• پارىژ سانت گېرماننىڭ خانلىق مادرىدنى شاللىيالىشىدىكى 10 سەۋەب

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-07 02:17
  • پارىژ سانت گېرماننىڭ خانلىق مادرىدنى شاللىيالىشىدىكى 10 سەۋەب

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە پارىژ سانت گېرمان ساھىبخان مەيداندا خانلىق مادرىدنى كۈتىۋالىدۇ، تۇنجى ئۇچرىشىشتا خانلىق مادرىد 1:3 نەتىجە بىلەن پارىژ سانت گېرماننى مەغلۇپ قىلغان. لېكىن، «كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ پارىژ سانت گېرمانغا ئىشەنچى بار بولۇپ، ئۇلار پارىژ سانت گېرماننىڭ ئىككىنچى ئۇچرىشىشتا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنى شاللىيالىشىدىكى 10 سەۋەبنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

    1. پارىژ سانت گېرمان «يۇقىرى بېسىملىق قازان»غا ئوخشايدۇ: پارىژ سانت گېرمان يېقىندىن بۇيان ئىنتايىن قورقۇنچلۇق كەيپىياتنى پەيدا قىلغان بولۇپ، بۇنداق ھالەت ئىلگىرى شاھزادە باغچىسى مەيدانىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان. گەرچە تەجرىبىسى مول بولغان خانلىق مادرىد توپچىلىرى بۇنىڭلىق بىلەنلا تەسىرگە ئۇچراپ قالمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارغا چۈشىدىغان بېسىم ھەرگىزمۇ ئاز ئەمەس.

    2. خانلىق مادرىدنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئەھۋالى: خانلىق مادرىدنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىپادىسى كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ، بىرلەشمىدە ئۇلار بارسېلونانىڭ كۆپ ئارقىدا قالدى، شاھلىق لوڭقىسىدىمۇ شاللاندى، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپىسىدىنمۇ ئىككىنچى بولۇپ چىقتى.

    3. پارىژ سانت گېرماننىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدىكى ئىپادىسى: بېرنابۇغا بېرىشتىن ئىلگىرى، پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ قالتىس نەتىجىسىنى ياراتقان، ئالتە ئايلانمىدىكى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، پارىژ سانت گېرمان 15 نومۇرغا ئېرىشكەن، 25 توپ كىرگۈزۈپ، پەقەت تۆت توپ كەتكۈزگەن، ئۇلار ساھىبخان مەيداندا 0:3 نەتىجە بىلەن كۈچلۈك بولغان بايرېن مىيۇنخېننى مەغلۇپ قىلغان.

    4. پارىژ سانت گېرماننىڭ ساھىبخان مەيدان ئەۋزەللىكى: پارىژ سانت گېرمان بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ساھىبخان مەيدان مۇسابىقىلىرىدە بىر قېتىممۇ ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، ئۇلارنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئۇتتۇرغان مۇسابىقىلىرىنىڭ ھەممىسى مېھمان مەيداندا.

    5. كاۋانى بىلەن مىباپپېنىڭ ھۇجۇم گۇرۇپپىسى: گەرچە نېيمار بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشالمىسىمۇ، لېكىن كاۋانى بىلەن مىباپپېنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدىكى ئىپادىسىمۇ ئىنتايىن قالتىس، كاۋانى يەتتە مەيداندا ئالتە توپ كىرگۈزگەن، مىباپپې بولسا تۆت توپ كىرگۈزگەن.

    6. خانلىق مادرىدنىڭ مۇداپىئە سېپى مۇستەھكەم ئەمەس: خانلىق مادرىد بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى يەتتە مەيدان ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە سەككىز توپ كەتكۈزدى، بىرلەشمىدىكى 27 مەيدان مۇسابىقىدە 29 توپ كەتكۈزدى، پارىژ سانت گېرمان توپچىلىرى ئۇلارغا ئاز دېگەندە ئىككى توپ كىرگۈزەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

    7. پارىژ سانت گېرماننىڭ مۇداپىئە سېپى ئىنتايىن تەكشى: تىياگو سىلۋا مۇسابىقىگە چۈشىدۇ، ئۇندىن باشقا ماركىنىئوسمۇ ئەسلىگە كەلدى، بۇ پارىژ سانت گېرمانغا نىسبەتەن ئىنتايىن ياخشى ئۇچۇر.

    8.خانلىق مادرىد پارىژ سانت گېرمان بىلەن مېھمان مەيداندا مۇسابىقىلەشكەندە ئەۋزەللىكنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن: خانلىق مادرىد ئىلگىرى ئۈچ قېتىم مېھمان مەيداندا پارىژ سانت گېرمان بىلەن مۇسابىقىلەشكەن بولۇپ، ئىككى قېتىم تەڭلەشكەن ھەمدە بىر قېتىم ئۇتتۇرغان. ئۇتتۇرغان مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى 4:1 بولغان.

    9. ئومۇمىي نەتىجە چوڭ پەرقلەنمەيدۇ: ئىككى كوماندىنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى يەتتە مەيدان مۇسابىقىسىدە، خانلىق مادرىد ئۈچ قېتىم غەلىبە قىلغان، ئىككى قېتىم تەڭلەشكەن، ئىككى قېتىم ئۇتتۇرغان.

    10. پۇتبول پارىژ سانت گېرمانغا بىر پۇرسەت قەرز: ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە، پارىژ سانت گېرمان تۆت توپ ئالدىدا تۇرۇپمۇ بارسېلونانىڭ نەتىجىنى تەتۈر ئايلاندۇرۇشىغا دۇچ كەلگەن، بۇ قېتىم پارىژ سانت گېرمان ياخشى ئامەتلەرگە ئىگە بولۇشى كېرەك.

    مەنبەسى :تېڭشۈن تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك