• ھەممەيلەن دىققەت: بۇ يېڭى بەلگىلىمىلەر تۇرمۇشىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئايگۈل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-01 11:04
  • ھەممەيلەن دىققەت: بۇ يېڭى بەلگىلىمىلەر تۇرمۇشىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

    4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ مەركىزىي بانكىنىڭ سىزىقلىق كودتا چىقىم قىلىشتىكى يېڭى بەلگىلىمىسى، مۇھىت ئاسراش بېجى، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ھەققى ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم يېڭى قانۇن-نىزاملار رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، تۇرمۇشىڭىزغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. 

    سىزىقلىق كودتا چىقىم قىلىشنىڭ بىخەتەرلىكىنىكى كۈچەيتىش ئۈچۈن مەركىزىي بانكىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسىدە ئېنىق قىلىپ، ھەرىكەتچان كود سىكاننىرلاشنى ABCدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىدە بۆلۈش، سودا سوممىسىغا ئايرىم-ئايرىم مۇستەقىل چەك بەلگىلەپ، 5000 يۈەن، 1000 يۈەن قىلىش، ئۈندىدار، چىقىمداننىڭ تىنچ ھالەتتىكى كودا چىقىم قىلىشنىڭ يۇقىرى چېكىنى 500 يۈەن قىلىپ بېكىتىش تەلەپ قىلىندى. 

    2-ئايدا ئېلان قىلىنغان «باج بېجىرىشتە ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم يول مېڭىش تىزىملىكى» ناملىق ئۇقتۇرۇشتا ماتېرىيالى تولۇق ھەمدە قانۇندا بەلگىلەنگەن قوبۇل قىلىش شەرتىغا ئۇيغۇن بولغان ئەھۋالدا ئەڭ كۆپ بولغاندا باج ئورۇنلىرىغا پەقەت بىر قېتىم بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تىلغا ئېلىنغان.

    4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ مەركەز تەسىس قىلغان 41 تۈرلۈك مەمۇرىي كەسپىي ھەق ئېلىش تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ ياكى توختىتىلىدۇ (مەسىلەن: نىكاھلىنىشنى تىزىملاش ھەققى، ئۆينى ئۆتۈنۈپ بېرىش رەسمىيەت ھەققى قاتارلىقلار)، تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇش ھەققى ئۆلچىمىمۇ %50كە تۆۋەنلىتىلىدۇ. 

    چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىش ئىجازەتنامىسى ۋە چەتئەللىكلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىجازەتنامىسى ئەمدى تارقىتىلمايدۇ. ئۈنۈملۈك مۇددىتى ئىچىدىكى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىش ئىجازەتنامىسى ۋە چەتئەللىكلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىجازەتنامىسى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يېڭى كىنىشكىگە ئالماشتۇرسا بولىدۇ. 

    مۇھىت ئاسراشنى مەقسەت قىلغان تۇنجى باج تۈرى يىغىش ھالىتىگە كىرىدۇ، يىغىش دائىرىسى بىۋاستە مۇھىتقا گاز، سۇ، ۋە قاتتىق ھالەتتىكى ماددىلار ۋە شاۋقۇن قويۇپ بېرىدىغان كارخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاھالىلەر بۇنىڭ سىرتىدا.

    خۇاڭخې دەرياسىدىن باشلاپ ئېقىم خاراكتېرلىك بېلىق تۇتۇش چەكلىنىدۇ، ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 12دىن 6-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 12 گىچە بولغان بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش ۋاقتىدا بېلىق تۇتۇش چەكلىنىدۇ. 

    4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ گۇاڭجۇدىكى پۈتۈن قۇشلار سودا بازىرى ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ئارام ئالىدۇ، ھەر يىلى 11-ئايدىن كېيىنكى يىلى 3-ئايغىچە ھەر ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە ئۈچ كۈن ئارام ئالىدۇ، ھەر يىلى 4-ئايدىن 10-ئايغىچە ھەر ئاينىڭ 17-كۈنى بىر كۈن ئارام ئالىدۇ. 

    ئۇنىڭدىن باشقا، يولۇچى ئاپتوموبىللىرىنى «قوش جۇغلانما نومۇر»دا باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ، خەلق ئاۋىياتسىيە نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋاقتىنى باشقۇرۇش چارىسى يولغا قويۇلىدۇ، 13 تۈرلۈك دۆلەتىك مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمى يولغا قويۇلىدۇ. 

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00