• دۆلىتىمىزدە ئۆيى بار ئاياللار ئۆيى بار ئەرلەرگە قارىغاندا كۆپ ئىكەن

  • يوللىغۇچى : ئاينۇر
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-09 02:35
  • دۆلىتىمىزدە ئۆيى بار ئاياللار ئۆيى بار ئەرلەرگە قارىغاندا كۆپ ئىكەن

    ئاياللار بايرىمى ھارپىسىدا، ۋاڭيى ئۆي-جاي تور سودىسى تور ئارقىلىق ئەل رايىنى تەكشۈرۈپ، ئاياللارنىڭ ئىستېمالى ۋە ئۆي توغرىسىدىكى ئىشلارنى تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، %76.2 ئاياللارنىڭ نامىدا ئۆيى بار بولۇپ، نىسبىتى ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەن، ئەرلەردىكى بۇ سان %71.8 كە يېتىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۆيى بار ئايال مەمۇرلارنىڭ نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، %82 كە يەتكەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆي سېتىۋېلىش ئاياللارنىڭ ئەڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۆيى بولۇش پۇلى بولۇشقا قارىغاندا كىشىگە تېخىمۇ كۆپ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلالايدىكەن.

    «ئاياللارنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئۆي-جايى بارمۇ؟» بۇ مەسىلىگە قارىتا تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاياللار بۇ كۆز قاراشتا تېخىمۇ چىڭ تۇرغان بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 83.5 نومۇرغا (تولۇق نومۇر 100 بولغان ئەھۋال ئاستىدا، تۆۋەندىكىلىرىمۇ ئوخشاش) ئېرىشكەن بولۇپ، ئەرلەر بىلەن 59.25 نومۇرلۇق زور پەرق ھاسىل قىلغان. ئۆي باھاسى ئىزچىل ئېشىۋاتقان بۇ مەزگىللەردە، ياشلارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش بېسىمى زور بولغان، «ئۆزى ئۆي سېتىۋېلىش» بىلەن «قارشى تەرەپنىڭ تەييار ئۆيى بار ئىكەن» دېگەنلەرنىڭ قايسىسى سىزنى بەكرەك خوشال قىلالايدۇ؟ «ئۆيى بولمىسا تەگمەسلىك» دېگەندەك ئەنئەنىۋى قاراشنىڭ بەلكىم ۋاقتى ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن، «قارشى تەرەپنىڭ تەييار ئۆيى بولۇشىنى خالايدىغان» ئاياللار پەقەت %20.9 ئىگەللىگەن، ئەرلەر ئەكسىچە %31.1 كە كۆپەيگەن. بىراق، ئاياللار ئۆي ۋە ماشىنا سېتىۋېلىش قاتارلىق مۇھىم ئائىلە مالىيە تەدبىرى جەھەتتە يەنىلا ئاجىز كېلىدىكەن، «ئاياللارنىڭ دېگىنى ھېساب» بولۇشى پەقەت %27.5 لا بولىدىكەن؛ لېكىن 60-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلاردىن 80-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلارغىچە بولغان ئائىلىلەردە، بۇ نىسبەت كۆرۈنەرلىك ھالدا ئېشىپ بارغان، پەقەت %12.5 بولغان 60-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ئائىلە ئاياللىرىلا ئۆزى ئىگە بولۇپ ئۆي ئالالايدىكەن؛ ئەمما 70- ۋە 80-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ئائىلىلەرنىڭ بۇ سانى ئۆرلەپ %18.8 ۋە %29.9 كە يەتكەن.

    ئۇندىن باشقا، تەكشۈرۈشتە يەنە كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللارنىڭ ھەر ئايدىكى ئۈچ چوڭ چىقىمى تۇرالغۇ (%14.75)، ئامانەت پۇل-بىسات باشقۇرۇش (%14.33) ۋە «سېتىۋېلىش» (%12.58) بولۇپ، ئەرلەرنىڭ بولسا ئامانەت پۇل-بىسات باشقۇرۇش (%14.92)، تۇرالغۇ (%13.34) ۋە تاماق يېيىش (%11.83) بولغان.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى سوئال قەغىزى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 5000 غا يېقىن تورداشقا ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىناۋەتلىك سوئال قەغىزىدىن 4163 پارچە يىغىۋېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئەر-ئاياللارنىڭ نىسبىتى تەخمىنەن 6:4، توي قىلغانلار بىلەن توي قىلمىغانلارنىڭ نىسبىتى 6:4 بولۇپ، ھەر قايسى ياش قاتلىمىدىكى كىشىلەر ۋە ھەرقايسى شەھەرلەرگىچە قاپلانغان. تەكشۈرۈش ئوبيېكتىدىن بىر يۈرۈش ئۆيى بولغانلارنىڭ يېشى 31 ياش بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار يەنە ئەڭ كېيىن بولغاندىمۇ 36 ياشتىن بۇرۇن ئۆي سېتىۋېلىشتەك چوڭ ئىشنى قوبۇل قىلالايدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ئەرلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشنى قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان ئەڭ يۇقىرى يېشى 37 ياش بولۇپ، ئاياللارغا قارىغاندا نىسپىي بىرقەدەر كەڭ ئىكەن، ئاياللارنىڭ بولسا 35 ياش ئىكەن.

    مەنبەسى :تېڭشۈن تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك