• جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ پەيدا بولغان يۇقىرى كىرىملىك يېڭى كەسپلەر

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-31 01:16
  • جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ پەيدا بولغان يۇقىرى كىرىملىك يېڭى كەسپلەر

    چۇڭچىڭ جياڭبېيلىق بىر قىز كىيىم ئىشكاپى رەتلەش خىزمىتى قىلىدۇ، كىيىملەرنى رەتلىگەندىن باشقا، يەنە خېرىدارىنىڭ كىيىم ئىشكاپىدىكى بوشلۇقنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ياردەم قىلىدۇ. بۇ قىز مۇشۇ خىزمەتنى قىلىۋاتقىنىغا ئالتە ئاي بولغانلىقىنى، ھەر ئايدا ئانچە قىينالمايلا 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. نۇرغۇن ئادەم بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاتتىق ھەيران قالدى. ئەمەلىيەتتە، ئىقتىساد ۋە تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئىستېمال ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ يۇقىرىلىشى ئاستا-ئاستا تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسپلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە شارائىت ھازىرلىدى.

    پىروگراممېر ئىلھاملاندۇرغۇچى: چىرايلىق، ئالاقىگە ئۇستا، ھەر ئايدا 8000-5000 يۈەن مائاش ئالىدىغان پىروگراممېر ئىلھاملاندۇرغۇچىلار نۆۋەتتە تور شىركەتلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشمەكتە. بىراق، ئۇلارنىڭ خىزمىتى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. نورمال خىزمىتى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇلار پىروگراممېرلارغا ناشتىلىق تەييارلاپ بېرىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن چۈشلۈك تاماق ئېلىپ كېلىدۇ، سىرتتىن تاماق بۇيرۇتىدۇ، ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارغا ياردەملىشىدۇ. خىزمەت ۋاقتىدا بەلگىلگەنگەن مۇددەتتە ئىشخانىنى بىر ئايلىنىپ پىروگراممېرلارنىڭ ياردەمگە ئېھتىياجلىق ياكى ئەمەسلىكىنى سورايدۇ.

    پاسون تاللىغۇچى: تەييۈەن شەھىرىدىكى بازار رايونىغا جايلاشقان بىر سودا سارايدا بىر «پاسون تاللىغۇچى» ئايال خېرىدارىنىڭ كىيىم تاللىشىغا ياردەملەشمەكتە. ئۇنىڭ سائەتلىك مائاشى 350 يۈەن. «كىيىم تاللىغۇچى» خېرىدارنىڭ ئوبرازىغا ئاساسەن خاس گىرىم ۋە كىيىم-كېچەك ماسلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ ئايال «كىيىم تاللاش»نى قوشۇمچە خىزمەت سۈپىتىدە قىلىدىغان بولۇپ، 2013-يىلىدىن بۇيان «بۇيرۇتما بويىچە گىرىم قىلىش، ئايلىنىشىپ بېرىش» قاتارلىق مۇلازىمەتلەر ئارقىلىق ئېيىغا 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىدۇ. «كىيىم تاللىغۇچىلار» كىيىم لاھىيەلەشتە مەخسۇس تەربىيەلەنگەن بولىدۇ.

    كەسپىي يۈگۈرۈشۈپ بەرگۈچى: يۈگۈرۈشۈپ بەرگۈچى بىر خىل يېڭىدىن پەيدا بولغان كەسپ. پولات چىۋىقلار بىلەن ئورالغان مەركىزىي شەھەردە ياشايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەڭ قولايلىق، ئىقتىساد تېجەيدىغان چېنىقىش ئۇسۇلى دەل يۈگۈرۈش. بىراق، بىر ئادەم يۈگۈرسە يالغۇزلۇق ھېس قىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شىئەندە «ھەمراھ بولۇپ يۈگۈرگۈچىلەر» بارلىققا كەلدى. ئۇلار ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا ھەمراھ بولۇپ يۈگۈرۈپ سائىتىگە 10 نەچچە يۈەندىن نەچچە 10 يۈەنگىچە كىرىم قىلىدۇ. سۈرەتتە، 2015-يىلى 12-ئاي، ھەمراھ بولۇپ يۈگۈرگۈچى ۋاڭ يىبو خېرىدارىغا ھەمراھ بولۇپ يۈگۈرمەكتە. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئىككەيلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدى.

    يانفون ئويۇنى ئوينىشىپ بەرگۈچى: يانفون ئويۇنى ئويناش قىزغىنلىقىنىڭ يۇقىرىلىشىغا ئەگىشىپ «ئوينىشىپ بەرگۈچى» كەسپىمۇ يېڭىدىن بارلىققا كەلدى. جېڭجۇدىكى 95-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان بىر يىگىت ھەمراھ بولۇپ ئويناش ماھارىتى ئارقىلىق ھەر ئايدا قىينالمايلا 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىدۇ. 19 ياشلىق شياۋيۈ بىر كەسپىي ئويۇن ئوينىشىپ بەرگۈچى. 17 ياش ۋاقتىدا ئۇ دادىسىنىڭ قوللىشى بىلەن بىر شىركەت ئېچىپ ھەمراھ بولۇپ ئوينىشىپ بېرىدىغان 8-7 گۇرۇپپا تەشكىللىدى. بىراق، باشقۇرۇش تەجرىبىسى بولمىغانلىقتىن شىركەت ئۈچ ئايلا مەۋجۇت بولغان بولسىمۇ، 200 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدى. ھازىر ئۇ ھەمراھ بولۇپ ئوينىشىپ بېرىش بىلەن بىرگە، يەنە يېڭى يۆنىلىشىلەرگە قاراپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.

    3-شەخسنى نەسىھەت قىلىپ چېكىندۈرگۈچى: جەمئىيەتتىكى نىكاھ ئەھۋالىنىڭ مۇرەككەپلىشىشىگە ئەگىشىپ مەخسۇس «3-شەخسنى چېكىندۈرىدىغان»لار پەيدا بولدى. تاراتقۇلار ئۇلارنى «3-شەخسنى نەسھەت قىلىپ چېكىندۈرگۈچى» دەپ ئاتىدى. ئۇلار ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ «3-شەخس»نى ۋاز كەچتۈرىدۇ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مۇھەببىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. سىچۈەن چېڭدۇلۇق لو روڭ مۇشۇ كەسپ بويىچە داڭق چىقارغان بولۇپ، ھەر بىر ئائىلە ئۈچۈن 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ھەق ئالىدۇ، ئايدا 10 نەچچە زاكاز تاپشۇرۇۋالىدۇ.

    كەسپىي ئۇخلاش سىنىقى قىلغۇچىلار: جۇڭگودىكى بىر كارخانا نۆۋەتتە «خىزمەت ۋاقتىدا ئۇخلاپ قېلىش»قا مۇناسىۋەتلىك قاراشلارغا قايتىدىن ئىزاھات بەردى. «كەسپىي ئۇخلاش سىنىقى قىلغۇچى» سالاھىيىتىگە ئىلتىماس قىلغۇچىلار يىلىغا 100 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدۇ. بۇ خىزمەتنى قىلىدىغانلار شىركەتنىڭ مەھسۇلاتىنى سىناق قىلىدۇ، ھەر ساھە، ھەر كەسپتىكىلەرنىڭ ھەقىقىي ئۇخلاش ھالىتىنى تەقلىد قىلىدۇ ھەم مۇناسىۋەتلىك ساغلاملىق بۇيۇمىنىڭ ئۇخلاش سۈپىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا تەتقىقات دوكلاتى يازىدۇ. «ئۇخلاش سىنىقى قىلغۇچىلار» چەتئەللەردە كۆپ ئۇچرايدۇ. ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %30ى ئۇيقۇ سەۋەبلىك قىينىلىۋاتقان ئامېرىكىدا بۇ كەسپ قىزغىن قارشى ئېلىنىدىغان بولۇپ، مەزكۇر خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ يىللىق مائاشى 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن بىر مىليون 881 مىڭ 780 يۈەن) يېتىدۇ.

    يېڭى ۋە خام نەرسىلەر ئانالىزچىسى: خاڭجۇلۇق 80-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان جوڭ ۋېنبىن بىر يېڭى كەسپ ئانالىزچىسى. ئۇ ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ قىممەتلىك ۋە يېڭى مېۋىلەرنى بىر پۇڭ خەجلىمەي تېتىپ يىلىغا بىر مىليون يۈەن كىرىم قىلالايدۇ. جوڭ ۋېنبىننىڭ خىزمىتى دەل ھەر پەسىلنىڭ مېۋىسى بازارغا چىققاندا تېتىپ تاللاش ۋە ئۇلارنى يېڭى، خام مەھسۇلاتلارنى پارچە سېتىش سودىگەرلىرىگە تەۋسىيە قىلىش، ئاخىرىدا، ئوخشاش بولمىغان دەرىجە ۋە باھالار ئارقىلىق پۇقرالارغا يەتكۈزۈش. بىراق، يەپ-ئىچىشنىڭ ئارقىدىمۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. جوڭ ۋېنبىن دائىم ئايالى ۋە بالىسى قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەندە ئاندىن ئىش باشلايدۇ، بەزىدە كارخانىغا ۋاقتىدا پىكىر بېرىش ئۈچۈن كېچىلەپ باھالاش ماقالىسى يازىدۇ.

    ئالىي دەرىجىلىك ئوبراز لاھىيەلىگۈچى: «بىر قېتىم بازار ئايلانسا 1000 يۈەن، يېرىم يىلدا ئىككى قېتىم بازار ئايلانسا 6800 يۈەن، بىر يىلدا تۆت قېتىم بازار ئايلانسا 10 مىڭ يۈەن.» بۇ بىر ئوبراز لاھىيەلىگۈچىنىڭ ھەق ئېلىش جەدۋىلى. چىڭداۋدا ئۆزىدىكى مودا، پۇختا ئوبراز يارىتىش ئاساسىغا تايىنىپ باشقىلارغا ھەمراھ بولۇپ بازار ئايلىنىدىغان، ئوبراز لاھىيەلەيدىغان كەسپ بارلىققا كەلدى. بىراق، ئېلىنىدىغان ھەققى يۇقىرى بولغانلىقتىن خېرىدارلىرى ئاساسلىقى ئاز بىر قىسىم «باي خېنىملار» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى بېجىرگۈچى: ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى بېجىرگۈچىلەرنىڭ كەسپ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، باشقىلارغا ياردەملىشىپ ئۆچىرەتتە تۇرۇپ نومۇر ئالىدۇ، ھەتتا باشقىلارغا ۋاكالىتەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئادىمىگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىدۇ...تېلېفون قىلىپلا قويسا بولىدۇ. شىئەندىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىش بېجىرگۈچىلەرنىڭ ئايلىق كىرىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4000-3000 يۈەن بولۇپ، تەجرىبىلىكلىرى 5000 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىدۇ. دوۋ تيەنخۇينى كىشىلەر «خاسىيەتلىك ئادەم» دەپ ئاتايدۇ. چۈنكى ئۇ پۇل تېپىشقا ئۆزىنى ئاتىغان بولۇپ، ئايلىق كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. 

    تەم تېتىغۇچى: شەرقىي شىماللىق ئايال شى ۋېي دۇريانغا بەكلا ئامراق. يېمەكلىك ساھەسىگە كىرگەندىن كېيىن ئۇ «تەم تېتىغۇچى» بولدى. «تەم تېتىغۇچى» بىر خىل يېڭىدىن گۈللەنگەن سىرلىق كەسپ بولۇپ، سەرگۈز تىلغا تايىنىپ ھەرخىل يېڭى ۋە ئۆزگىچە تەملەرنى تېتىش ئارقىلىق مەلۇم خىل تائامنىڭ بازارغا كىرىش، كىرمەسلىكىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم كەسپ. ئۇ خېرىدارلار ياقتۇرىدىغان مەھسۇلاتنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن ئۆزى مالايسىياغا بېرىپ دۇريان مېۋىسىنى نەچچە ئون قېتىم تېتىپ كەلدى. 

    كەسپىي ئۇخلىشىپ بەرگۈچى: گۈزەل ئايال ئاسپىرانت جەكىي سامۇئېل بىر كەسپىي ئۇخلىشىپ بەرگۈچى. ناتونۇش كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىردەم بىللە ئۇخلىسا 60 ئامېرىكا دوللىرى تۆلىشى كېرەك. بىراق، ئۇ ئەرلەر ۋە بىر قىسىم ئاياللارغا ئۇخلىشىپ بەرمەيدۇ. خىزمەت بېسىمى يۇقىرىلىغانلىقى سەۋەبلىك ئۇخلاشمۇ مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى. جەكىي مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق خېرىدارلىرىنى خاتىرجەم ئۇخلاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00