• ئەرلەر ئۇتۇق قازىنىشتا ھازىرلاشقا تېگىشلىك 13 شەرت

  • يوللىغۇچى : دىلشات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-20 11:50
  • ئەرلەر ئۇتۇق قازىنىشتا ھازىرلاشقا تېگىشلىك 13 شەرت

    ھەممە ئەر ئۇتۇق قازىنىشنى ئويلايدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن، لېكىن بەزىلەر خىيالىنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرالمايدۇ، يەنە بەزىلەر ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىنىم تاپماي كۈرەش قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن سىز يەنە بىر قىسىم شەرتلەرنى ھازىرلاشقا ئەھمىيەت بېرىشىڭىز زۆرۈر، شۇندىلا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوڭۇشلۇق ھالدا كۆزلىگەن مەنزىلىڭىزگە يېتەلەيسىز.

    1. ياخشى پىسخىكا ساپا ئىنتايىن مۇھىم، ھازىرقىدەك مۇرەككەپ زامانغا نىسبەتەن، ھەر كۈندە بىر يېڭىلىق يۈز بېرىۋاتقان كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەممە ئىشلارغا بولغان توغرا پىسخىكا ھالىتى يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن زۆرۈر. پىسخىكا ھالىتىڭىز توغرا بولسىلا دۇنيا قارىشىڭىزمۇ توغرا بولىدۇ، سەھنىڭىزمۇ شۇنچە كەڭ بولىدۇ، باشقىلارغا ئاكتىپ ئېنىرگىيە بېرىپ قەلبىنى ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرالايسىز، ئەلۋەتتە، كەلگۈسىڭىزمۇ يورۇق بولىدۇ.

    2. قەتئىي ئىرادىڭىز بولۇشى كېرەك. ھايات ئەگرى-توقايلىققا تولغان، بىر ئۆمۈر ئاسفالىت يولدا ماڭغاندەك راۋان يۈرەلمەيسىز، ئوڭۇشسىزلىققا ۋە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا قەددىڭىزنى رۇس تۇتۇپ يېڭىش ئۈچۈن تىرىشىشىڭىز كېرەك، پاسسىپ كەيپىياتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي، قانچە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانسېرى شۇنچە بەك قايتۇرما زەربە بېرىش ئېڭى كۈچىيىدىغان ھالىتىڭىزنى يېتىلدۈرۈشىڭىز كېرەك، خۇددى پۇرژىنىنى قانچە باسقانسېرى شۇنچە ئۈستىگە ئىنتىلىپ قاڭقىپ چىققانغا ئوخشاش، «پۇرژىنا روھى» بولۇشى كېرەك.

    3. ياخشى ئوبراز ھازىرلاشقا ئەھمىيەت بېرىشىڭىز كېرەك. ھازىرقى زامان ئىككى مىنۇتتىلا بىر ئادەمنىڭ تەقدىرىنى بېكىتىۋېتىدىغان زامان، سالاپەت ئەر كىشىلەرنىڭ ئىسىم كارتوچكىسى، جەمئىيەتكە سىڭىشىپ كىرىدىغان يول خېتى. ياخشى ئوبراز قىياپەت ئەرلەرنىڭ ئىچكى ساپاسىنى، بىلىمىنى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشتۈرەلەيدۇ، كەلگۈسى تەرەققىيات يولىنى تېخىمۇ راۋان قىلىدۇ. لېكىن كېلىشكەن تاشقى قىياپەتلا كۇپايە قىلمايدۇ، سىزدە يەنە شۇنىڭغا چۇشلۇق ساپا بولۇشى كېرەك.

    4. سۆز قابىلىيىتىڭىز يۇقىرى بولۇشى كېرەك. ئەگەر خىزمەت قابىلىيىتى ئوخشاش دەرىجىدىكى ئىككى ئادەم بولسا، سۆز قابىلىيىتى يۇقىرىراق بولغىنى ئاخىرىدا ئۈزۈپ چىقىپ كېتىشى مۇمكىن. خىزمەتتە قانچىلىك قابىلىيەتلىك بولۇپ كېتىڭ، ئەگەر سىزدە ئۆزىڭىزنى تەشۋىق قىلالىغۇدەك سۆز قابىلىيىتى بولمىسا، مەڭگۈ شۇ ساھەدىكى خىزمەتچى بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، ھەرگىز بىر ساھەنىڭ باشلامچىسى بولالمايسىز. سۆز قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئەرلەرنىڭ كەلگۈسى كەسپىي ھايات يولىنى تېخىمۇ كەڭرى قىلىدۇ.

    5. كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ماھىر بولۇشىڭىز كېرەك. دۇنيادا ھەر خىل مىجەزلىك ئادەملەر بار، ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ۋە ئىنتىلىشىمۇ ئوخشىمايدۇ، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە خىلمۇ-خىل پايدا-مەنپەئەت ئامىللىرى يوشۇرۇنغان بولىدۇ. سىز چوقۇم قانداق ۋاقىتتا كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقىش لازىملىقىنى، قانداق ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ نەزىرىگە چېلىقىپ قېلىپ زىيان تارتىپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىملىقىنى بىلىشىڭىز كېرەك، يەنى پەيتنى توغرا تاللىشىڭىز كېرەك، بولمىسا ئۆزىڭىزنىڭ قانداق بولۇپ مەغلۇپ بولغىنىنى ئۇقمايلا قالىسىز.

    ئەقىللىق ئەرلەر كىشىلىك مۇناسىۋەتكە زىل ئامىللارنى بايقاشقا ۋە شۇنىڭغا قارىتا ئىش تۇتۇشقا ماھىر كېلىدۇ، بۇ مەكتەپتە ئۆگىنەلمەيدىغان تۇرمۇش بىلىمى، بەزى كىشىلەر مۇشۇ جەھەتتە تۇغما تالانتقا ئىگە.

    6. ئىجتىمائىي ئالاقىگە ماھىر بولۇشىڭىز كېرەك. بىر قىسىم كىشىلەر ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى ياقتۇرمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەرخىل كىشىلەر بىلەن تونۇش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ، بۇمۇ ئەمەلىيەتتە ئەڭ ياخشى جەمئىيەت دەرسلىكى، پائالىيەتكە كۆپ قاتناشقان كىشىلەرنىڭ زېھنى ئۆتكۈر، ئالاقىگە ماھىر كېلىدۇ، شۇڭا دائىم ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلەيدۇ.

    7. ئۇتۇق قازىنىشنىڭ سىرى سىزنىڭ كىمنى تونۇشىڭىزدا ئەمەس، بەلكى كىملەرنىڭ سىزنى تونۇشىدا. بىر ئادەمنىڭ ئۇتۇق قازىنىشى ئۈچۈن ئىگەللىگەن بىلىمى پەقەت %15 رول ئوينايدۇ، قالغان %85 سىزنىڭ قانچىلىك ئادەمنى تونۇشىڭىزغا باشلىق. بىر تونۇش كۆپ بولسا، بىر يولىڭىز كۆپ بولىدۇ، جەمئىيەت يالغۇز كىشىلىك ناخشا سەھنىسى ئەمەس بەلكى ئوپچە خور، يالغۇز ئۆزىڭىزنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئۇتۇق قازىنالىشىڭىز ناتايىن. كوللېكتىپ كۈچى ئۇتۇق قازىنىشنىڭ جان-تومۇرى.

    8. كېلىشكەن قىياپەت، يۇقىرى سۆز قابىلىيىتى، يۈرۈش-تۇرۇش جايىدا بولۇش، بۇلار ئەلۋەتتە مۇھىم، لېكىن يەنىلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئەگەر سىزدە بۇلار بولۇپ قورسىقىڭىزدا ھېچقانداق ئۇماچ بولمىسا كىشىلەرگە گېپىڭىزمۇ تېتىمايدۇ. ئەقىللىق ئەرلەر خۇددى كۈندە ئۈچ ۋاق تاماق يېگەنگە ئوخشاش، خۇددى يانفونىغا ھەر دائىم توك قاچىلاپ تۇرغىنىغا ئوخشاش مېڭىسىگە بىلىم قاچىلايدۇ. ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن كېلىدۇ، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلىدۇ، بۇنداق ئەرلەر مەڭگۈ زاماننىڭ ئارقىسىدا قالمايدۇ، ئەگىشىپ ھەتتا ئېشىپ ماڭالايدۇ.

    9. ئەرلەرنىڭ ھەممىسى گۈزەل، يۈرۈش-تۇرۇشى كىشىنى جەلپ قىلىدىغان، ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان قىزنى ئەمرىگە ئېلىشنى ئويلايدۇ، لېكىن ھەممىسىنىڭ بۇنداق تەلىيى كېلىشى ناتايىن.

    قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشمۇ بىر سەنئەت، بۇ ھەرگىزمۇ مەن سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلساملا سىزمۇ ماڭا شۇنداق قىلىشىڭىز كېرەك دېگەنگە ئوخشىمايدۇ، سىزنىڭ چوقۇم ياقتۇرغان قىزىڭىزنى جەلپ قىلالىغۇدەك ۋە ئۇنى ئۆزىڭىزگە قارىتىپ بىر ئۆمۈر سىز بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈشكە رازى قىلالىغۇدەك بىڭىسىڭىز ھەم تېخنىكىڭىز بولۇشى كېرەك، بۇمۇ سىزنىڭ كېيىنكى كەسىپ يولىڭىزغا ياخشى يول ئېچىپ بېرەلەيدۇ.

    10. نىكاھ ئىنتايىن مۇھىم، مۇھەببەتلىشىش شېئىرغا ئوخشىسا نىكاھ تۇرمۇشى ھەقىقىي رېئاللىققا ئوخشايدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەزىبىر توقۇنۇشلاردىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ، لېكىن سىز بۇنداق ۋاقىتتا قانداق قىلىپ بۇ خىل ۋەزىيەتنى بېسىقتۇرۇش، ئايالىڭىزنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش جەھەتتە تالانتقا ئىگە بولۇشىڭىز كېرەك، كەڭ-قورساق بولۇپ جېدەلنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنى تىزگىنلىشىڭىز كېرەك، چۈنكى جەڭگە-جېدەل قۇرۇمايدىغان ئۆيدە مۇھەببەت بولمايدۇ، بولسىمۇ مۇھەببەت گۈللىرى بارغانسېرى قۇرۇشىدۇ، ئارقا ھويلىڭىزغا ئوت كەتسە، سىز خىزمەت جەھەتتە نورمال كەيپىياتنى ساقلىيالمايسىز، بۇ سىزنىڭ كەسپىي تەرەققىياتىڭىزغىمۇ توسقۇنلۇق قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ئايالىنى ۋە ئائىلىسىنى بويسۇندۇرالمىغان ئەر ھەرگىزمۇ جەمئىيەتنى بويسۇندۇرالمايدۇ.

    11. كەسىپ ئەرلەرنىڭ ئىككىنچى ھاياتى، خىزمەت ۋاقتىدىكى ئەرلەر ئەڭ جەلپكار كېلىدۇ، شۇندىلا جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ ۋە ئائىلىسىنىڭ تۈۋرۈكى بولالايدۇ. خىزمىتىدىن ئايرىلسا بارلىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ، شۇڭا چوقۇم ئۆزىدە خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالايدىغان كەسپىي ساپا ھازىرلىشى كېرەك.

    12. توغرا بولغان ئىقتىساد قارىشى يېتىلدۈرىشىڭىز كېرەك. ھازىرقى دۇنيادا پۇل بولمىسا نۇرغۇن ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، لېكىن شۇ پۇل بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنى قانداق خەجلەشنىڭ ئۆزىمۇ بىر سەنئەت. مال-دۇنيا سىزنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشىمۇ ۋە ياكى ھالاكەتكە باشلىشىمۇ مۇمكىن، شۇڭا توغرا بولغان ئىقتىساد قارىشى يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.

    13. جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان. سالامەتلىك ھەممىنىڭ دەسمايىسى. ئارزۇيى ئۈچۈن تىرىشىش خاتا ئەمەس، لېكىن بۇنى ساغلاملىق بەدىلىگە تېگىشىش ئەرزىمەيدۇ، چوقۇم ئوخشاش مۇھىم ئورۇنغا قويۇشقا كېرەك، شۇنداق بىر مەنزىلگە يەتكىنىڭىزدە غەلىبە مېۋىڭىزدىن ھوزۇرلانغۇدەك ساغلاملىقىڭىز بولۇشى كېرەك، شۇ 

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00