• پارىژ سانت گېرمان سەككىز نەپەر توپچىسىنى سېتىشى مۇمكىن

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-09 02:28
  • پارىژ سانت گېرمان سەككىز نەپەر توپچىسىنى سېتىشى مۇمكىن

    فىرانسىيە «پارىژلىقلار گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پارىژ سانت گېرمان خانلىق مادرىد تەرىپىدىن شاللانغاندىن كېيىن، مەشقاۋۇل ئېمېرىنىڭ كەلگۈسىدە زور ئۆزگىرىش بولىدىكەن، بۇنىڭدىن باشقا، كوماندىدىكى بەزى توپچىلارمۇ كېلەر پەسىل داۋاملىق شاھزادە باغچىسى مەيدانىدا توپ تېپەلمەسلىكى مۇمكىن. «پارىژلىقلار گېزىتى» پارىژ سانت گېرماندىكى بۇ يىل سېتىلىپ كېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى سەككىز توپچىنى ئېلان قىلدى.

    ئوڭ بېك ئالۋېس: كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، ئالۋېس ئاساسلىق ئورۇننى ئىگللىۋالغاچقا، مۇنئېرنىڭ تەرەققىي قىلىش يولى توسۇلۇپ قالغان.

    سول بېك: كۇرزاۋا، يۇرى بىرچىچ: كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، كوماندىنىڭ سول بېك ئورنىنىڭ ئاجىز بولىشى مۇشۇ ئىككى توپچىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىدىن بولغان.

    ئوتتۇرا مەيدان: ۋېراتتى، پاستورى، رابىئوت: رابىئوت ئىلگىرى ناھايىتى ئىستىقباللىق توپچى دەپ قارالغان بولسىمۇ، بىراق خانلىق مادرىد بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە ۋېراتتى بىلەن رابىئوت كوماندىغا كۈچ بېرەلمىگەن، پاستورىنىڭ بولسا قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدىلا يۆتكىلىش خەۋىرى چىققان.

    ھۇجۇمچى: دىمارىيا، كاۋانى: دىمارىيانىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش خەۋىرى چىققىنىغا ئۇزۇن بولدى، كاۋانى بولسا نېيارنىڭ سايىسىدىن قۇتۇلالماي ئۆزىگە تېگىشلىك ئورۇنغا ئېرىشەلمىدى.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك