• دوستلۇق مۇسابىقىسى: گوللاندىيە 1:0 ئېنگلاند

  • يوللىغۇچى : akida
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-24 01:41
  • دوستلۇق مۇسابىقىسى: گوللاندىيە 1:0 ئېنگلاند

    بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى سەھەر سائەت 3:45تە بىر مەيدان خەلقئارا دوستلۇق مۇسابىقىسى ئامىستىردامدىكى كىرۇيېف توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، گوللاندىيە كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا ئېنگلاند كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە شىددەتلىك ھۇجۇملارنى قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگۈرۈش بولمىدى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي، ئېنگلاند كوماندىسىدىن لىنگارد توپنى يىراقتىن قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزۈپ، ئېنگلاند كوماندىسىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلدى، كەينىدىن گوللاندىيە كوماندىسى تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلالمىدى، ئاخىرىدا گوللاندىيە كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 1:0 نەتىجە بىلەن ئېنگلاند كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

    مۇسابىقە باشلىنىپلا ساھىبخان مەيداندىكى گوللاندىيە كوماندىسى ئاكتىپ ھالەتكە ئۆتتى.

    مۇسابىقە داۋاملىشىپ 58 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، مېھمان مەيداندىكى ئېنگلاند كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، ئېنگلاند كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، دانني روس سول تەرەپتىن توپنى ھەيدەپ ئوتتۇرىغا پاس تاشلىدى، چەكلەنگەن رايون ئىچىدە مۇداپىئەچىلەر تەرىپىدىن بۇزۇۋېتىلدى، لىنگارد چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مەيدان نەتىجىسى گوللاندىيە 1:0 ئېنگلاند.

    مۇسابىقە جەريانىدا ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرىگە كۈچلۈك ھۇجۇملارنى قوزغاپ، نومۇر پەرقىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۆزگۈرۈش بولمىدى، بولۇپمۇ ئېنگلاند كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى پىكفورد ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇملىرىنى بىر-بىرلەپ يوققا چىقىرىپ، ئېنگلاند كوماندىسىنىڭ توپ كەتكۈزمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى، ئاخىرىدا ئېنگلاند كوماندىسى بىر توپ ئۈستۈنلۈكىنى ئاخىرقى مىنۇتلارغىچە ساقلاپ كېلىپ، مېھمان مەيداندا 0:1 نەتىجە بىلەن گوللاندىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، بۇمۇ ھەم ئېنگلاند كوماندىسىنىڭ 22 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم گوللاندىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىشى بولۇپ، ئامىستىردامدىكى كىرۇيېف توپ مەيدانىدا كۈچلۈك رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىش، ياش ماھىرلاردىن تەشكىللەنگەن ئېنگلاند كوماندىسى ۋە مەشقاۋۇل سوسگارت ئۈچۈن تەبرىكلەشكە ئەرزىگۈدەك بىر ئىش ھىساپلىنىدۇ.

    مەنبەسى :qq.com


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00