• ئەڭ تەلەيلىك كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان پەيتلىرىب

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-06 09:22
  • ئەڭ تەلەيلىك كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان پەيتلىرىب

    بەزىدە 0.1 مىللىمېتىر ئارىلىقمۇ تەلەي ۋە بالا-قازانىڭ چېگرا سىزىقى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

    تەلەي دېگەن زادى نېمە؟

    بۇ دۇنيا ھەر سېكۇنت، ھەر دەقىقە ئىچىدە توختىماستىن ئ‍ۆزگىرىپ تۇرىدۇ.

    مۇشۇنداق ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرغاچقىلا بۇ دۇنيا شۇنداق گۈزەل.

    يەنە مۇشۇنداق ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرغاچقا ھەر ۋاقىت بېشىمىزغا ھەر خىل بالا-قازالار يېغىپ تۇرىدۇ.

    بىر سېكۇنت ئىچىدە خۇشاللىق كۈلكىلىرى ئازابلىق يىغىغا ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى تامامەن مۇمكىن.

    يەنە ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئەڭ پاجىئەلىك پەيتلەردىمۇ بەزىلەرگە ئاپەت ئىچىدىكى ئامەت ئۇچراپ قېلىپ ئادەمنى ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىدىن خۇشاللىق ئاسمىنىغا ئېلىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن.

    بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى ئالدىن پەرەز قىلىپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس، تەلەي ئاشۇ ئىمكانسىزلىقلارنىڭ ئارىسىدا چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزدەك، خالىغان چاغدا، خالىغان ئادەمگە ئۇچراپ قالىدۇ.

    (1)

    چوڭ كوچىدا توكسىكلىتلىق كېتىۋاتقان بىر ياش يىگىتنى تۇيۇقسىزلا بۇرۇلغان ئاق رەڭلىك بىر پىكاپ سوقۇۋەتتى. پىكاپ توكسىكلىتنى بېسىپ ئۆزىنى قوغلاپ كېلىۋاتقاندا ياش يىگىت توختىماستىن ئۆمىلەپ قاچتى، ئۇنىڭ تەلىيىگە پىكاپمۇ ۋاقتىدا تورمۇزلاندى. بۇ يىگىتنىڭ ئىنكاسى قالتىس تېز ئىكەن، بولمىغان بولسا بىر مەيدان تىراگېدىيەنىڭ يۈز بېرىشى ئېنىقلا ئىدى.

    ئاپەت كەلگەندە قېچىپ قۇتۇلغىلى بولسا باشقا ھەممىنى تاشلاپ دەرھال قاچقۇلۇق. بۇ دۇنيادا ھاياتتىن قىممەتلىك نېمە بار دەيسىز؟

    (2)

    بىر تەۋەككۈلچى پۇرژىنىلىق ئارغامچىدا ئېگىزدىن سۇغا سەكرىدى. ئۇ ئەلۋەتتە سۇ ئاستىدا بىر تىمساھنىڭ دەل ئۆزىنىڭ ئۇدۇلىدا ئاغزىنى يوغان ئېچىپ تەييار تۇرغانلىقىنى كۆرمىگەن ئىدى. ئۇنىڭ ھېلىمۇ تەلىيى بار ئىكەن، ئارغامچا دەل ۋاقتىدا قاڭقىپ چىقىپ ئۇنى تىمساھنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزۇۋالدى. 

    مانا بۇنى پۈتۈنلەيلا تەلەيگە تايىنىپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلدى دەيمىز. بۇ تەۋەككۈلچى ئۆزىنىڭ تەلىيىدىن باشقا رەھمەت ئېيتىدىغان ھېچكىمنى، تەبرىكلەيدىغان ھېچنېمىنى تاپالمايدۇ.

    (3)

    تاغقا يامىشىۋاتقان بىرەيلەن لاي-لاتقا ئېقىنىغا دۇچ كەلدى. بىرەر كەنتنىمۇ بىمالال يۇتۇۋېتەلىگۈدەك زور مىقداردىكى لاي-لاتقىلار ۋە يوغان يوغان قورام تاشلار ئۇنىڭغا قاراپ تېز سۈرئەتتە ئېقىپ كەلمەكتە. ئەگەر يېرىم يولدا غايەت زور بىر تاش بۇ لاي-لاتقا ئېقىنىنى توسۇپ قالمىغان بولسا ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس ئىدى.

    تەلەي دېگەن نەرسە بولمىسا ئۇ ھەرگىزمۇ بۇ ھېكايىنى ئېيتىپ بېرىدىغان پۇرسەتنى تاپالمىغان بولاتتى.

    (4)

    بىر يۈك ئاپتوموبىلى تۇيۇقسىز كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، ئۆرۈلۈپ كەتتى ۋە نەچچە موللاق ئېتىۋەتكەندىن كېيىن ئۇدۇل يول بويىدا ئولتۇرغان بىر توپ كىشىلەرنىڭ يېنىغىلا كېلىپ قالدى. ئاپتوموبىل ئەگەر يەنە بىرلا موللاق ئاتسا بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا ئۇنىڭ ئاستىدا قېلىپ مىجىلىپ كېتەتتى. بالا-قازا قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا قالغاندا ئۇدۇل موللاق ئېتىپ كېلىۋاتقان ئاپتوموبىل تۇيۇقسىز يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ يانچە يىقىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىلەر بىر بالا-قازادىن ئامان قالدى.

    تەلەي دېگەن بۇ نەرسە ئادەم ھەممىدىن ئۈمىدنى ئۈزۈپ تۇرغاندا جاھاننى ئاستىن-ئۈستۈن قىلغۇدەك سىرلىق كۈچى بىلەن تۇيۇقسىزلا كېلىپ قالىدۇ-دە، ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.

    (5)

    بىر خىزمەتچى خادىم كوچىدىكى قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان بىر بىنانىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى، تۇيۇقسىزلا بىنانىڭ ئۈستىدىن بىر بۆلەك جاي گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ ئۇ تېخى بىر سېكۇنت بۇرۇنلا تۇرغان جايغا چۈشتى. 

    ئىشلار مانا مۇشۇنداق ئاددىي: بىر قەدەم بالدۇر مېڭىۋېدى، ئامان قالدى؛ بىر قەدەم كېچىككەن بولسىچۇ؟ ئۇنداقتا ئۇنى نەس باستى دەيتتۇق.

    (6)

    بىر ماشىنا تۇيۇقسىزلا كونتروللۇقىنى يوقىتىپ يول قىرىدىكى توك سىمى ئىستولبىسىغا قاتتىق سوقۇلدى، ئىستولبىنىڭ يېنىدىلا پىيادىلەر يول بار ئىدى. ئوقتەك تېز سۈرئەتتە كېلىۋاتقان ماشىنا ئۇدۇل پىيادىلەر  يولىدا خاتىرجەم كېتىۋاتقان بىرەيلەننى سوقۇۋېتىشقا ئازلا قالغاندا نېمىشقىدۇر يۆنىلىشى ئۆزگىرىپ ئىستولبىغا سوقۇلدى، بۇ ئارىلىقتا ئۇ ئادەممۇ دەرھال ئۆزىنى ئوڭشاپ ئىستولبىنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپلا قالغان بىر مەيدان بالا-قازا مۇشۇنداق ئۆتۈپ كەتتى. 

    بالا-قازاغا دۇچ كەلگەندە ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئۆزىنى قوغداش يوشۇرۇن كۈچى بىراقلا پارتلاپ چىقىدۇ، بۇنى ئاشۇ ئادەمنىڭ ئۆزىمۇ بىلمەيلا قالىدۇ. خۇددى بايىقى پىيادىلەر يولىدىكى ئاشۇ ئادەمگە ئوخشاش، ئۇ بەلكىم ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا قانداقىسىگە شۇنچە تېز ئىستولبىنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋالالىغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەسلىكى مۇمكىن.

    (7)

    سىيرىلما غالتەك ئويناشنى ئۆگىنىۋاتقان بىر يىگىت ئۆزىنى بىر كۆرسەتمەكچى بولۇپ لەمپىنىڭ ئۈستىگە سەكرەپ چىقتى، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن تېيىلىپ كېتىپ پەسكە يىقىلىپ چۈشتى، ئەمما لەمپىنىڭ دەل ئاستىدىكى بىر تۆمۈر رىشاتكىنىڭ ئۇچىغا ئۇنىڭ سومكىسىنىڭ بېغى كىرىپ قالغان ئىدى. ئون نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى بوشلۇقتا ئېسىلىپ قالغان يىگىت يەرگە چۈشۈپ قاتتىق ئاۋاز چىقارغان سىيرىلما غالتىكىنى كۆرگەن ئاشۇ پەيتتە ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ تەلەيلىك ئىكەنلىكىدىن قالتىس خۇشال بولدى. 

    كىشىلەر دائىم: «سۇغا چۆكۈپ كەتكەن ئادەم ئۈمىدسىزلىكتە بىر تال شال پاخىلى كۆرسىمۇ شۇنىڭغا ئېسىلىپ باقىدۇ» دېيىشىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق شال پاخىلىنىڭ ئاجىز، ئەرزىمەس نەرسە ئىكەنلىكىنى تەسۋىرلىمەكچى بولۇشىدۇ، ئەلۋەتتە شۇنداق، شال پاخىلى ئاجىز نەرسە، ئەمما دەرەخ شېخى بولسا نەتىجە پۈتۈنلەي باشقىچە بولىدۇ، خۇددى بۇ يىگىتكە ئوخشاش.

    (8)

    تاشيولنى كېسىپ ئۆتۈۋاتقان بىر يىگىتنى ئۇچقاندەك كېلىۋاتقان ماشىنا سوقۇپ يولنىڭ قىرىغا ئۇچۇرتىۋەتتى. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئۇ يىگىت ھاۋاغا ئۇچۇپ كەتمىدى، ياكى كاللىچىلاپ يىقىلىپمۇ چۈشمىدى، ئەكسىچە پەقەتلا سىيرىلىپ ماڭغان پېتى يولنىڭ قىرىغا چىقىپ قالدى ۋە ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىپ كەتتى. ئۇ مۆجىزىلەرچە ئازراقمۇ يارىلانمىغان ئىدى. 

    تەلەي شۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك نەرسىكى، ئۇ ناھايىتى ئاز ئادەمگە نېسىپ بولىدۇ.

    (9)

    پاراخوتنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرىگە چىقىپ سۇغا سەكرەپ ئويناۋاتقان بۇ يىگىت قارىغاندا سەكرەشتىن بۇرۇن پاراخوتنىڭ قاتتىق پالۇبىسىنى ئويلاشمىغاندەك قىلاتتى. ئۇ سۇغا كەينىنى قىلىپ تۇرۇپ ھاۋادا بىر موللاق ئېتىپ سۇغا سەكرىگەن ئاشۇ پەيتتە ئۇنىڭ بۇرنى بىلەن پاراخوتنىڭ پالۇبىسى ئارىىسىدا بەلكىم ئون سانتىمېتىرچىلا ئارىلىق قالغاندۇ، مانا بۇ ئارىلىق دەل تەلەي بىلەن بالا-قازانىڭ ئارىلىقى ئىدى. كاللا يېرىلىدىغان، چىراي ئۆزگىرىپ كېتىدىغان، ھەتتا ئېغىرراق بولسا ھاياتقا خەۋپ يېتىدىغان بىر بالا-قازا مانا مۇشۇنداقلا ئۆتۈپ كەتتى.

    ھاياتىڭىز بىلەن ئويناشماڭ، بالا-قازا بىلەن تەلەي ئارىسىدىكى چېگرىغا يېقىنلاشماڭ. ئۆلۈم ئالدىدا بىز ھەممىمىز ئوخشاشلا ناھايىتى ئاجىز.

    (10)

    تۆمۈر يولنىڭ قىرغىقىدا تۇرۇپ كامېراسىدا ئالدىدىن كېلىۋاتقان بىر پويىزنى فىلىمگە ئېلىۋاتقان بۇ كىشىنىڭ قۇلاق تۈۋىدىن بىر نەرسە غۇيۇلداپلا ئۆتۈپ كەتتى، ئۇ دەرھال كەينىگە بۇرۇلۇپ قاراپ ئۆزىنىڭ بىلىپ-بىلمەيلا ئۆلۈمگە بىر سانتىمېتىر يېقىنلاپ قېلىپ، ئارقىدىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى، چۈنكى ئۇ ئالدىغا قاراپ تۇرغاندا كەينىدىن يەنە بىر پويىز ئۇنىڭ كىيىملىرىگە سۈركىلىپ دېگۈدەك ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى.

    ئۇ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ قورقۇنچتىن چەكچىيىپ كەتكەن كۆزلىرىنى كۆرگەندىلا ئاندىن بۇ ئىشنىڭ قانچىلىك قورقۇنچلۇق بولغانلىقىنى تولۇق ھېس قىلىپ يەتكەندەك قىلاتتى.

    (11)

    كوچا ئاپتوبۇسى تاشيولدا تېز سۈرئەتتە كېتىۋاتاتتى، تۇيۇقسىز ئالدى تەرەپتە بىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، پولات تۇرۇبا بېسىپ ماڭغان بىر يۈك ئاپتوموبىلى ئۆرۈلۈپ كەتتى، بۇ تۇرۇبىلارنىڭ بىرى تاشيولغا بىر تېگىپلا قاڭقىپ چىقىپ كوچا ئاپتوبۇسىنىڭ ئالدى ئەينىكىدىن كىرىپ نەق شوپۇرنىڭ ئورۇندۇقىنى نىشانلاپ ئۇچۇپ كەلدى. بىر مەيدان قانلىق پاجىئە قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا قالغاندا شوپۇر ئۆزىمۇ بىلىپ-بىلمەيلا ئېڭىشىۋالدى، مۇشۇ كىچىككىنە بىر ھەرىكەت تۈپەيلى بۇ تەلەيلىك شوپۇرنىڭ جېنىمۇ ئ‍امان قالدى.

    كۆپىنچە ۋاقىتلاردا سىزنى قۇتقۇزۇۋالغىنى دەل سىزنىڭ كىرىزىس ئالدىدىكى ئاشۇ بىر قېتىملىق توغرا تاللىشىڭىزدۇر. كۆزى ئۆتكۈر، كاللىسى تېز ئىشلەيدىغان، پۇت-قولى چاققان كىشىلەر تەلەيگە يېقىنراق تۇرىدۇ.

    (12)

    سىيرىلما غالتەكلىك بۇ يىگىت تېيىلىپ تېيىلىپ كېلىپ دەرۋازىنىڭ ئالدىدىكى سىيرىلما يولدىن سەكرەپ چىققان دەل شۇ چاغدا دەرۋازىنىڭ ئالدىدىكى يولدا بىرىنىڭ ۋېلىسپىتلىق ئۆتۈپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. ھېلىمۇ ياخشى غالتەكلىك يىگىت دەل ۋاقتىدا غالتىكىنى تۇتۇپ پۇتىنى يىغىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن ۋېلىسپىتلىق يىگىت ۋە غالتەكلىك يىگىت ھەر ئىككىيلەن تاشيولغا كاللىچىلاپ يىقىلىپ چۈشۈشتىن ساقلىنىپ قالدى.

    بالا-قازاغا يولۇقۇش تەلەيسىزلىك، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ قېلىش بولسا تەلەي، ئەمما ئەگەر سىز ئۇنىڭدىن يىراق تۇرالىغۇدەك بولسىڭىز چوقۇم يىراق تۇرۇڭ، بۇنداق بولغاندا ئاۋارىچىلىق ئەڭ ئاز بولىدۇ.

    (13)

    سودا ساراينىڭ دەرۋازىسىدىن ئەمدىلا چىقماقچى بولۇۋاتقان بۇ قىز تۇيۇقسىز بىر ماشىنىنىڭ دەل ئۆزىگە قاراپ دەرۋازىنى سۇندۇرۇپلا باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى-دە، دەرھاللا كەينىگە قايتتى، بۇ كۆرۈنۈشكە قاراپ ئۇنىڭ قانداقىسىگە ئازراقمۇ يارىلانما قۇتۇلغانلىقىغا ئادەمنىڭ راستتىنلا ئەقلى يەتمەيدۇ.

    ئەمەلىيەتتە تەلەي دېگەننىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى شۇكى، ئۇ ئادەمنىڭ ئۆلىدىغان ۋاقتىنىڭ تېخى كەلمىگەنلىكى دېمەكتۇر.

    (14)

    ئۆي چاققۇچىلار چوڭ بىر بىنانى پارتلىتىۋاتقاندا، بىر توپ تاماشىچى ئەتراپقا ئولىشىۋېلىپ تاماشا كۆرۈۋاتاتتى، يەنە بەزىلەر يانفونىنى چىقىرىپ بۇ كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە تارتىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز ئادەمنىڭ بېشىدەك يوغان بىر تاش ئوقتەك ئۇچۇپ كېلىپ بىر ئادەمنىڭ چېچىنى سىيپاپلا ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ ئادەم پەقەت بېشىنى ئازراق قىيپاش قىلىپلا بېشىنى ساقلاپ قالدى، بولمىسا بۇنچە تېز سۈرئەتتە ئۇچۇپ كېلىۋاتقان شۇنچە يوغان بىر تاش بۇ ئادەمنىڭ بېشىنى ئۇچۇرۇپ ئېلىپ كېتىشكە تامامەن يېتەتتى. بۇ كۆرۈنۈش راستتىنلا ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىۋېتىدۇ.

    بۇ ئادەمنىڭ بېشى ھېلىمۇ مۈرىسىدە تۇرماقتا، بۇ ئۇنىڭ تەلىيى دېسەكمۇ، ئۇ ئادەم يامانكەن، نەق ۋاقتىدا بېشىنى قاچۇرۇۋالدى دېسەكمۇ بولىۋېرىدۇ. ئەمما شۇنى چوقۇم يادىڭىزدا تۇتۇڭكى، خەتەرلىك جايلاردا ھەرگىز تاماشا كۆرۈپ تۇرماڭ.

    (15)

    قېلىن قارغا كۆمۈلۈپ كەتكەن تېيىلغاق تاغ يولىدا كوزۇپلۇق بىر ماشىنا يولنىڭ قىرىدا ئاستا كېتىۋاتاتتى، تۇيۇقسىزلا ئۇ ماشىنا ئاغدۇرۇلۇپ كېتىپ ھاڭغا چۈشۈپ كەتتى. شوپۇر ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى تېزلىكتە ئېچىپلا ئەڭ ئاخىرىقى پەيتتە پەسكە سەكرەپ چۈشۈۋالدى، ئ‍ۇنىڭ ماشىنىسى بولسا موللاق ئاتقىنىچە ئاللىقاچان كۆز يەتكۈسىز چوڭقۇرلۇقتىكى ھاڭغا چۈشۈپ پاچاقلىنىپ كەتكەن ئىدى.

    بالا-قازا كەلگەندە ئۆلۈمنى كۈتۈپ تۇرغاندىن ھەر ئاماللارنى قىلپ جاننى قۇتقۇزۇشقا ئۇرۇنۇپ باققان مىڭ ئەۋزەل. جايىدا جىملا ئولتۇرۇۋالغان كىشىگە مىڭ تەلەي كەلسىمۇ بىكار.

    (16)

    دېڭىزدا مەشغۇلات قىلىۋاتقان بىر غەۋۋاس تۇيۇقسىز غايەت زور بىر يىرتقۇچ لەھەڭنىڭ ئۆزىگە قاراپ ئوقتەك تېزلىكتە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى-دە، دەرھاللا قەپىزىگە كىرىۋالدى. بۇ قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈشتىن سىز شۇنى تولۇق جەزملەشتۈرەلەيسىزكى، ئەگەر بۇ قەپەز بولمىغان بولسا بۇ غەۋۋاس ئەپەندى ئاللىقاچان لەھەڭنىڭ ئاشقازىنىغا كىرىپ بولغان بولاتتى.

    (17)

    يېشىل چىراغ ياندى، بۇ يىگىت پىيادىلەر يولىدىن ئالدىراش ئۆتۈشكە باشلىدى. دەل شۇ ئەسنادا بىر كوچا ئاپتوبۇسى كونتروللۇقىنى يوقىتىپ ئوقتەك كېلىپلا، قىزىل چىراغتا تۇرۇۋاتقان بىر ماشىنىنى سوقتى-دە، بۇ ئىككى ماشىنا يولدىن ئۆتۈۋاتقان كىشىگە سۈركىلىپ دېگۈدەك ئۆتۈپ كەتتى. ھېلىمۇ ياخشى ئۇ ئادەم سەزگۈر ئىكەن، پۇتلىرىمۇ خېلى چاققان ئىكەن، بولمىغان بولسا…

    بەزىدە سىزدە ھېچقاندا سەۋەنلىك بولمىسىمۇ، بالا-قازا يەنىلا كېلىۋېرىدۇ. يەنە بەزىدە ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلۇشقا چاققان ئىككى ئۈچ قەدەممۇ يېتىپ قالىدۇ.

    (18)

    ئېگىز كۆۋرۈكتىن سۇغا سەكرىگەن يىگىت بىر ئەجەللىك خاتالىق ئۆتكۈزدى، يەنى ئۇ سۇغا سەكرەشتىن بۇرۇن سۇ يۈزىنى بىر تەكشۈرىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدى. ئۇ سەكرەپ سۇغا چۈشكەن ھامانلا بىر كېمە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆتۈپ كەتتى. بەختكە يارىشا بۇ ئەجەللىك خاتالىق بۇ قېتىم ئۇنىڭ جېنىنى ئالمىدى. ئەگەر ئۇ بىر سېكۇنتلا كېچىككەن بولسا، ياكى كېمىنىڭ سۈرئىتى ئازراقلا تېز بولغان بولسا، ئۇ كېمىنىڭ پالۇبىسىغا كاللىچىلاپلا چۈشكەن بولاتتى، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ھەقىقەتەن قىيىن.

    بىز تەۋەككۈلچىلەرگە ھەقىقەتەن قايىل، ئەمما تەۋەككۈلچى بىلەن ھاياتتىن زېرىكىپ ئۆلۈۋالغۇچىنىڭ ئارىسىدا تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىن ئىبارەت بىر پەرقمۇ بار، بۇ ئېسىڭىزدە بولسۇن.

    (19)

    مۇسابىقە ماشىنىلىرى تار يولدىن غۇيۇلداپ ئۆتۈۋاتاتتى. بىر مۇخبىر يول قىرىدا كامېراسىنى تۇتۇپ كېلىۋاتقان بىر ماشىنىنى كۆزىتىپ تۇرغاندا، ئۇ ماشىنا ئوقتەك ئۇچۇپ كېلىپ ئۇنى سوقۇۋېتىشكە ئازلا قالدى. ئۇ كىشى ھېلىمۇ ياخشى يول قىرىدىكى بىر تاش توسۇقنىڭ تۈۋىدە تۇرغان ئىكەن، ماشىنا ئۇنى سوقۇۋېتىشكە بىر سانتىمېتىرلا قالغاندا ئاشۇ تاش توسۇق ئۇنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالدى. مۇخبىر دېگەن يەنىلا مۇخبىردە، ئۇ بايىلا تېخى ئۆلۈمنىڭ ئاغزىدىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك دەرھال كامېراسىنى توغرىلاپ بۇ ماشىنىنى سۈرەتكە ئېلىشقا باشلىدى.

    بۇ ئادەم مۆجىزىلەرچە ھېچقانداق يارىلانمىدى، شۇنداقتىمۇ بۇ ئادەمگە شۇنداق دەيمىزكى: سىز ئېغىر-بېسىق ۋە تەمكىن بولسىڭىز بولىدۇ، ئەمما ئىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن شۇنداق بولۇڭ. بالا-قازا ئالدىدا يەنىلا ئ‍ازراق جىددىيلىشىپ قالغانمۇ ياخشى ئىش.

    (20)

    ئۈچەيلەن پاراڭلاشقاچ ئالدىرىماي يولدىن ئۆتۈۋاتاتتى، تۇيۇقسىزلا ئىككى ماشىنا سوقۇلۇپ كەتتى، بۇ ئىككى ماشىنىنىڭ بىرى پىرقىرىغىنىچە بۇ ئۈچەيلەننىڭ يېنىغىلا كېلىپ قالدى. بۇ ماشىنا يەنە بىر سېكۇنتلا ئارتۇق پىرقىرىغان بولسا بۇ ئۈچەيلەننى مىجىۋېتىدىغان يەرگە كەلگەندە تۇيۇقسىز توختاپ قالدى، بىر مەيدان يۈز بەرگۈسى پاجىئە مانا مۇشۇنداق ئاخىرلاشتى. 

    «بالا-قازا كۆرۈنۈپ كەلمەس، پۇت-قولىنى ساڭگىلىتىپ» دېگەنلەر نەقەدەر توغرا ئېيتقان. بالا-قازا خالىغاندا كېلىدۇ، ئەمما بەختكە يارىشا تەلەيمۇ شۇنداق تۇيۇقسىز كېلىدۇ، بۇ ئىككىسى ئۇچراشقان ئاشۇ پەيتتە جان ھايىنىغا قالىدىغان گەپ، خۇددى بۇ ئۈچەيلەننىڭ ھېكايىسىدەك.

    (21)

    قورۇدا ئىتنى ئايلاندۇرۇۋاتقان بۇ يىگىتنىڭ بېشىغا ئاسماندىن تۇيۇقسىزلا بالا-قازا ياغدى، يەنى دەرەخنىڭ بىر پارچە يوغان شېخى دەل ئۇنىڭ بېشىنى نىشانلاپلا چۈشكەن ئىدى. مانا مۇشۇنداق قىلىپ بۇ شاخ ئۇ يىگىتنىڭ قورسىقىدىن يوغان بىر تۆشۈك ئېچىپ قويۇشقا پەقەت بىر سانتىمېتىرلا قالدى، پەقەتلا بىر سانتىمېتىر.

    بەزىلەر «بىتەلەي تېزەك تەرگىلى چىقسا كالىمۇ قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ» دېگەن دەرىجىدە قاتتىق تەلەيسىز بولىدۇ، يەنە بەزىلەر بولسا «تۈگمەننىڭ كويلىسىدىن پۈتۈن چىقىدىغان» دەرىجىدە تەلەيلىك كېلىدۇ.

    تەلەي ھەقىقەتەن بار نەرسە، ئەمما ئۇنىڭ دەل ۋاقتىدا بىزنى قۇتقۇزۇۋېلىش ئېھتىماللىقى بەلكىم مىليوندىن بىر بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ھاياتىڭىزنى تەلەيگە باغلاپ قويماڭ، بولمىسا ئەڭ ئاخىرىدا ئۈمىدسىزلىنىپ قېلىشىڭىز تۇرغانلا گەپ.

    ھېلىمۇ ياخشى بىزنىڭ تاللاش پۇرسىتىمىز بار، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىپ، ساقلانغىلى بولىدىغان بالا-قازالاردىن ساقلىنىش كېرەك، ئاندىن ئېشىپ قالغانلىرىنى، ساقلانغىلى بولمايدىغانلىرىنى تەلەي پىشانىمىزگە تاپشۇرۇپ، خاتىرجەم ياشاۋەرسەك بولىدۇ. 

    ھەممەيلەنگە ئامەت تىلەيمەن.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00