• تىرامپنىڭ ئادەم ئىشلىتىشتىكى ئالاھىدىلىكى: تۇغقانلىرىنى، گۈزەل قىزلارنى ئىشلىتىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-01 11:14
  • تىرامپنىڭ ئادەم ئىشلىتىشتىكى ئالاھىدىلىكى: تۇغقانلىرىنى، گۈزەل قىزلارنى ئىشلىتىدۇ

    ۋەزىپىگە ئولتۇرغىنىغا بىر يېرىم يىلمۇ بولمىغان تىرامپ يېنىدىكى كىشىلەرنى نەچچە ئالماشتۇرۇپ بولدى. ياخشى يېرى، ئامېرىكىدا مىنىستىر دەرىجىلىك ئەربابلار پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئادەتتىكى پۇقرا بولىدۇ، ئەسلىدىكى تەمىناتى ساقلانمايدۇ، بولمىسا تىرامپنىڭ بۇ ئادەم ئالماشتۇرۇش سۈرئىتىدە ئامېرىكىنىڭ مالىيە كۈچى بېسىمى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. تۆۋەندە بىز تىرامپنىڭ ئادەم ئىشلىتىشكى تۆت ئالاھىدىلىكى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز:

    1. يېقىنلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشتىن قورقمايدۇ، سەترەك قىلىپ ئېيتقاندا يېقىنلىرىغا يان باسىدۇ.

    بۇ ئاق سارايدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان مەنزىرە، تىرامپ زۇڭتۇڭ بولۇشى بىلەن تەڭ قىزى ئىۋانكا ئاق ساراينىڭ ئالىي دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى بولدى، كۈيئوغلىمۇ ئوخشاش ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.

    بەلكىم چوڭ بۇش بۇنى ئاڭلاپ ئىچى ئاچچىق بولغان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى كىچىك بۇش ئۇدا ئىككى نۆۋەت ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغان، كىچىك ئوغلى جېب بۇش بولسا ئىشتات باشلىقى بولغان، زۇڭتۇڭلۇق نامزاتلىقىنى تالاشقان، لېكىن ئەينى چاغدا چوڭ بۇش بۇ ئىككى ئوغلىنى ئاق ساراينىڭ ئالىي دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسىدەك خىزمەتلەرگە قويۇپ باقمىغان.

    لېكىن گەپنى قايتۇرۇپ ئېيتساق، بۇنى چوڭ بۇش ئۆزىنىڭ ئارىسالدى بولۇپ خەق نېمە دەپ قالار دېگەننى زىيادە ئويلىۋالغىنىدىن كۆرسە بولىدۇ، تىرامپ بۇلارغا پەرۋا قىلمايدۇ، بىر ئىشلارنى قىلسا ۋە ياكى ھۆكۈم چىقارسا ئىنتايىن كەسكىن ۋە قەتئىي بولىدۇ، باشقىلارنىڭ ئۇششاق سۆزلىرى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ.

    2. گۈزەل قىزلار كەم بولسا بولمايدۇ. دېيىلىشىچە، تىرامپ ئاقسارايغا كىرگەندىن كېيىن ئەتراپىدىكى ئاياللارنىڭ چوقۇم ئاياللارغا خاس نازاكەتلىك ياسىنىپ يۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.

    شۇڭا «تىرامپ قوشۇنى»دا گۈزەل ئاياللارنىڭ ئۆسۈش پۇرسىتى باشقىلارنىڭكىدىن كۆپ. مەسىلەن ياش مودېل ھىكىس، گەرچە ئىنتايىن ياش ھەم تەجرىبىسىمۇ بىر قەدەر كەمچىل بولسىمۇ، لېكىن تىرامپ قولىنى بىر شىلتىپلا 28 ياشلىق بۇ قىزچاقنى ئاق ساراينىڭ ئالاقە مەسئۇلىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. لېكىن بىر قىسىم ئەپقاچتى خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشى سەۋەبلىك ھىكىس مۇشۇ يىلى 2-ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى، لېكىن تىرامپ دەرھاللا 22 ياشلىق دىسنېي قانىلىنىڭ ئىلگىرىكى ئايال ئارتىسى كارولىننى ئاق سارايغا ئېلىپ كىرىپ ئاخبارات ياردەمچىسى قىلىپ تەيىنلىدى، شۇنداق، يەنە بىر نازاكەتلىك ئايال ئاق سارايغا قەدەم تەشرىپ قىلدى.

    بۇ جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرىكى زۇڭتۇڭى كىلىنتوننى كۆزى مال تونۇمايدۇ، دېيىشكە بولىدۇ. ئىلگىرى تىرامپنىڭ رۇسىيەدە پاھىشە چاقىرغانلىق خەۋىرى تارقالغاندا، پۇتىن بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ: «گەرچە بىزنىڭ قىزلىرىمىزنى دۇنيادىكى ئەڭ نازاكەتلىك قىز دېيىشكە بولسىمۇ، لېكىن تىرامپنىڭ رۇسىيەدە پاھىشە چاقىرغانلىقى پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ، ئۇنىڭ يېنىدا نازاكەتلىك ئاياللار ئاز بولمىسا، بۇنداق قىلىشىنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق» دېگەن.

    3. كىچىككىنە ئۆچى بولسىمۇ ئالمىغۇچە بولدى قىلمايدۇ.

    مەسىلەن FBI نىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئاندرېۋ مەكابى(Andrew McCabe)، مۇشۇ ئايدا تىرامپ ئۇنى ئىشتىن بوشاتتى، شۇ چاغدا ئۇنىڭ تولۇق سوممىدا پېنسىيە مائاشىنى ئالالايدىغىنىغا ئارانلا 26 سائەت قالغانىدى. تىرامپ ئالاقە تورىدا بۇ توغرىلىق توختىلىپ: «ئاندرېۋنىڭ ئىشتىن بوشىتىلىشى FBI دا جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقانلار ئۈچۈن خوشاللىنارلىق بىر ئىش، ھەقىقىي دېموكراتىك بىر كۈن».

    ئاندرېۋنىڭ دېيىشىچە، ئۇ تىرامپنىڭ «رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش» ۋەقەسىدىكى مۇھىم ئىسپات بەرگۈچىسى ئىكەن، شۇڭا تىرامپ ئۇنى ئىشتىن بوشىتىشقا ئاران تۇرغان، ھەتتا بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىگە نۇرغۇن بەتنام چاپلىغان. ھازىر ئاندرېۋ مەبلەغ توپلاپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن سوتلاشماقچى بولدى، ئالدىدا ئاران 150 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ توپلانغانىدى، لېكىن توققۇز سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مەبلەغ سوممىسى يىغىلىپ 290 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

    4. ياخشىلىققا جاۋاب قايتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

    تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆزىنىڭ ئاق سارايدىكى مەخسۇس دوختۇرى رونني جېكسوننى قىسىمدىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇ ئالاقە تورىدا مۇنداق دېدى: «خوشال ھالدا شۇنى جاكارلايمەنكى، ھۆرمەتكە سازاۋەر رونني جېكسوننى يېڭى نۆۋەتلىك قىسىمدىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقىغا تەينىلىدىم».

    جېكسونمۇ ئاق ساراينىڭ ئادەتتىكى بىر دوختۇرىدىن چوڭ سەكرەپلا ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ مىنىستىرى بولۇپ قالدى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەسلى جېكسون ئىسىملىك بۇ دوختۇرنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىسى، ھەر خىل مىساللارنى نەقىل كەلتۈرۈپ تىرامپنىڭ گېنىنى ئىنتايىن ياخشى دەپ ماختاپ، ئۇنى 200 ياشقىچە ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ دېگىنىدە ئىكەن.

    شۇنى بىلىش كېرەككى، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى تىرامپنىڭ مىجەز-خاراكتېرىگە ئاساسەن ئۇنى روھىي جەھەتتىن سەل بىنورمال، زۇڭتۇڭ بولۇشقا ماس كەلمەيدۇ، دەپ قارىغان. لېكىن ئاق ساراينىڭ دوختۇرى بولغان جېكسون بۇ چاغدا تىرامپ تەرەپتە تۇرۇپ ئۇلارغا رەددىيە بەرگەن: «بىرىنچىدىن، تىرامپ ئىنتايىن ساغلام، ھاراق ئىچمەيدۇ، تاماكا چەكمەيدۇ، روھىي جەھەتتىنمۇ ھېچقانداق مەسىلە يوق؛ ئىككىنچىدىن، بەزى كىشىلەرنى گېنى ھەقىقەتەن كۈچلۈك بولىدۇ، تىرامپ دەل مۇشۇنداق؛ ئەگەر تىرامپ ئۆتكەن 20 يىلدا يېمەكلىك جەھەتتە تېخىمۇ ساغلام بولغان بولسا، 200 ياشقا كىرىشىدە گەپ يوق ئىدى».

    شۇنداق، ھەنىم بولسا 200 ياش دەپتۇ، جېكسوندا ھەقىقەتەن ئالىملارغا خاس روھ باركەن، ئەگەر 400 ياش دېگەن بولسا، تىرامپ ئۇنى نېمە ۋەزىپىگە قويار بولغىيتتى.

    بۇنداق ئادەمنى ئىشلەتمىسە تىرامپ يەنە قانداق ئادەمنى ئىشلىتىدۇ؟ شۇڭا تىرامپ قولىنى شۇنداقلا بىر ھەرىكەتلەندۈرۈپ جېكسوننى ھۆكۈمەت بۆلۈمىنىڭ مىنىستىرى قىلىپ قويدى. تىرامپنىڭ خاراكتېرى ئالاھىدىمىكەن، ئويلاپ باقمىغان بولغىيتىڭىز، ئامېرىكىدا ھازىرمۇ مۇشۇ ئۇسۇل ئاقىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00