• 13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1–يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

  • يوللىغۇچى : مەمەتجان
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-06 07:01
  • 13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1–يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

    شى جىنپىڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، جاڭ گاۋلى، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى

      لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى، لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

      ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

      13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى 3 – ئاينىڭ 5 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، جاڭ گاۋلى، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

        شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 5 – كۈنى تېلېگراممىسى. 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى 3 – ئاينىڭ 5 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ئېچىلىش يىغىنىنىڭ تۆت تۈرلۈك قارالمىسى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلاش، پىلان دوكلاتىنى تەكشۈرۈش، خامچوت دوكلاتىنى تەكشۈرۈش، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈش.

      باش باھاردا بېيجىڭنىڭ ھاۋاسى خېلىلا ئىللىپ قالغان بولۇپ، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇراتتى. خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك زالى تەنتەنىلىك ۋە قىزغىن كەيپىياتقا تولغانىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئوتتۇرىغا ئېسىلغان دۆلەت گېربى قىزىل بايراقلار ئارىسىدا چاقناپ تۇراتتى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3000غا يېقىن ۋەكىلى خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كاتتا يىغىنغا قاتنىشىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن مۇقەددەس بۇرچىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىدۇ.

      يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن چېن شى، ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

      شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، جاڭ گاۋلى، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

      13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2980 نەپەر. 3 – ئاينىڭ 5 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىنغا قاتناشقىنى 2970 نەپەر بولۇپ، قاتناشمىغىنى ئون نەپەر، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بېكىتىلگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

      چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00دا لى جەنشۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەربىي ئوركېستىرنىڭ تەڭكەش قىلىشى بىلەن دۆلەت شېئىرى ئوقۇدى.

      يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلات جەمئىي ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن، بىرىنچى، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈش؛ ئىككىنچى، 2018 – يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۈزلىنىشى؛ ئۈچىنچى، 2018 – يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى توغرىسىدا تەكلىپ.

      12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىدىن بۇيانقى بەش يىل دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئالاھىدە بەش يىل بولدى. لى كېچياڭ توققۇز جەھەتتىن ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتتى: مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەش مۇكەممەللەشتۈرۈلدى ۋە ئۇنىڭدا كۈچەپ يېڭىلىق يارىتىلدى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلىنىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندۈرۈلدى؛ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ كۈچەپ يېتىلدۈرۈلۈپ ۋە زورايتىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلما تېزدىن سەرخىللاشتۇرۇلدى ۋە ئۇنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقى كۈچەپ قوزغىتىلىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمدارلىقى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى؛ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، تۈزۈلمە – مېخانىزمدىكى نۇقسانلار كۈچەپ تۈگىتىلىپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى؛ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش كۈچەپ ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى؛ رايونلار ئارا ماس تەرەققىيات ۋە يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، تەكشى تەرەققىيات كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسى، ئېشىش بەلبېغى تېزدىن يېتىلدۈرۈلدى؛ خەلقنى مەركەز قىلىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، خەلق تۇرمۇشى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈلۈپ ۋە ياخشىلىنىپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى؛ ئىنسانلار بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، مۇھىت بۇلغىنىش كۈچەپ تۈزىتىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؛ ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەلىك ئىقتىدارىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، جەمئىيەتنى تۈزەش زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىلىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولدى.

      لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن بەش يىلنى ئەسلىسەك، نۇرغۇن زىددىيەتلەر گىرەلىشىپ كەتتى، تۈرلۈك خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىسلار ئۈزۈلمىدى، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى نۇرغۇن ئەھۋاللار ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ھەقىقەتەن تەستە قولغا كەلدى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

      لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سەگەكلىك بىلەن شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى، ئېلىمىز يەنىلا سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ھەم ئۇزاققىچە تۇرىدۇ، يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، تەرەققىيات تەكشى بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىقتەك بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەر تېخى ھەل قىلىنمىدى. بىز چوقۇم دۆلەت ۋە خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى، جاپا – مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان جاسارەت، قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن خىزمەتلەرنى بەجانىدىل ياخشى ئىشلەپ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىقىغا كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.

      لى كېچياڭ دوكلاتتا 2018 – يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي كۆزلىمە نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %6.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش؛ ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتىنى %3 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش؛ شەھەر – بازارلاردىكى 11 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر – بازارلاردىكى ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %5.5 ئىچىدە، شەھەر – بازارلاردىكى تىزىمغا ئېلىنغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4.5 ئىچىدە تىزگىنلەش؛ ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئاساسەن ماسلاشتۇرۇش؛ ئىمپورت – ئېكسپورتنى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندۈرۈپ، خەلقئارا كىرىم – چىقىمدا ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش؛ بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %3تىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىپ، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش مىقدارىنى سىجىل تۆۋەنلىتىش؛ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ماكرولۇق پىشاڭ نىسبىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، تۈرلۈك خەۋپ – خەتەرنىڭ تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت.

      لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: 2018 – يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ۋە ئىلگىرىلەشنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىگىلەپ، تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك: بىرىنچىدىن، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىككىنچىدىن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ ئۈچىنچىدىن، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش.

      لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: 2018 – يىلى توققۇز تۈرلۈك خىزمەتنى پۇختا ھەم ياخشى ئىشلەش كېرەك: بىرىنچىدىن، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىككىنچىدىن، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش؛ ئۈچىنچىدىن، ئۇل خاراكتېرلىك ھالقىلىق ساھەلەر ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ تۆتىنچىدىن، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش؛ بەشىنچىدىن، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويۇش؛ ئالتىنچىدىن، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش؛ يەتتىنچىدىن، ئىستېمالنى پائال كېڭەيتىش ۋە ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ سەككىزىنچىدىن، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ توققۇزىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ياخشىلاش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش.

      لى كېچياڭ يەنە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مىللەت، دىن ۋە مۇھاجىرلار خىزمىتى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى، ئېلىمىزنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى شەرھلىدى.

      يىغىن قارالمىسى بويىچە، يىغىندا 2017 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2018 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى دوكلاتى ھەم 2018 – يىللىق پىلان لايىھەسى، 2017 – يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2018 – يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى دوكلاتى ھەم 2018 – يىللىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خامچوت لايىھەسى قاراپ چىقىلدى.

      يىغىندا 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپ ۋاڭ چېن بەرگەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى(لايىھە) توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

      ۋاڭ چېن مۇنداق كۆرسەتتى: ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ باش نىزامنامىسى، پارتىيە ۋە خەلق ئىرادىسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، قانۇن ئارقىلىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئاساسىي قانۇن ئارقىلىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئومۇمىيىتى ھەم ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چىقارغان مۇھىم قارار، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور تەدبىر.

      ۋاڭ چېن مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز ھازىر يولغا قويۇۋاتقان ئاساسىي قانۇن دۆلەت ئەھۋالىغا، ئەمەلىيىتىگە ۋە دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ياخشى ئاساسىي قانۇن، ئۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تۈپ قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاساسىي قانۇننى قەتئىي قوغداش، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، ئۇنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قانۇن يېڭى ۋەزىيەتكە ئۈزلۈكسىز ئۇيغۇنلاشقان، يېڭى تەجرىبىلەرنى قوبۇل قىلغان، يېڭى نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، يېڭى قائىدىلەرنى چىقارغاندا، ئاندىن ھاياتىي كۈچىنى ئۇزاققىچە ساقلىيالايدۇ. يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش يېڭى ۋەزىيىتى ھەم يېڭى ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئىزچىللىقى، مۇقىملىقى، نوپۇزىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ساقلاش ئاساسىدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا مۇۋاپىق تۈزىتىش كىرگۈزۈش زۆرۈر.

      ۋاڭ چېن مۇنداق كۆرسەتتى: ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك زور سىياسىي پائالىيەت ۋە زور قانۇن چىقىرىش پائالىيىتى، ئۇنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىش شەرت. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئومۇمىي تەلىپى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىش، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق خوجايىن بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن مۇھىم نەزەرىيەۋى قاراش ۋە مۇھىم فاڭجېن – سىياسەتلەرنى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىغا كىرگۈزۈش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى نەتىجە، يېڭى تەجرىبە، يېڭى تەلەپلەرنى گەۋدىلەندۈرۈش، دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئىزچىللىقى، مۇقىملىقى، نوپۇزىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ساقلاش ئاساسىدا ئاساسىي قانۇننىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، مۇكەممەل تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش.

      ۋاڭ چېن مۇنداق دېدى: يۇقىرىقى ئومۇمىي تەلەپنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، بۇ قېتىم ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە تۆۋەندىكى پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىندى: بىرىنچى، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش؛ ئىككىنچى، قانۇن بويىچە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئۈچىنچى، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشلارنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش؛ تۆتىنچى، ئاساسىي قانۇنغا قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈش، چوڭ ئۆزگەرتىش قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇش.

      ۋاڭ چېن مەركەزنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپى ۋە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى ئىزاھلىغاندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنىڭ كونكرېت مەزمۇنىنى 11 جەھەتتىن تونۇشتۇردى: ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى تۇرغۇزۇش؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ مەزمۇنىنى تەڭشەش، تولۇقلاش؛ دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش تەدبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئېلىمىزنىڭ ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش تەرەققىيات مۇساپىسى مەزمۇنىنى تولۇقلاش، مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپى ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى مەزمۇنىنى تولۇقلاش، مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتى جەھەتتىكى مەزمۇنلارنى تولۇقلاش؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش مەزمۇنىنى تولۇقلاش؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان مەزمۇنلارنى كۆپەيتىش؛ دۆلەت رەئىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش جەھەتتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش؛ رايون تەسىس قىلىنغان شەھەرلەرنىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش بەلگىلىمىسىنى كۆپەيتىش؛ رېۋىزىيە كومىتېتىغا ئالاقىدار تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى كۆپەيتىش.

      رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغانلاردىن يەنە دىڭ شۆشياڭ، ما كەي، ليۇ خې، ليۇ يەندۇڭ، شۈ چىلياڭ، سۈن چۈنلەن، لى شى، لى چياڭ، لى جيەنگو، لى خۇڭجۇڭ، لى يۈەنچاۋ، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، جاڭ يوۋشيا، چېن چۈەنگو، چېن مىنئېر، فەن چاڭلۇڭ، خۇ چۈنخۇا، گو شېڭكۈن، خۇاڭ كۈنمىڭ، سەي چى، ۋاڭ چىشەن، يوۋ چۈەن، ۋاڭ شېڭجۈن، چېن چاڭجى، يەن جۈنچى، جاڭ پىڭ، شياڭبا پىڭسو، جاڭ باۋۋېن، چاڭ ۋەنچۈەن، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، دۇ چىڭلىن، خەن چىدې، پابالا گېليېلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، لىن ۋېنيى، لو فۇخې، خې خوۋخۇا، جاڭ چىڭلى، لى خەيفېڭ، چېن يۈەن، لۇ جەنگۇڭ، جوۋ شياۋچۈەن، ۋاڭ جيارۈي، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چى شۈچۈن، چېن شياۋگۇاڭ، ما پېيخۇا، ليۇ شياۋفېڭ، ۋاڭ چىنمىن، لياڭ جېنيىڭ، ليۇ چىباۋ ھەم مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن، جاۋ كېشى، ۋۇ شېڭلى، ما شياۋتيەن قاتارلىقلار بار.

      شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سۈي شىئەن يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ھەم رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

      سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

      مەركەز ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ياكى يىغىننى سىرتتىن ئاڭلىدى. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى يىغىننى سىرتتىن ئاڭلىدى.

    مەنبەسى :شىنجاڭ گېزىتى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك