• تېڭشۈن دوۋيىننىڭ چەمبىرەكتە توسۇۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئىنكاس قايتۇردى

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-26 03:24
  • تېڭشۈن دوۋيىننىڭ چەمبىرەكتە توسۇۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئىنكاس قايتۇردى

    يېقىندا كۆپلىگەن تورداشلار ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە دوۋيىن (抖音) ۋېدىيولىرىنى ھەمبەھرلىگىلى بولمىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. كونكرېت ئىپادىسى بولسا دوۋيىن ۋېدىيولىرىنى چەمبىرەككە ھەمبەھرلىگەندىن كېيىن، پەقەت ھەمبەھرلىگۈچى كۆرەلىگەن، باشقىلار كۆرەلمىگەن. بۇنىڭغا قارىتا تېڭشۈن ئورگان تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دوستلار چەمبىرىكىدە تەكرار ھەمبەھرلەشنى توسۇش مېخانىزمى بار بولۇپ، مەلۇم ئۇلانما ياكى تور نامىنىڭ يەككە كۈندىكى ھەمبەھرلەش قېتىمى بەلگىلەنگەن قىممەتتىن ئېشىپ كەتكەندە كۆرۈنمەيدىكەن، ئىككىنچى كۈنى سەھەردە ئەسلىگە كېلىدىكەن. 

    تېڭشۈن ئاممىۋى مۇناسىۋەت باش نازارەتچىسى جاڭ جۈنمۇ مىكرو بىلوگدا مۇنداق دېدى: «دوستلار چەمبىكىرىدا ئىزچىل تۈردە تەكرار ھەمبەھرلەش مېخانىزمى بار، ئەتىسى سەھەر سائەت 00:00دە ئاپتوماتىك ئەسلىگە كېلىدۇ. چەكلەپ قويۇش ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس.»

    دوۋيىن 2016-يىلى 9-ئايدا چىقىرىلغان مۇزىكا ئىجادىيىتى قىسقا فىلىمى ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتالى، مەخسۇس ياشلارغا چىقىرىلغان 15 سېكۇنتلۇق مۇزىكىلىق قىسقا فىلىم دېتالى. ئابۇنتلار بۇ دېتال ئارقىلىق مۇزىكا تاللىيالايدۇ، 15 سېكۇنتلۇق قىسقا مۇزىكىلىق فىلىم سۈرەتكە ئالالايدۇ. 

    چوڭ سانلىق مەلۇمات مۇلازىمەت كارخانىسى QuestMobileنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، كۇەيشوۋنىڭ ئەڭ يېڭى كۈندىلىك ئاكتىپ ئەزاسى 120 مىليونغا يەتكەن، باھار بايرىمى مەزگىلىدە دوۋيىننىڭ كۈندىلىك ئاكتىپ ئەزاسى 30 مىليوندىن بىراقلا 60 مىليونغا چىققان. دوۋيىن كۇەيشوۋدىن كېيىنكى جۇڭگودىكى ئىككىنچى چوڭ قىسقا فىلىم ئەپ دېتالى بولۇپ قالدى. 

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك