• 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭدا ئېقىم مىقدارى كەزمە ھەققى بىكار قىلىنىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلشات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-27 07:08
  • 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭدا ئېقىم مىقدارى كەزمە ھەققى بىكار قىلىنىدۇ

    ماتېرىيال سۈرەت

        شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭدا ئېقىم مىقدارى كەزمە ھەققى مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە بىكار قىلىنىدۇ، ئۇ چاغدا ئېقىم مىقدارى شىنجاڭ ئىچى ئېقىم مىقدارى ۋە دۆلەت ئىچى ئېقىم مىقدارى دەپ ئايرىلمايدۇ.
        مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 26-كۈنى شىنجاڭ خەۋەرلىشىش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئىدارە شىنجاڭدىكى خەۋەرلىشىش كارخانىلىرىنىڭ يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەرنى رەتلەش ۋە تەڭشەش، سىستېما ئېچىش ۋە ئۆزگەرتىش، سىناق قىلىش ۋە كەسىپ تەجرىبىسى قاتارلىق خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئېقىم مىقدارى كەزمە ھەققىنى بىكار قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىۋېتىپتۇ.
        بۇ يىللىق ئىككى يىغىندا بېرىلگەن «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» تا : تور سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك كەڭ بەلباغلىق تورنىڭ شەھەر-يېزىلارنى قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىۋى سورۇنلاردا ھەقسىز تورغا چىقىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئائىلە، كارخانا كەڭ بەلباغلىق تورى ۋە مەخسۇس لىنىيەنى ئىشلىتىش ھەققىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىپ، ئېقىم مىقدارى كەزمە ھەققىنى بىكار قىلىش، كۆچمە خەۋەرلىشىش ئېقىم مىقدارى خىراجىتىنى بۇ يىل ئىچىدە ئاز دېگەندە %30 تۆۋەنلىتىپ، ئامما ۋە كارخانىلارنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
        شىنجاڭ خەۋەرلىشىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەلى ھۈسەن مۇنداق دېدى: ئىدارىمىز بۇ يىل تور سۈرئىتىنى تېزلىتىپ ھەقنى تۆۋەنلىتىشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، خەۋەرلىشىش كارخانىلىرىنىڭ ئېقىم مىقدارى كەزمە ھەققىنى بىكار قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن سىرت، كارخانىلارنى چوڭ ئېقىم مىقدارى ئالاقە تورى كارتىسى، پەلەمپەيسىمان ئېقىم مىقدارىنى خاتىرجەم ئىشلىتىش قاتارلىق ئېقىم مىقدارى ھەققىنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، كۆچمە خەۋەرلىشىش تور ئېقىم ھەققىنى مۇشۇ يىل ئىچىدە ئاز دېگەندە %30 تۆۋەنلىتىش ھەمدە يەككە ئېقىم مىقدارى ھەققىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تور قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئائىلە كەڭ بەلباغلىق تور ھەققى، كارخانىلار كەڭ بەلباغلىق تور ھەققى ۋە مەخسۇس ھەقلەرنى تۆۋەنلىتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانا ۋە ئابونىچىلارغا نەپ ئېلىپ كېلىدۇ.
        ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىر ئالاقە تورى ئابۇنىچىلىرى 18 مىليون 664 مىڭ، ئەشيا ئالاقە تورى تېرمىنالى 1 مىليون 777 مىڭغا يېتىدۇ. ئاۋازلىق خەۋەرلىشىش كەسپىگە قارىغاندا، ئېقىم مىقدارى كەسپى تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. ھازىر تېلېگراف كارخانىلىرىنىڭ ئېقىم مىقدارى كەسپى ئۆلكە ئىچى ئېقىم مىقدارى ۋە دۆلەت ئىچى ئېقىم مىقدارى دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. دۆلەت ئىچى ئېقىم مىقدارىنىڭ باھاسى ئۆلكە ئىچى ئېقىم مىقدارىدىن ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى بولىدۇ. ئېقىم مىقدارى كەزمە ھەققى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ئابۇنىچىلارنىڭ ئېقىم مىقدارى شىنجاڭ ئىچى ئېقىم مىقدارى ۋە دۆلەت ئىچى ئېقىم مىقدارى دەپ ئايرىلمايدۇ، ئابۇنىچىلارنىڭ ئېقىم مىقدارى ئىشلىتىشتىكى تۈرلۈك ئەندىشىلىرى تەلتۆكۈس يوقىتىلىپ، يان تېلېفون بىلەن ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا خاتىرجەم تورغا چىقىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك