• فەرزىيە مۇزەپپەرنىڭ «كىلىڭلار دوستلار ئوينايمىز»MVناخشىسى تارقىتىلدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-31 01:11
  • فەرزىيە مۇزەپپەرنىڭ «كىلىڭلار دوستلار ئوينايمىز»MVناخشىسى تارقىتىلدى


    ئەلكۈيى تورى سەنئەت قانىلى مەخسۇس خەۋىرى: 2015-يىلىدىن باشلاپ كىچىك دوستلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ ، ئۆزىنىڭ <<كىچىك گۈل >> ، <<ئەللەي ئۇكام>> قاتارلىق سۈرەتلىك ناخشىلىرى بىلەن تالانتلىق كىچىك چولپان سانىلىپ  كىلىۋاتقان ،  ئەمدى ئالتە ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئوماق قىزىمىز فەرزىيە مۇزەپپەرنىڭ  2017-يىلى ئېلان قىلىنغان سۈرەتلىك ناخشىسى <<دۇقى-دوق>> نىڭ ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە نۇسخىسى توردا تارقىتىلغاندىن كىيىن كىچىك دوستلارنىڭ قىزغىن ئالقىش مەدەتلىرىگە ئېرىشكەن ئىدى ، بۈگۈن ھەممەيلەننىڭ ئۈمىدلىك چولپانى ھېسابلىنىپ كىلىۋاتقان كىچىك چولپان  فەرزىيە مۇزەپپەرنىڭ  «كىلىڭلار دوستلار ئوينايلى » ناملىق ئەڭ يېڭى سۈرەتلىك ناخشىسى ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى يانفۇن ئەپ دىتالى ، ئەلكۈيى ئۈندىدار سالونى ۋە ھەرقايسى تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىندى .



     فەرزىيە مۇزەپپەر 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان ، ناخشا ئۇسۇلغا ھېرىسمەن تاتلىق  قىز ، فەرزىيە ئۈچ ياشقا  توشۇپ ئەمدىلا  يەسلى ھاياتىنى  باشلاپ  ئۆيىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇرىۋەتتى ، ئەمدىلا ئانا تىلىدا ئويلىغانلىرىنى ئىپادىلەشنى ئۆگەنگەن، ئۈچ ياشلىق ئۇماق فەرزىيە دادىسىنىڭ  ماشىنىسدا يەسلىگە  بېرىپ كىلىش جەريانىدا ، مۇزىكىغا بولغان ھېرىسمەنلىكى تۈرتكىسىدە ،ئۆزلىكىدىن  ئۆگۈنىۋالغان ئىنگىلىزچە ناخشىنى ،ئەسلى ناخشا بىلەن  ئوپمۇ -ئوخشاش ئېيتىپ ، ئۆيىدىكىلىرىنى ھەيران  قالدۇردى ھەم  تۇنجى قەدەمدە ئاتا-ئانىسىنىڭ  قايىللىقىغا   ئېرىشتى ۋە تۆت يېشىدىن باشلاپ سەنئەت جەھەتتىن  مۇنتىزىم تەربىيلەندى .

     

    2015-يىلى  ئۇماق فەرزىيەنىڭ تۇنجى ئىجادىيەت ناخشىسى <كىچىك گۈل> نىڭ  MV سى ئېلان قىلدى .2015-يىلى 12-ئايدا ئىككىنچى قېتىملىق Mvئىنگىلىزچە《littlesnowflake》نى ئېلان قىلدى ؛ 2016-يىلى 9-ئايدا (ئەللەي ئۇكام ) ناملىق سۈرەتلىك ناخشىسى ئېلان قىلىپ ، نورغۇنلىغان كىچىك دوستلارنىڭ ئالاھىدە ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى .




    تىرىشقان  ئۇزار  دىگەن    ھەقىقەت  بۇ جەريانلاردا ئۆزىنى   ئىسپاتلىدى ، جياڭسۇ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن ماھىر تاللاپ ، شىنجاڭغا يىتىپ كەلدى نەچچە مىڭ كىشلىك قايتا - قايتا تاللاشتىن ئۆتۈپ  ، 6ياشلىق فەرزىيە ئۆزىنىڭ يۇقىرى بۇلغان نەق مەيداندا ئورۈنلاش تالانتى بىلەن  ،جياڭسۇ سۈنئىي ھەمراھ تىلىۋىزىيە قانىلىنىڭ《قاناتلانغان ناخشا  ‎ئاۋازى》پىروگراممىسىغا تاللىنىپ  ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مىللىچە بالىلار ناخشىسى《ۋاخاخا》نى  ، نەق مەيداندا يۇقۇرى ماھارەت بىلەن ئورۇنداپ  ، يىتەكچى ئۇستاز ۋە باھالىغۇچىلارنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ئىرىشتى ھەمدە تاتلىق ئاۋازى ئۇماق قىلىقلىرى بىلەن( شىكەر مەلىكە )دىگەن نامغا ئېرىشتى .

     

     


    ‎ فەرزىيە مۇزەپپەر ئۆزىنىڭ ناخشا ئېيتىش ، ئۇسۇل ئويناشتەك قىززىقىشىدىن باشقا يەنە سۇ ئۈزۈش ، ئات مىنىش ، ھېكايە ئاڭلاش قاتارلىقلارغىمۇ ئالاھىدە قىززىقىدىغان بولۇپ ، ئۆزىنىڭ ئوماق ، سەبى قەلبىگە يۈكسەك غايىلەرنى پۈككەن بۇ ئوماق قىزىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى سەنئەت ھاياتىنىڭ تېخىمۇ پارلاق مەنزىللەرگە قەدەم بېسىشىنى  ، مول ھوسۇللۇق نەتىجىلەرنىڭ ساھىبى بولىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.





    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك