• دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى «يەر شارىنىڭ بىر سائىتى» پائالىيىتىگە نەزەر

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-26 03:22
  • دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى «يەر شارىنىڭ بىر سائىتى» پائالىيىتىگە نەزەر

    24-مارت، بىر يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «يەر شارىنىڭ بىر سائىتى» مۇھىت ئاسراش پائالىيىتى پۈتۈن دۇنيادا قانات يايدۇرۇلدى. بۇ تۈرلۈك مۇھىت ئاسراش پائالىيىتىدە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى داڭلىق بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەتلەر بىر سائەت چىراغ ئۆچۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىگە بولغان تونۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ تۈرلۈك پائالىيەت 2007-يىلى ئاۋسترالىيەدە باشلانغان بولۇپ، ھازىر 187 دۆلەت ۋە رايون بۇنىڭغا قاتنىشىدۇ. 

    سۈرەتتە، ئاۋسترالىيە سىدنېي تىياتىرخانىسى بىلەن دېڭىز قولتۇقى كۆۋرۈكى.

    مالايسىيانىڭ پايتەختى كۇئالالۇمپۇردىكى داڭلىق «قوش مۇنار»مۇ «يەر شارىنىڭ بىر سائىتى» چىراغ ئۆچۈرۈش پائالىيتىگە قاتناشتى. بۇ تۈرلۈك پائالىيەتكە دۇنيا تەبىئەت فوندى جەمئىيىتى يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، ھەريىلىنىڭ مارت ئېيىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنى شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 20:30 مىنۇت ئۆتكەندە بىر سائەت توك ئۆچۈرۈلىدۇ.

    گىرېتسىيەنىڭ ئافىنا پارتېنون بۇتخانىسى. «يەر شارىنىڭ بىر سائىتى» پائالىيىتى تۇنجى قېتىم 2007-يىل 31-مارت ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېيدا ئۆتكۈزۈلگەن. ئەينى ۋاقىتتا سىدنېيدىكى ئىككى مىليون 220 مىڭ كارخانا قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار بەس-بەستە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا كارخانىسىنىڭ چىرىغى، توكلۇق ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆچۈرگەن. ئارقىدىن، بۇ تۈرلۈك پائالىيەت پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيتىلىپ، نەچچە مىليارد كىشى ۋە كارخانىلار بۇ تۈرلۈك تەشەببۇس ھەرىكىتىگە قاتناشقان.

    سىنگاپورنىڭ بىڭخەيۋەن گۈللۈكىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى دەرەخ لاندشافتى. 2018-يىلىدىكى «يەر شارىنىڭ بىر سائىتى»دىكى تەشكىللىگۈچىلەر سۇلياۋنى ئازايتىپ، يېشىل ئىستېمالنى قانات يايدۇرۇش، بىر قېتىملىق ئىشلىتىدىغان تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئازايتىپ، قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئېنىرگىيەلەرنى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلدى.

    ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىدىكى «ھىندىستان ئىشىكى». بۇ جاي بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قازا قىلغان ھىندىستانلىقلارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ياسالغان بولۇپ، شۇ كۈنى كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئېلىپ پائالىيەتكە قاتناشتى. چىراغ ئۆچكەن مەزگىلدە، پۈتكۈل ھىندىستان ئىشىكى سۈكۈتكە چۆمدى.

    ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى گىلادىياتور مەيدانى. 2018-يىللىق پائالىيەتكە 187 دۆلەت ۋە رايون قاتنىشىپ، پائالىيەت باشلانغان 11 يىلدىن بۇيانقى رېكورتنى ياراتتى.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك