• دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-19 02:49
  • دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون

    ئۇتتار ئىشتاتى ھىندىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ھىندىستاندىكى ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون، ئەمما بۇ جاي ئۆلكە ئەمەس، بەلكى ئىشتات. 

    تارىختىكى ئۇتتار ئىشتاتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «ھىندىستان»، «بىرلەشمە ئۆلكە» قاتارلىق ئوخشىمىغان ناملاردا ئاتالغان. 1950-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى «بىرلەشمە ئۆلكە» رەسمىي ھالدا «ئۇتتار ئىشتاتى»غا ئۆزگەرتىلگەن، ھازىرغا قەدەر مۇشۇ نام قوللىنىلماقتا. 

    ئۇتتار ئىشتاتى بۇرۇن ھىندىستاندىكى يەر كۆلىمى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئۆلكە بولۇپ، مادخيا ئىشتاتى ۋە راجاستان ئىشتاتىنىڭلا ئارقىسىدا تۇراتتى. 2000-يىلى ئۇتتارانچال ئىشتاتىنىڭ دائىرىسى قايتىدىن بەلگىلەنگەندىن كېيىن، ئۇتتار ئىشتاتىنىڭ كۆلىمى 240 مىڭ 928 كىۋادرات كىلومېتىر قىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە تۆتىنچى چوڭ ئىشتات قىلىندى. 

    ئۇتتار ئىشتاتىنىڭ نوپۇسى 240 مىليون بولۇپ، ھىندىستاندىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئىشتات، شۇنداقلا بۈگۈنكى دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون ھېسابلىنىدۇ. 

    ئەگەر بىر دۆلەت دەپ قارالسا، دۇنيادىكى نوپۇسى بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەتكە ئايلىنىپ، بىرازىلىيە ۋە پاكىستاننىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ، تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ھىندونېزىيە بىلەن بولغان پەرقىمۇ 20 مىليونغا يەتمەيدۇ. 

    ئۇتتار ئىشتاتى ھىندىستاندىكى ئىككى چوڭ دەريا گانگې دەرياسى بىلەن جۇمنا دەرياسى ئېقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇ ھىندىستاننىڭ مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، ھىندى دىنى، بۇددا دىنى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ پائالىيەت مەركىزى. 

    ئومۇمەن ئۇتتار ئىشتاتى ھىندىستاننىڭ سىياسىي ۋە دىنىي مەدەنىيىتىدە ئىزچىل مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن. ئۇتتار ئىشتاتىدا كۆپلىگەن مەشھۇر ئاسارە-ئەتىقىلەر بار، مەسىلەن: ۋاراناسى، تاج مەھەل قاتارلىقلار. 

    بۇ ئىشتاتنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت، ھىندىستاندىكى ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك رايونلىرىنىڭ بىرى. ئاساسلىقى شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، شېكەر قومۇش ۋە پاختا تېرىلىدۇ. 

    ئۇتتار ئىشتاتى كىچىك كۆلەمدىكى توپلاشتۇرۇلغان توك يول تاختىسى ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە ھىندىستاندا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپلا قالماي، يەنە ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ ئىشخانا ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەپچىقىرى بازىسى ھېسابلىنىدۇ (بازار ئۈلۈشى %25). ئۇ يەنە ھىندىستاندىكى تۆتىنچى چوڭ يۇمشاق دېتال ئېكىسپورت بازىسى ھېسابلىنىدۇ (ئېكىسپورت سوممىسى 45 مىليارد رۇپىيەگە يېتىدۇ).

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك