• 6-ئايدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە مېتروغا ئولتۇرۇپ شەھەر ئايلىنايلايسىز

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-27 07:42
  • 6-ئايدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە مېتروغا ئولتۇرۇپ شەھەر ئايلىنايلايسىز

    3-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۈرۈمچى مېترو 1-لىنىيەسىنىڭ شىمال بۆلىكىدە بىر مېترو قۇرۇق ھالەتتە يول يۈرمەكتە. 

    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ ئىگىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچى مېترو 1-لىنىيەسىنىڭ شىمال بۆلىكى يەنى سەككىز قەۋەتتىن خەلقئارا ئايردورومغىچە بولغان بۆلىكىدە يولۇچىسىز قاتناش باشلاپ سىناق قىلىنغان. ئۈچ ئايلىق سىناق قىلىش تاماملانغاندىن كېيىن، 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا مېترو 1-لىنىيەسىنىڭ شىمال بۆلىكىدە يولۇچى سېلىپ سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلىنىدىكەن.

    سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلاش رەسمىي يولۇچى سېلىپ قاتناش باشلاشتىن بۇرۇنقى يولۇچىسىز سىناق قىلىش باسقۇچى بولۇپ، ئالاقىدار ئۈسكۈنىلەرنىڭ تۇراقلىقلىقى ۋە ئىشەنچىلىكلىكى، يۈرۈشلەشتۈرگۈچى خادىملارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى دەلىللەش قاتارلىق يۈرۈشلەشتۈرۈش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى سىناق قىلىدىغان خىزمەت، سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلاش ۋاقتى ئۈچ ئاي بولىدۇ. 

    مېترو 1-لىنىيەسى جەنۇبتا ئۈچ تاش بېكىتىدىن باشلىنىپ، شىمالدا خەلقئارا ئايرودرومدا ئاخىرلىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 27.615 كىلومېتىر؛ جەمئىي 21 بېكەت تەسىس قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە شىمال بۆلىكى سەككىز قەۋەتتىن خەلقئارا ئايرودرومغىچە 16.5 كىلومېتىر بولۇپ، 12 بېكەت بار، ھە بىر بېكەت ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبتا بېزەلگەن. مېترو 1-لىنىيەسىنىڭ شىمال بۆلىكىدە 6-ئايدا يولۇچى سېلىپ سىناق قىلىنىدۇ، 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۈچ تاشتىن خەلقئارا ئايرودرومغىچە بولغان پۈتۈن لىنىيەدە يولۇچى سېلىپ سىناق تەرىقىدە قاتناش باشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. 

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك