• ئاپتونوم رايونىمىزدا 2018–يىللىق ‹‹باھار شامىلى ھەرىكىتى›› باشلاندى

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-04 10:05
  • ئاپتونوم رايونىمىزدا 2018–يىللىق ‹‹باھار شامىلى ھەرىكىتى›› باشلاندى

     مۇخبىرىمىز سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ چېھرىدە خۇددى ئىشىكى ئالدىدىكى ئۆرۈك چېچەكلىرىدەك خۇشاللىق جىلۋىلەنگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 2018 – يىللىق ‹‹باھار شامىلى ھەرىكىتى›› باشلانغانىدى، تۇنجى مەيدان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى نامرات ئاھالىنى 2000غا يېقىن ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەنىدى.

      ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئوتبېشى يېزىسى ئالاساي كەنتىدىكى توختى نىياز ئەر – خوتۇن ئاپتونوم رايوننىڭ 2018 – يىللىق ‹‹باھار شامىلى ھەرىكىتى››نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ۋە مەخسۇس خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ بۇ يەرگە كەلگەنىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شايار ناھىيەسىگە كېۋەز پەرۋىشىگە 500 ئىشچى لازىم ئىكەن، ھۆكۈمەت بىزگە بۇ ئىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ بەردى. ئەر – خوتۇن ئىككىمىز كېۋەز پەرۋىش قىلساق، يەنە دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە باشقىلارنىڭ پاختىسىنى تېرىشىپ بەرسەك، يىلدا ئاز دېگەندىمۇ 30 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلالىغۇدەكمىز.

      شۇ كۈنىدىكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنىدا قوبۇل قىلىنغان 500 ئىشچى ئوخشاش كىيىنىپ، مەيدىسىگە قىزىلگۈل تاقاپ، كەنت كادىرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شايار ناھىيەسىگە بارىدىغان ئاپتوبۇسقا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى 30 كارخانىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئورنى ئىش ئىزدەپ كەلگەنلەر بىلەن لىق تولدى.

      بۇلتۇر يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ نامراتلىقتىن ئوڭۇشلۇق قۇتۇلغان ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقيار بازىرى تۆۋەنكى خاڭدى كەنتىدىكى مەريەم ئىمىرمۇ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، يۇرتداشلىرىغا مەدەت بەردى. نامرات ئاھالىدىن ئايلىق كىرىمى 3500 يۈەنگە يېتىدىغان سانائەت ئىشچىسىغا ئايلانغان مەريەم ئىمىرنىڭ جۇشقۇن كەيپىياتى يۇرتدىشى قەمبەرگۈل قېيۇمغا مەدەت بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدە بىز زاۋۇتتا ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق، رەھمەت. مەنمۇ سانائەت ئىشچىسى بولۇپ ئائىلەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىمەن.

      ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقۇمىچىلىق كەسپىدىكى باشلامچى كارخانا بولغان شىنجاڭ ‹‹خۇافۇ›› رەڭلىك توقۇمىچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى 1000غا يېقىن ئىش ئورنى ھازىرلىغان بولۇپ، يېزىلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن 3000 نامرات كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى. بۇ شىركەتنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى مەركىزىنىڭ باش دىرېكتورى لۇ لى مۇنداق دېدى: شىركىتىمىزدە ھازىر 600دىن ئارتۇق يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىشچى بار، ئۇلار دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى قاتارلىقلارنى تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتىدۇ، تەستە قولغا كەلگەن بۇ مۇقىم خىزمەتنى ئىنتايىن قەدىرلەۋاتىدۇ، ئۇلار پارتىيەدىن چەكسىز مىننەتدار.

      ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىللىق ‹‹باھار شامىلى ھەرىكىتى››نى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق بەش تارماق بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشنى قوللاش، كىرىمنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش باش تېما قىلىنغان بولۇپ، 4 – ئاينىڭ 30 – كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. مۇھىم نۇقتا ئاساسلىقى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى ئەمگەك ئىقتىدارى بار، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى خالايدىغان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىگە مەركەزلەشتۈرۈلىدىكەن.

    مەنبەسى :شىنجاڭ گېزىتى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00