• 31 ياش پۇلنى ئەڭ كۆپ خەجلەيدىغان مەزگىل ئىكەن

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-07 01:18
  • 31 ياش پۇلنى ئەڭ كۆپ خەجلەيدىغان مەزگىل ئىكەن

    31 ياش پۇلنى ئەڭ كۆپ خەجلەيدىغان مەزگىل. 

    ئىناۋەت باھالاش شىركىتى ClearScoreنىڭ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ياش باسقۇچى كىشىلەرنىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ پۇل خەجلەيدىغان مەزگىل ھېسابلىنىدىكەن، بۇ ياشتىكىلەرنىڭ خىراجىتى پەقەت مۇشۇ بىر يىل ئىچىدىلا 60 مىڭ دوللارغا يېتىدىكەن. 

    ClearScore شىركىتى 25 ياشتىن يۇقىرى 3000 مىڭ ئادەمنى تەكشۈرگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ شۇ يىلىدىكى چىقىمىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ چىققان. 

    تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، بۇ ياشتىكىلەر ئىچىدە 31 ياشتا ئەڭ كۆپ چىقىم قىلغان بولۇپ، ئەڭ چوڭ چىقىمى توي خىراجىتى (%27)، ئۆي سېتىۋېلىش (%25)، پەرزەنتلىك بولۇش (%20) ۋە شېرىن ئاي ئۆتكۈزۈش (%14) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

    ClearScoreنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، 31 ياشتىكى زىيارەت قىلىنغۇچىلار ئىچىدە، %60تى بۇ ياش باسقۇچىدىكى قوشۇمچە خىراجىتىنى تولۇق قامدىيالايدىغان يېتەرلىك پۇلى بارلىقىنى بىلدۈرگەن، 25 ياشتىن 21 ياشقىچە بولغانلار ئىچىدە %33 ئادەم ئاتا-ئانىسىدىن پۇل سورىمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

    سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، 55 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر ئىچىدە پەقەت %14تى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇلار 31 ياش ۋاقتىدا ئۆزلىرىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

    تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، 31 ياشلىق كىشىلەر يەنە پۇل يىغىش مەسىلىسىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن، بولۇپمۇ پېنسىيەگە چىقىش ۋە پەرزەنتلىك بولۇشقا پۇل يىغىش مەسىلىسىدىكى ئەندىشىسى بەكرەك گەۋدىلىلىك ئىكەن، %20 ئادەم يۇقىرى سوممىلىق تاۋار سېتىۋالغان ۋاقىتتا ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 55 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر ئىچىدە بولسا پەقەت %8 ئادەم مۇشۇنداق قىلىدىكەن.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك