• 2G تورى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن كۇنۇپكىلىق يانفونلارنى ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • 2G تورى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن كۇنۇپكىلىق يانفونلارنى ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟

    يېقىندا ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتلار 2G تورىنىڭ 2019-يىلى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنداقتا مەسىلە شۇكى، 2G تور ئومۇميۈزلۈك ئېتىۋېتىلگەندىن كېيىن ھازىرقى ئادەتتىكى كۇنۇپكىلىق يانفونلارنى ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟

    ھازىر بىزنىڭ 2G، 3G، 4G تورى ئاساسىي پونكىتىمىز بار، يانفونىمىزنى 2G تور ئەندىزىسىگە تەڭشىسەك يەنىلا نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ، 3G تور ئەندىزىسىنىمۇ نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ، بۇ ھازىر 2G ۋە 3G تورنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، لېكىن 5G تورنىڭ باش كۆتۈرۈشى بىلەن بەزى نەرسىلەر شاللىنىپ كېتىشى مۇمكىن.

    ئەگەر تېلېگراف شىركەتلىرى 2G تورىنى ئەمەلدىن قالدۇرسا، ياشانغانلار يانفونى بىلەن كۆپ قىسىم ئىقتىدارلىق يانفونلارنى ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟ كۆپچىلىك ئەنسىرىمىسەڭلەرمۇ بولىدۇ، ھازىر كۆپ ساندىكى كۇنۇپكىلىق يانفونلار 4G تورىنى قوللايدۇ، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ سىستېمىسى ئاندىرويىد.

    شۇڭا ھازىر ئاتا-ئانىسىغا ياشانغانلار يانفونى سېتىۋالىدىغان دوستلار چوقۇم دىققەت قىلىڭلار، باھاسى ئازراق قىممەت بولسىمۇ، ئامال بار  4G تورنى قوللايدىغان كۇنۇپكىلىق يانفوننى سېتىۋېلىڭلار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئەقلىيفونلارنىڭمۇ ياشانغانلار ئەندىزىسى بار، پەقەت ئاتا-ئانىڭىزغا قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگىتىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. 
    2G تورى ئەمەلدىن قالدۇرۇشمۇ ئامالسىزلىقتىن بولغان، قانداقلا بولمىسۇن ھازىر 2G تورنى ئىشلىتىدىغانلار ناھايىتى ئاز، ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كىيىن تېلېگراف شىركەتلىرى تېخىمۇ كۆپ بايلىقنى تېجەپ قالالايدۇ.

    لېكىن بەزى يېزا-بازارلاردا 4G تورى يوق، پەقەت 2G تورىلا بار، ئەگەر 2G تورى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا بەزى سىگنال ياخشى ئەمەس رايونلار قانداق قىلىدۇ؟ بۇ بەلكىم تېلېگراف شىركەتلىرى ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇشى مۇمكىن.

    مەنبەسى :سىنا





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ئامەتلىك لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندىم 134 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • رەقەملىك ئويۇنلارنىڭ كۆپ قارار دو تىكىش ئىقتىدارى يولغا قۇيۇلدى

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى قاچان ؟

    1970-01-01 08:00

  • ئەنگىلىيە يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن سېمىزلەرنى ئۆيدىن چىققۇزماسلىقنى پىلانلىدى

    1970-01-01 08:00

  • مادىرىد ئاتلىتكا كوماندىسىدىن ئىككەيلەن تاجىسىمان ۋېرۇس بىلەن يۇقۇملاندى

    1970-01-01 08:00

  • زىدانى مۇسابىقىدىن بورۇن خان مادىرىد ھەققىدە تاراتقۇلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى

    1970-01-01 08:00

  • يۇۋېنتۇس ئەنسىرىشى كېرەك؟ بۇ رېپىر ئىتالىيە كوماندىلىرىنىڭ «باش ئاغرىقى»

    1970-01-01 08:00

  • بىر قانچە سائەتتىن كىيىن رونالدو بۇ يىلدىكى ئەڭ چوڭ سىناقتىن بىرىگە دۇچ كىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • خوتەن شەھىرىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈرۈمچى پاراۋانلىق لاتارىيەسى پىدائىيلىرى ھەرىكەتكە كەلدى !!

    1970-01-01 08:00