىز بىلەن مېنى چاقىرىڭ»، جوردان پىيىرنىڭ «قورقۇنچلۇق بازاردىن قېچىش»(逃出绝命镇).

    ئەڭ ياخشى سەنئەت يېتەكچىلىكى، ئەڭ ياخشى فىلىم، ئەڭ ياخشى رېژىسسور، ئەڭ ياخشى ئىجادىي مۇزىكا:

    «سۇنىڭ شەكلى»(水形物语) ۋە رېژىسسورى گىلىرمو دېل تورو، ئوسكارنىڭ ئەڭ چوڭ يەڭگۈچىسىگە ئايلاندى.

    ئەڭ ياخشى گىرىم ۋە چاچ پاسونى لايىھەسى، ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى:

    «زۇلمەتلىك پەيت»(至暗时刻) دىكى گەرى ئولدمەن، چېرچىلنىڭ رولىغا چىقىش ئۈچۈن 60 قاداق سەمىرگەن، يەنە نۇرغۇن ھۆججەتلىك فىلىم ۋە ماتېرىياللارنى كۆرگەن بولۇپ، دوراشنى كامالەتكە يەتكۈزگەن.

    ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى:

    «ئۈچ ئېلان تاختىسى» دىكى فرانسىس مەكدورماند بولدى، ئۇنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىنى «قەبىھ ئوخشىتىۋەتكەن» دەپ سۈپەتلەشكە بولىدۇ.

    بۇ يىللىق ئوسكاردا تاساددىپىيلىق بولمىدى، يىقىلىپ چۈشۈشلەر، خاتا ئاتاپ قېلىشلارمۇ بولمىدى، ناھايىتى نورمال ئۆتكۈزۈلدى.

    ئەڭ روشەن بولغىنى بۇ يىللىق كىنولار ئىچىدە ئاياللار تېمىسى ئاساسىي ئورۇندا تۇردى.

    بۇنىڭدىن باشقا ئىسمى ئاتىلىپلا بولدى قىلىنغانلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى.

    ئەڭ ياخشى ئوپىراتور مۇكاپاتى تۇنجى قېتىم بىر ئايالغا بېرىلدى، تېگى ئامېرىكىلىق بولمىغان بىرەيلەن تۇنجى بولۇپ ئەڭ ياخشى ئۆزگەرتىلگەن سېنارىيە مۇكاپاتىغا نائىل بولدى، تۇنجى قېتىم جىنىس ئۆزگەرتكەن ئادەم ئوسكاردا ئىسمى ئاتالدى...دېگەندەك ۋەقەلەرمۇ بار.

    خوش، ئوسكار مۇشۇ يەردە تامام بولدى. كۆرگىنىڭلارغا رەھمەت!


    مەنبەسى :سىنا تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك