• داڭلىق كۇلۇبلار كەتكۈزۈپ قويغان گىگانت چولپانلارغا نەزەر

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-09 02:25
  • داڭلىق كۇلۇبلار كەتكۈزۈپ قويغان گىگانت چولپانلارغا نەزەر

    يېقىندا، سابىق موسكۋا پاراۋۇز كوماندىسى رەئىسى نائۇموف كۇلۇبنىڭ 2008-يىلى 10 مىليون ياۋرولۇق يۆتكىلىش سوممىسى بىلەن نېيمارنى قوشۇۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى، لېكىن بۇ سودىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى ئاشكارىلانغان. ئۇ بۇ ئەھۋالنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، «Goal» تۈرلۈك مەسىلىلەر تۈپەيلى كەلگۈسىدىكى داڭدار توپچىلارنى قوشۇۋېلىشتىن قۇرۇق قالغان كۇلۇبلارنى تىزىپ چىققان.

    فرانكو بارېسى (خەلقئارا مىلان)

    فرانكو بارېسى باشتا ئاكىسىغا ئوخشاش خەلقئارا مىلانغا قوشۇلۇشنى ئارزۇ قىلغان بولۇپ، لېكىن خەلقئارا مىلاندا سىناق مەشىقكە قاتناشقاندىن كېيىن رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغان، سەۋەبى ئۇنىڭ بويىنىڭ بەكلا پاكار بولغانلىقى ئىدى.

    لېكىن، ئۇنىڭ ترېنىرى ئۇنى AC مىلانغا ئاپارغان بولۇپ، بىر نەچچە قېتىملىق سىناق مەشىقتىن كېيىن، AC مىلان ئۇنى قوبۇل قىلغان. AC مىلاننىڭ بۇ قارارى بەلكىم كۇلۇب تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس قارار بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى بارېسىنىڭ بويى ئۆسۈپلا قالماي، يەنە دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇداپىئەچىنىڭ بىرىگە ئايلاندى، ئۇنى ئەينى ۋاقىتتىكى ساچى مەشقاۋۇللۇق قىلغان AC مىلاننىڭ ئۇلى ۋە AC مىلان تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ توپچى دېيىشكە بولىدۇ.

    بۇففون (AC مىلان)

    قاپقىچى بولۇشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن بۇففون ئىتالىيەدىكى بولوگنا، AC مىلان ۋە پارما قاتارلىق ئۈچ كۇلۇبنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بۇ ئۈچ كۇلۇبنىڭ ھەممىسى بۇففوننى سىناق مەشىقى قىلىشقا تەكلىپ قىلغان، بولوگنا ئىككى قېتىملىق كۈزىتىشتىن كېيىن بۇففوننىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئېتىراپ قىلمىغان، لېكىن AC مىلان ئۇنىڭ يوشۇرۇن كۈچىدىن قىلچە گۇمانلانمىغان، ھەتتا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا توختامنى يەتكۈزۈپ بەرگەن.لېكىن، AC مىلاننىڭ ئۆسمۈرلەر ياتىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇففوننىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى باشقا جايغا ئاپىرىشنى قارار قىلغان، بۇ چاغدا پارمانىڭ قاپقىچى ترېنىرى فۇلگونى پارمانىڭ تېز سۈرئەتتە بۇففوننى قوشۇۋېلىشىنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، بۇففوننىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ئۇلارنىڭ بۇ تەكلىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغان ھەمدە 17 يېشىدا پارمادىكى تۇنجى مۇسابىقىسىنى كۈتىۋالغان.

    ئۇنىڭ پارماغا ۋاكالىتەن چۈشكەن تۇنجى مۇسابىقىسى دەل AC مىلان بىلەن بولغان مۇسابىقە بولۇپ، باگگىئو قاتارلىق داڭدار توپچىلارنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇپ قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلغاندىن كېيىن، بۇففون ئاستا-ئاستا پارمانىڭ ئاساسلىق قاپقىچىسىغا ئايلانغان، بىر ئەۋلاد گىگانت چولپان مانا مۇشۇنداق بارلىققا كەلگەن.

    دىروگبا (ئارسېنال)

    پۇتبول دۇنياسىدا قايسى كۇلۇب مەشقاۋۇلىنىڭ داڭدار توپچىلارنى كەتكۈزۈپ قويغان سانى ئەڭ كۆپ دېيىلسە، ھەممەيلەن چوقۇم ۋېنگېرنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ، ئۇ ئۆتكەن 20 يىل ئىچىدىكى بارلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك توپچىلارنى قوغلىشىپ باققان. 

    ۋېنگېر ئىلگىرى دىىوگبانى قوشۇۋېلىشنى ئويلاشقان ھەمدە ئىنتايىن تۆۋەن باھا بىلەن قوشۇۋېلىش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشكەن، لېكىن ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا باشقا ھەرىكەت قوللانمىغان. شۇنىڭ بىلەن دىروگبا كېيىنكى كۈنلەردە ۋېنگېرنىڭ ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقىغا ئايلانغان بولۇپ، چۈنكى ئۇ چېلسىدىكى ۋاقتىدا ئارسېنالغا ئىنتايىن كۆپ تەھدىت ئېلىپ كەلگەن.

    رۇد گۇللىت (ئارسېنال)

    ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى، گوللاندىيە كۇلۇبى HFC Haarlem ئىنتايىن ئېغىر بولغان ئىقتىساد كىرىزىسىگە يولۇققان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئارسېنال بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارغا كۇلۇبتىكى تالانتلىق توپچى رۇد گۇللىتنى تەۋسىيە قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا ئارسېنالنىڭ مەشقاۋۇلى تېررى نېل بىلەن ترېنىرى دون خوۋ گوللاندىيەگە بېرىپ ئۇنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگەن بولۇپ، لېكىن گۇللىتنىڭ ئىپادىسى ئۇلارنى قايىل قىلالمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئارسېنال 200 مىڭ فوندستېرلىڭلىق يۆتكىلىش سوممىسى بىلەن ئۇنى قوشۇۋېلىشنى رەت قىلغان. لېكىن، بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، بىر قەنچە كۇلۇبتا توپ تېپىپ يۇقىرى سەۋىيەگە ئېرىشكەن گۇللىت، 1987-يىلى ئالتە مىليون ياۋرو فونستېرلىڭلىق يۆتكىلىش سوممىسى بىلەن AC مىلانغا قوشۇلۇپ، بىر ئەۋلاد گىگانت چولپانغا ئايلاندى.

    زىلاتان ئىبراھىموۋىچ (ئارسېنال)

    ئىبراھىموۋىچنىڭ مۇنداق بىر گېپى بار، 2001-يىلى ئارسېنال مەشقاۋۇلى ۋېنگېر ئۇنى سىناق مەشىق قىلىشقا تەكلىپ قىلغان بولۇپ، لېكىن ئۇنىڭ جاۋابى «زىلاتان سىناق مەشىقى قىلمايدۇ»، بولغان. بۇ ئىبراھىموۋىچنىڭ خارەكتېرىگە چۈشىدىغان جاۋاب.

    ئەمەلىيەتتە، ئۇ ۋېنگېرنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان، لېكىن ئۇنىڭ ۋەكىلى «سەن سىناق مەشىقكە قاتناشمايسەن» دېگىنىچە ئۇنى لوندوندىن ئېلىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئەينى ۋاقىتتا ئارسېنالنىڭ 9-نومۇرلۇق مۇسابىقە كىيىمىنىمۇ كىيىپ بولغان ئىبراھىموۋىچ ئاجاكسقا قوشۇلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ ھەممىنى ھاياجانغا سالغان گىگانت چولپان كەچۈرمىشىنى باشلىغان.

    لېۋاندوۋىسكى (بىلاكبوم)

    بەزى ئىشلارغا تەن بەرمەي بولمايدۇ. 2010-يىلى 4-ئايدا، بىلاكبوم لېۋاندوۋىسكىنى قوشۇۋالماقچى بولغان بولۇپ، ئۇنى بىلاكبومغا كېلىشكە تەكلىپ قىلغان. لېكىن لېۋاندوۋىسكى تۇرۇشلۇق ئىسلاندىيەدە يانار تاغ پارتلىغانلىقتىن بارلىق ئايروپىلانلار ئۇچۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئېنگلاندقا بارالمىغان ھەمدە بىلاكبومغىمۇ قوشۇلالمىغان.

    لېكىن، ئىككى ئايدىن كېيىن، ئۇ دورتموندقا قوشۇلغان ھەمدە دورتموندتا ياۋروپا ۋە دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

    دىگو مارادونا (شېففىيلىد بىرلەشمىسى)

    مارادونا 17 ياش ۋاقتىدا، ئەينى ۋاقىتتىكى شېففىيلىد بىرلەشمىسىنىڭ مەشقاۋۇلى خاررىي خاسلام ئارگېنتىناغا بېرىپ ئۇنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈپلا ئۇنى قوشۇۋېلىش قارارىغا كەلگەن، كۇلۇبمۇ 200 مىڭ فوندستېرلىڭ بىلەن بۇ نامسىز، پاكار ئوتتۇرا مەيدان توپچىسىنى قوشۇۋېلىشنى سىناپ باقماقچى بولغان. لېكىن ئارگېنتىنا ياشلار كوماندىسى شېففىيلىد بىرلەشمىسىنىڭ باھانى يۇقىرىلىتىشىنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن شېففىيلىد بىرلەشمىسى مارادونانى قوشۇۋېلىشتىن ۋاز كېچىپ، ئەينى ۋاقىتتا مارادونادىن كۆپ تەسىر كۈچكە ئىگە سابېللانى قوشۇۋالغان، لېكىن سابېللا شېففىيلىد بىرلەشمىسىنىڭ ئېنگلاندتىكى ئۈچىنچى دەرىجىلىك بىرلەشمىگە چۈشۈپ كېتىشىنى توسۇپ قالالمىغان. مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، تېخىمۇ ياش بولغان ئاشۇ توپچى شېففىيلىد بىرلەشمىسىنىڭ تارىخىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئىسمى دىگو مارادونا.

    مېسسى (نېۋۋىل قېرى يىگىتلار كوماندىسى)

    مېسسى ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىنى نېۋۋىل قېرى يىگىتلار كوماندىسىدا باشلاشنى ئۈمىد قىلغان. ئۇ ئالتە يېشىدىن باشلاپلا نېۋۋىل قېرى يىگىتلار كوماندىسىدا توپ تېپىشنى باشلىغان بولۇپ، لېكىن 10 ياش ۋاقتىدا ھورمون يېتىشمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئىنتايىن پاراكەندە بولۇپ كەتكەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ سۇغۇرتا پىلانى پەقەتلا مېسسىنىڭ ئىككى يىللىق داۋالىنىشىغا يېتەتتى. نېۋۋىل قېرى يىگىتلار كوماندىسى مېسسىنى ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇ ۋەدىسىدە تۇرمىغان.

    شۇنىڭ بىلەن، مېسسى بارسېلوناغا بېرىپ سىناق مەشىقكە قاتناشقان، كارلوس رېكساچ كەلگۈسىدىكى گىگانت چولپاننى قولدىن بېرىپ قويمىغان ھەمدە 13 ياشلىق مېسسى بىلەن ئادەتتىكى قەغەز ئارقىلىقلا توختام تۈزگەن. بارسېلونادا، ئەينى ۋاقىتتا «پاكار ئادەم» دەپ لەقەمگە ئېرىشىپ قالغان بۇ بالا دۇنيانى زىل-زىلىگە سالغان گىگانت چولپانغا ئايلاندى.

    نېيمار (موسكۋا پاراۋۇز كوماندىسى)

    2008-يىلى، ئەمدىلا 16 تاشقا كىرگەن نېيمارنىڭ قالتىس ئىپادىسى موسكۋا پاراۋۇز كوماندىسىنى جەلپ قىلغان بولۇپ، لېكىن ئۇلار سانتوسنىڭ 10 مىليون ياۋرو تەلىپىنى قاندۇرۇشنى رەت قىلىپ، نېيمارنى قوشۇۋېلىش پۇرسىتىدىن قۇرۇق قالغان. لېكىن، كېيىن ئۇ بارسېلوناغا قوشۇلدى ھەمدى دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس توپچىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى، بۇلتۇر يازدا 222 مىليون ياۋرولۇق يۆتكىلىش سوممىسى بىلەن پارىژ سانت گېرمانغا قوشۇلۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت توپچىغا ئايلاندى.

    لېكىن، ئەينى ۋاقىتتا موسكۋا پاراۋۇز كوماندىسى نېيمارنى رەت قىلىپ تاللىغان گاتاگوفنىڭ ئىشسىز بولۇپ قالغىنىغا بىر يىلدىن ئاشتى...

    رائۇل (مادرىد ئاتلېتكا)

    ئىلگىرى، رائۇل مادرىد ئاتلېتكىنىڭ سابىق رەئىسىنىڭ نەزىرىدىكى كەلگۈسىدىكى گىگانت چولپان ئىدى. شۇنداق، ئۇ گىگانت چولپانغا ئايلاندى، لېكىن مادرىد ئاتلېتكىدا ئەمەس. بۇ كۇلۇب رەئىسىنىڭ ئىسمى خېسۇس ھىل بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى ناھايىتى كۆپ «ناچار» قارارلارنى چىقارغان، ئەڭ داڭلىق قارارى دەل ئۇنىڭ مادرىد ئاتلېتكىنىڭ ئۆسمۈرلەر بازىسىنى تاقىۋېىتىشى بولغان. ئۇنىڭ بۇ قارارى نۇرغۇن ئۆسمۈر توپچىلارنىڭ كۇلۇبسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، رائۇلمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە.

    لېكىن، ئۇ 15 يېشىدا مادرىد ئاتلېتكىنىڭ بىر شەھەردىكى رەقىبى خانلىق مادرىدقا قوشۇلغان، 17 يېشىدا خانلىق مادرىدنىڭ بىرىنچى سېپىگە كىرگەن، 20 ياشقا توشماي تۇرۇپلا بېرنابۇنىڭ بەلگىسى ئايلانغان.

    كىرىستىيانو رونالدو (لىۋېرپول)

    2003-يىلى، مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن پورتۇگالىيە تەنتەربىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق مۇسابىقىسى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، مانچېستېر بىرلەشمىسى توپچىلىرى فېرگۇسېندىن ئەينى ۋاقىتتا 18 ياش بولغان كىرىستىيانو رونالدونى قوشۇۋېلىشنى ئۆتۈنگەن. فېرگۇسېنمۇ بۇ ئويغا كېلىپ بولغان بولۇپ، ئۇ مەيلى قانچىلىك پۇل كەتسىمۇ كىرىستىيانو رونالدونى قوشۇۋېلىشنى ئەڭ مۇھىم نىشانىغا ئايلاندۇرغان. 

    لېكىن لىۋېرپول بۇنداق قارىمايتتى، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا كىرىستىيانو رونالدونى قوغلاشقان، كىرىستىيانو رونالدومۇ لىۋېرپولغا بېرىشقا ماقۇل بولغان، لېكىن ئۇنىڭ تەلەپ قىلغان مائاشى لىۋېرپولنىڭ ئەسلى پىلانىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن لىۋېرپول ئۇنى قوشۇۋېلىشتىن ۋاز كەچكەن. مەيلى مانچېستېر بىرلەشمىسىدىكى ئالتە يىل بولسۇن ياكى خانلىق مادرىدتىكى بۇ توققۇز يىل بولسۇن، كىرىستىيانو رونالدو بارا-بارا دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس توپچىغا ئايلاندى.

    زىدانى (بىلاكبوم)

    1995-يىلى، بىلاكبوم مەشقاۋۇلى كېننىي دالگلېس زىدانىنى قوشۇۋىلىشنى ئۈمىد قىلغان، ھەتتا ئۇنى بىلاكبومغا تەكلىپ قىلىپ نەچچە كۈن تۇرغۇزغان. لېكىن، بىلاكبوم ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەچكە، كۇلۇب رەئىسى كاپىتاننى ئالماشتۇرۇشنى ھاجىتى يوق دەپ قارىغان، شۇنىڭ بىلەن زىدانى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بىلاكبومغا بارغان دۇگارينىڭ بىلاكبومغا قوشۇلۇشى ئەمەلگە ئاشمىغان.

    بىر يىلدىن كېيىن، زىدانى يۇۋېنتۇسقا قوشۇلغان، شۇنداقلا فرانسىيە دۆلەت كوماندىسىنى باشلاپ 1998-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، 2001-يىلى شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ يۇقىرى باھا بىلەن خانلىق مادرىدقا قوشۇلۇپ، تارىختىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

    ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، بىلاكبوم رەئىسى ئالماشتۇرۇشنى خالىمىغان كاپىتان شېرۋود كەسپىي ھاياتىدا دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن پەقەت ئۈچ مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك