• رۇسىيەلىكلەر زۇڭتۇڭ پۇتىنغا زادى قانچىلىك ئامراق؟

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-19 02:13
  • رۇسىيەلىكلەر زۇڭتۇڭ پۇتىنغا زادى قانچىلىك ئامراق؟

    رۇسىيەنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمى بۈگۈن ئۆتكۈزۈلىدۇ. مەيلى رۇسىيە دۆلەت ئىچىدە بولسۇن ياكى سىرتىدا بولسۇن، كۆپىنچە كىشىلەر يەنىلا ھازىرقى زۇڭتۇڭ پۇتىننى يەنە بىر قېتىم زۇڭتۇڭ بولىدۇ، دەپ قارىماقتا. تۆۋەندە بىز بىر يۈرۈش سۈرەتلەردىن رۇسىيە خەلقىنىڭ پۇتىننى نەقەدەر ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى:

    2014-يىلى دېكابىر. موسكۋادا «دەۋرىمىز قەھرىمانلىرى» ناملىق ياشلار مۇھاكىمە مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ئارىلىقتا ياشلار «ۋەتەن سۆيەر كىيىم-كېچەكلىرى»، «ۋەتەن سۆيەر دۇكىنى» قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق رۇسىيە ۋە زۇڭتۇڭ پۇتىنغا بولغان مۇھەببىتىنى نامايان قىلدى.

    2015-يىلى رۇسىيە يېكاتېرىنبۇرگتىكى تۆمۈرچى ئالېكساندېر رېسىياكوۋ ئۆزلىكىدىن پۇتىننىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە تەڭگىسىنى ياساپ، تەڭگىنىڭ ئۈستىگە يەنە «ھەممە شۇنچىلىك تىنچ» دېگەن خەتنى يازغان. ئۇ بۇ پولات خاتىرە تەڭگىسى ئارقىلىق پۇتىن رەھبەرلىكىدىكى رۇسىيەنىڭ ھەرقانداق قىيىن ئۆتكەلدىن بىمالال ئۆتۈپ كېتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    2015-يىل ئىيۇلدا، پۇتىن خەلقئارا بىرلەشمە سۇ ئۈزۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقسىدىكى رۇسىيە تەنھەرىكەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، قىزغىن كۈتىۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولغان. ئۇ ئايال تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ كىيىمىگە ئىمزا قويۇپ ھەمدە ئۇلارنىڭ مۇسابىقىدە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، دۆلەتكە شەرەپ كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلغان.

    2016-يىل سېنتەبىردە، موسكۋا شەھەر كۈنىدە، پۇتىن قىزىل مەيداندا ئۇچىسىغا توي كۆينەك كىيىۋالغان بىر قانچە كېلىنچەكنى ئۇچرىتىپ قالغاندا، كېلىنچەكلەر بەس-بەستە ئۇنى ئورىۋېلىشتى.

    2017-يىلى مارتتا، رۇسىيە-فىرانسىيە ھەمكارىلىقىدىكى ئەتىر ماركىسى «لېئادېرىس»، «پۇتىن» ماركىسىدىكى ئەتىرنى ئوتتۇرىغا چىقارغاندا، كۆپلىگەن ياش قىزلارنىڭ قىزغىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

    2017-يىل ئاۋغۇستا، پۇتىن موسكۋا كوچىسدا كېتىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز ئالتۇن چاچلىق بىرەيلەن كېلىپ، ئۇنى «مەجبۇرىي سۆيۈۋالدى». بۇ ئېرىنا ئىسىملىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى شۇ ئىشتىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئالدى بىلەن پۇتىن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنىلا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، بىراق ئارقىدىن قانداق قىلىپ، قۇچاقلىشىپ مەڭزىگە سۆيۈپ كۆرۈشۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەيلا قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى تۇيۇقسزلا يۈز بەرگەن. كېيىن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى كىم تەشەببۇسكار بولدى؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ بۇنىڭ ھەممىسى ئۆز-ئارا بولۇنغان ئىش، ئۇ ئىنتايىن ئوماق ئەر»، دېگەن.

    2017-يىل ئاۋغۇست، رۇسىيە ۋىلادىمىردىكى مەلۇم بىر كىيىم-كېچەك زاۋۇتى پۇتىننىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن سۇ ئۈزۈش كىيىمىنى ئوتتۇرىغا چىقارغاندا، رۇسىيە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى بازارلاردا كەڭ كۆلەملىك سېتىلىپ، ھەتتا تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالماي قالدى.

    2017-يىل نويابىردا، پۇتىن كىرىمېل سارىيدا «يىللىق ئائىلە» شەرىپىگە ئېرىشكەن ئائىلە ئەزالىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئارىلىقتا ئائىلە باشلىقى «زۇڭتۇڭ ئەپەندى، سىزگە ئازىراقمۇ ھەۋەس قىلمايمەن» ناملىق شېئىرىنى دىكلاماتسىيە قىلدى. شېئىرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: زۇڭتۇڭ ئەپەندى، سىزگە ھەۋەس قىلمايمەن، زىممىڭىزگە دۆلەتتىن ئىبارەت ئېغىر يۈك يۈكلەنگەن. بەزىلەر سىزنى يامان غەرەزدە يارىلاندۇرىدۇ، يەنە بەزىلەر سىزگە قەدەھ كۆتۈرىدۇ. ھەممە ئادەمنىڭ سىزنى ياقتۇرۇپ كېتىشى ناتايىن، بىراق سىزنىڭ راستچىللىقىڭىز ھەممىمىزگە ئايان. ئادەمنىڭ ھەم دوستى ھەم دۈشمىنى بولىدۇ،  تۇرمۇشىڭىزنىڭ ئەركىن-ئازادە، تىنچ-خاتىرجەم بولۇشىغا تىلەكداشمەن، شۇنداقلا، رۇسىيە خەلقىگىمۇ مۇشۇنداق تۇرمۇش يارىتىپ بېرەرسىز. زۇڭتۇڭ ئەپەندى، سىزگە ھەۋەس قىلمايمەن، سىز ھەتتا ئۆزىڭىزگىمۇ تەئەللۇق بولالمايسىز. مەن بەختكە چۆمۈلگەن، بالىلارنىڭ شادلىق ئاۋازى ياڭرىغان دۆلەتنى كۆرسەمكەن، دەيمەن».

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك