• خانلىق مادرىدنىڭ پارىژ سانت گېرمانغا بولغان نارازىلىقى چېكىگە يەتتى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-07 02:46
  • خانلىق مادرىدنىڭ پارىژ سانت گېرمانغا بولغان نارازىلىقى چېكىگە يەتتى

    پارىژ سانت گېرمان بىلەن بولغان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىن ئىلگىرى، خانلىق مادرىد پارىژ سانت گېرمان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشى دەپ قارىغان. لېكىن، «ماركا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پارىژدا تۈرلۈك ئىشلارغا يولۇققاندىن كېيىن، خانلىق مادرىد پارىژ سانت گېرماندىن ئىنتايىن نارازى بولغان.

    شۇيەر ۋاقتى سەھەر سائەت 1:30دا، نەچچە يۈزلىگەن پارىژ سانت گېرمان مەستانىسى خانلىق مادرىد توپچىلىرى چۈشكەن مېھمانخانىنىڭ ئالدىغا بېرىپ خانلىق مادرىدنى ھاقارەتلىگەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگىنىچە «خانلىق مادرىد» دەپ يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاشقا باشلىغان. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى خانلىق مادرىد توپچىلىرىنىڭ ياخشى ئارام ئالالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، كۆپلىگەن توپچىلار ۋە ترېنىرلار ئەسەبىي مەستانىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتكەن.

    ئۇندىن باشقا، تۇنجى ئۇچرىشىشتىكى مۇسابىقىدىن كېيىن، پارىژ سانت گېرمان رەئىسى ناسىر رېپىرنى خاتا ھۆكۈم چىقاردى دەپ ئەيىبلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىدىن خانلىق مادرىد ھەيران قالغان. خانلىق مادرىد يۇقىرى قاتلىمى پارىژ سانت گېرمان بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋىتىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىنى دەپلا يوققا چىققانلىقىدىن ئەپسۇسلانغان.

    يېقىندا، پارىژ سانت گېرمان ئورگان تورى بىر «ئۇرۇش» تېمىسىدىكى فىلىم ھەمبەھىرلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلدا مۇسابىقىنى كۈتۈۋېلىشى خانلىق مادرىدنى بىئارام قىلغان، پارىژغا بارغاندىن كېيىنكى مەستانىلەرنىڭ قىلمىشى ئۇلارنىڭ پارىژ سانت گېرمانغا بولغان نارازىلىقىنى چېكىگە يەتكۈزگەن.

    مەنبەسى :سىنا تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك