• دۇنيانىڭ كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بەش چوڭ يېڭى شەھەر: جۇڭگونىڭ بىر شەھىرى بار

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-01 11:21
  • دۇنيانىڭ كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بەش چوڭ يېڭى شەھەر: جۇڭگونىڭ بىر شەھىرى بار

    ماتېرىيال سۈرىتى: خېبېي شيوڭئەن يېڭى رايونى ئەنشىن ناھىيەسى (2017-يىلى 24-ئاپرېل تارتىلغان)


    ئامېرىكا «فوربېس» قوش ھەپتىلىك ژۇرنىلى تور بېكىتىنىڭ 29-مارت سانىغا «كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بەش چوڭ يېڭى شەھەر» ناملىق ماقالە بېسىلدى. ئاپتورى ۋېيد شېپارد. بۇ ماقالىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

    يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارنىڭ دۇنيا سەھنىسىگە قەدەم تاشلىشىغا ھەمدە ئەسلىدە بار بولغان دۇنيانىڭ ھەرىكەت ئەندىزىسىگە خىرىس قىلىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈنلەي يېڭى شەھەرلەر ھازىر ئاسىيا ۋە ئافرىقىدا قەد كۆتۈرۈۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، پۈتۈن دۇنيادا 40 نەچچە دۆلەت نەچچە يۈزلىگەن يېڭى شەھەرنى قۇرۇۋاتىدۇ. بۇ پۈتۈن دۆلەتكە ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى دۇنيا ئىقتىسادىدىكى رولىغا نىسبەتەن قايتىدىن ئېنىقلىما بېرىش جەھەتتىكى بىر خىل سىناق ھېسابلىنىدۇ.

    «ئورمان شەھىرى» (مالايسىيا)

    «ئورمان شەھىرى» تۈرى غايىۋى ھالدا «كەلگۈسىدىكى شەھەر» دەپ تەسۋىرلىنىدۇ، بۇنداق شەھەرنىڭ قۇرۇلۇشلىرى ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلانغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنا يوق بولىدۇ. نۆۋەتتە، بۇ «ئورمان شەھىرى»گە 700 مىڭ ئاھالىنى سىغدۇرىدىغانلىقى پىلانلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، رەت-رەت ۋە ئېگىز ئولتۇراق بىنالار، خىزمەت بىنالىرى، چوڭ مال سېتىۋېلىش مەركىزى ۋە مېھمانسارايلار دېڭىزنى تىندۇرۇش ئارقىلىق ئېرىشكەن يەر ئۈستىدە قەد كۆتۈرىدۇ.

    2035-يىلى پۈتۈشى پىلانلانغان «ئورمان شەھىرى» تۈرى سىنگاپور بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان ھەمدە 220 مىڭ ئىش ئورنى يارىتىدىغان يېڭى ئىقتىسادىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلىنىدۇ، دەپ تەسەۋۋۇر قىلىندى.

    شيوڭئەن يېڭى رايونى (جۇڭگو)

    جۇڭگونىڭ دۆلەت دەرىجىلىك يېڭى رايون تۈرى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاشقا ئېرىشتى. شاڭخەيدىكى پۇدۇڭ يېڭى رايونى، تيەنجىىدىكى بىنخەي يېڭى رايونى، چۇڭچىڭدىكى لياڭجياڭ يېڭى رايونى، گۇاڭجۇدىكى نەنشا يېڭى رايونى ۋە سىچۈەندىكى تيەنفۇ يېڭى رايونىنىڭ ھەممىسى دۆلەت دەرىجىلىك يېڭى رايون تۈرى، يەنە كېلىپ بۇلارنىڭ ھەممىسى بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ھېسابلىنىدۇ.

    شيوڭئەن يېڭى رايونى جۇڭگونىڭ ئەڭ يېڭى دۆلەت دەرىجىلىك يېڭى رايون تۈرى، بۇرۇنقى خەۋەرلەردە ئۇنىڭغا «جۇڭگونىڭ ئۈچىنچى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلىنىشى مۇمكىن» دەپ ئورۇن بەلگىلەنگەن ئىدى.

    ئۇنىڭ ئورنى بېيجىڭ ۋە تيەنجىن بىلەن ئاساسەن مۇكەممەل تەڭ تەرەپلىك ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللەندۈرگەن، لېكىن ئۇ يەنە بېيجىڭ ۋە تيەنجىندەك بۇ ئىككى شەھەر بىلەن ئارىلىقى بىر قەدەر يىراق بولغاچقا، ئىشقا بېرىش-كېلىشتىكى دائىملىق قاتراشنى تىزگىنلىگەن. بۇ ئەھۋال ئۇنى ھەقىقىي بىر يېڭى شەھەرگە ئايلاندۇرىدۇ، شۇڭا ئۇ شەھەر مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئېھتىياجلىق. شيوڭئەن يېڭى رايونىنىڭ جۇڭگونىڭ ئۆزىگە خاس ئىقتىسادىي «تەجرىبە» يېڭى تۈگۈنىگە ئايلىنىدىغانلىقى پىلانلىنىۋاتىدۇ.

    نۇركەنت (قازاقىستان)

    ياۋروپا-ئاسىيا يايلىقىنىڭ ئىچكىرىسىدە ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى بار، بۇ تەرەققىيات رايونى بىزنىڭ ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ كىندىك رايونىنىڭ ئىقتىسادىي يوشۇرۇن كۈچىگە قارىتا كۆز قارىشىمىزنى ئۆزگەرتىدۇ.

    جۇڭگو-قازاقىستان چېگراسىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان بۇ يەرنىڭ ئىسمى قورغاس. گەرچە جۇڭگو تەرىپىدىكى تەرەققىيات رايونىدا ھازىر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان ھەر تەرەپلىمە شەھەر تەرەققىياتى كۆرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما قازاقىستان تەرىپىدىكى تەرەققىيات رايونىدا يەنىلا تىرانسپورت كەسپى يېتەكچى قىلىنىۋاتىدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ، يەنە كېلىپ نۇركەنتنىڭ بۇنداق ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولۇش ئويى بار.

    نۇركەنت مەخسۇس قۇرۇلغان يېڭى شەھەر، ئۇنىڭدا قورغاس رايونىدىكى ھەر خىل قاتناش تىرانسپورت تۈرى ۋە سانائەت تۈرلىرىنى تۇتاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. 2035-يىلىغا بارغاندا 100 مىڭ كىشى سىغىدىغان سودا ۋە مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلىنىدۇ. بۇ قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋنىڭ شەخسەن ئۆزى يېتەكچىلىكىدىكى بىر تۈر، يەنە كېلىپ ئۇ تۈرتكە بولغان، 56 مىليارد 453 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان «پارلاق يول» يېڭى ئىقتىسادىي پىلانىنىڭ يادرولۇق قىسىمى. بۇ پىلاندا تىرانسپورت كەسپى ئارقىلىق قازاقىستان ئىقتىسادىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.

    كولومبو پورت شەھىرى

    بۇ شەھەر ھىندى ئوكياننىڭ مەركىزىدە بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىراش تىرانسپورت سۇ يولىغا يېقىن، ئۇ دەل شەرقىي ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقىنىڭ تۇتاشقان يېرىگە جايلاشقان. جۇڭگونىڭ زور بىر تۈركۈم يېڭى پورتلىرى ئاسىيادىن ياۋروپاغىچە دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى، يەنە جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىغا تۇتىشىدىغان ئېنېرگىيە تەمىنلىگۈچى سودىگەرلىرىنىڭ جان تومۇرى دەپ ئاتىلىدىغان پورتلار لىنىيە بويلاپ قۇرۇلىدۇ. جۇڭگو ھازىر يېڭى پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرىدىغان جاي ئىزدەۋاتىدۇ.

    2041-يىلى قۇرۇلۇش پۈتكەندە، كولومبو پورت شەھىرى ئىككىلەمچى تېررىتورىيەدىن تاشقىرىلىق ھوقۇقى (زېمىن سىرتى ھوقۇقى)غا ئىگە رايونغا ئايلىنىدۇ، ئۆزىنىڭ مەبلەغ سېلىش قانۇنى ۋە ئالاھىدە سىياسەتلىرى بار بولىدۇ. ئاساسەن، ئۇ دېڭىز بويىدىكى سودا كارۋانلىرىنىڭ چوڭ مېھمانخانىسىغا ئايلىنىدۇ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن سودىگەرلەر بۇ يەردە كۆرۈشۈپ ئوقەت قىلىشىدۇ. بۇ يەردە يەنە F1 شەكلىدىكى مۇسابىقە ماشىنىسى يولى، نۇرغۇن ھەشەمەتلىك مېھمانساراي، يۇقىرى دەرىجىلىك مال سېتىۋېلىش مەركىزى، خىزمەت بىناسى، شۇنىڭدەك پۇل-مۇئامىلە رايونلىرى ئېھتىياجلىق ھەممە نەرسە قۇرۇلۇپ، شەرق تەرىپىدىكى سىنگاپور ۋە غەرب تەرىپىدىكى دۇبەي بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان بولالىشى پىلانلاندى.

    دۇكۇم (ئوممان)

    ئوممان ئىقتىسادنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈپ، بايلىققا تايىنىش تىپىدىكى ئىقتىسادتىن قۇتۇلۇش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان يەنە بىر دۆلەت، ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن قاتناش ۋە ياساش تارماقلىرىغا زور ئۈمىد باغلىدى، ئەمما بۇ تارماقلار جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

    جۇڭگو شىركەتلىرىنىڭ زور مىقداردىكى مەبلىغى بولغاچقا، دۇكۇمنى ئەمەلىيەتتە جۇڭگو-ئوممان كەسپىي باغچە رايونى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ، ئۇ ئەرەب دېڭىزى ساھىلىدىكى 67.1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، قاتناش-تىرانسپورت يېتەكچى قىلىنغان يېڭىدىن گۈللەنگەن شەھەر تەرەققىيات رايونىغا ئايلىنىدۇ.

    بۇ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 11 كىۋادرات كىلومېتىرلىق تەرەققىيات تۈرى دۇكۇم ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىغا جايلاشقان، بۇنىڭدا تولۇق پايدىلىنىلمىغان پورتنى بىر نېفىت ئايرىش زاۋۇتى، مېتانول زاۋۇتى، قۇياش ئېنىرگىيەسى ئۈسكۈنىلىرى ئەسلىھەلىرى ياساش زاۋۇتى، ماشىنا زاۋۇتى ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىيالى سېتىش ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زىيادە چوڭ كۆلەمدىكى تۈرگە ئايلاندۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك