• ئىۋانكا ئامېرىكىنىڭ تۇنجى ئايال زۇڭتۇڭى بولامدۇ؟ ھىلارى: مۇمكىن ئەمەس

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-22 02:05
  • ئىۋانكا ئامېرىكىنىڭ تۇنجى ئايال زۇڭتۇڭى بولامدۇ؟ ھىلارى: مۇمكىن ئەمەس

    ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى يېقىندا گوللاندىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭدىن ئىۋانكا زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلىنامدۇ؟ دېگەن سوئال سورالدى. 

    تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى مۇنداق سورىدى: «ئېنىقكى ئىۋانكا ئامېرىكىنىڭ تۇنجى ئايال زۇڭتۇڭى بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.» رىياسەتچى سوئالنى تولۇق دەپ بولماي تۇرۇپ، ھىلارى ئالدىراپلا گەپ قىستۇرۇپ: «ئۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، بىز ئاقسارايدا تېخىمۇ كۆپ تەجرىبىسىز تىرامپنىڭ پەيدا بولۇشىنى خالىمايمىز» دېدى. 

    رىياسەتچى 2016-يىللىق سايلام كىشىلەرگە ئويلىمىغان ئىشلارنى ئالدىن پەرەز قىلىشنى ئۆگەتتى، دەپ كۆرسەتكەن ۋاقىتتا، ھىلارى ماقال-تەمسىللەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىر قېتىم ئالدانسىڭىز خاتالىق باشقىلاردا، ئىككى قېتىم ئالدانسىڭىز خاتالىق ئۆزىڭىزدە بولىدۇ. مېنىڭچە ئامېرىكىلىقلار سايلام نامزاتى تېلېۋىزىيە ھەقىقىي ئادەم پىروگراممىسىدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ بولدى.» ھىلارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دېموكراتلار پارتىيەسى ئاۋام پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىق ئورۇننى ئىگىلىشى مۇمكىن ئىكەن، بۇ ئامېرىكىنىڭ تىرامپ جەمەتىنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇپ، توغرا يولغا مېڭىشىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالىدىكەن. 

    بۇنىڭغا قارىتا ئاقساراي باياناتچىسى سارا ساندېس ئىپادە بىلدۈرۈپ: «بۇ ھىلارىنىڭ نېمە ئۈچۈن زۇڭتۇڭ بولالمىغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ ھەمدە ھىلارىنىڭ ئامېرىكا خەلقىدىن پۈتۈنلەي يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى. 

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك