• سابىق 1-خانىم مىچېل ئوباما، تىرامپ، ۋە ھىلارى ئۈچىسىنى سېلىشتۇردى

  • يوللىغۇچى : ئەركىن
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-09 12:30
  • سابىق 1-خانىم مىچېل ئوباما، تىرامپ، ۋە ھىلارى ئۈچىسىنى سېلىشتۇردى

    ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى باراك ئوبامانىڭ خانىمى مىچېل يولدىشىنىڭ زۇڭتۇڭ ۋارىسى، يەنى ھازىرقى زۇڭتۇڭ دونالد تىرامپقا قانداق قارايدۇ؟ بۇ ھەپتە مىچېل ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا تولىمۇ ئاز كۆرۈلىدىغان ئىشتىن بىرنى قىلىپ، تىرامپ ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆزىنىڭ يولدىشى ئوباما ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئىككى دەۋرنى سېلىشتۇرغان. ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بولغان مىچېلنىڭ قارىشىچە ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى خۇددى «مەسئۇلىيەتچان دادا»غا ئوخشايدىكەن. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا تىرامپنىڭ ھۆكۈمىتىنى «بالىلىرى كەپسىزلىك قىلىپ گەپ ئاڭلىمىسىمۇ كارى بولمايدىغان ئائىلە باشلىقى» دېيىشكە بولىدىكەن.

    ئامېرىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال گېزىتى «دۆلەت مەجلىسى تۆپىلىكى گېزىتى» ۋە ئامېرىكا خەنزۇچە تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىچېل ئوباما يېقىندا ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 39-نۆۋەتلىك سىمونس باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندا ئوباما ۋە تىرامپتىن ئىبارەت ئىككى زۇڭتۇڭنىڭ ھۆكۈمىتىنى ئائىلە باشلىقلىرىغا ئوخشىتىپ تۇرۇپ سېلىشتۇرغان. مىچېلنىڭ قارىشىچە، ئوبامانىڭ سەككىز يىللىق زۇڭتۇڭلۇق مەزگىلىنى «ياخشى ئائىلە باشلىقى» دەپ تەسۋىرلەشكە بولىدىكەن، مىچېلنىڭ دېيىشىچە ئوباما تولىمۇ مەسئۇلىيەتچان دادا بولۇپ، ئۇ بالىلىرىغا كۆكتاتلارنى تولۇق يېيىش ۋە ۋاقتىدا ئۇخلاشنى جېكىلەپ تۇرىدىكەن.

    ئارقىدىن ئۇ تىرامپ ھۆكۈمىتىنى تىلغا ئالغاندا ئانچە تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرمايلا ئۇنى «مەسئۇلىيەتسىز ئائىلە باشلىقى» دەپ سۈپەتلىگەن ۋە: «بىز ھازىر باشقا بىر ئائىلە باشلىقىنىڭ قولىغا قالدۇق. بىز ئىلگىرى بۇ كىشى خېلى بولۇپ قويىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدۇق. چۈنكى بىز بىر كۈن توختىماي شېكەر يەۋالساقمۇ، خالىغىنىمىزنى قىلىپ ئۆينى بېشىمىزغا كىيسەكمۇ ئۇنىڭ كارى يوق ئىدى، ھازىرمۇ شۇنداق» دېگەن.

    «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «تىرامپ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلغاندا سىز قانداق ئويلىغان ئىدىڭىز؟» دېگەن سوئالغا جاۋابەن مىچېل: «ئالدى بىلەن ئۇزۇن ئۇزۇن بىر ئۇھ تارتىۋەتتىم» دېگەن، ئارقىدىن ئۇ گەپنى ئوباماغا يۆتكەپ: «مەن يولدىشىمدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم، مەسىلەن مەن ئۇنى كۆزىتىش ئارقىلىق رەھبەر بولغۇچىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگەندىم. مەن ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىملىرى رەھبەرلىك تەبىئىتى ۋە سەۋر-تاقەتتىن ئىبارەت، بۇ ئىككى نەرسە ئۇنىڭ قېنىدا بار» دېگەن.

    مىچېل زىيارەت جەريانىدا تىرامپقا بولغان نارازىلىقىنى تىلغا ئېلىپلا قالماستىن يەنە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھىلارى كىلىنتوننى ماختىۋېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغان، ئۇ ھىلارىنى «زۇڭتۇڭلۇق خىزمىتىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان، زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشقا ئەڭ شەرتى توشىدىغان ئادەم» دەپ تەرىپلىگەن، ئۇنىڭ قارىشىچە ھىلارىنىڭ سايلامدا تىرامپقا يېڭىلىپ قېلىشتىكى ئاساسلىق سەۋەب نۇرغۇنلىغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ سايلامدا بېلەت تاشلاشقا قاتناشمىغانلىقى ئىكەن. 

    مۇخبىرلار مىچېل ئوبامادىن كەلگۈسىدە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىش خىيالىنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدە سوئال سورىغاندا، ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابى دېموكراتلار پارتىيەسىدىكى بەزى كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويغان، چۈنكى مىچېل سايلامغا قاتنىشىش مۇمكىنچىلىكىنى ئىنكار قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن ئەزەلدىن سىياسىيغا قىزىقمايمەن… مەن پەقەت تاسادىپىي ھالدا سىياسىيغا ئوتتەك قىزىقىدىغان بىر ئادەم بىلەن توي قىلىپ قالدىم خالاس».

    2017-يىلى 9-ئايدا ئىلگىرى كىلىنتون زۇڭتۇڭنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن بىر مۇتەخەسسىس: «ئامېرىكىنىڭ سابىق بىرىنچى خانىمى مىچېل ئوباما دېموكراتلار پارتىيەسى ئىچىدە ھازىرقى زۇڭتۇڭ تىرامپقا قارشى چىقالايدىغان ئەڭ ياخشى نامزات» دېگەن ئىدى. خەلق رايى مۇتەخەسسىسى شاۋنمۇ ئەينى چاغدا مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئەگەر دېموكراتلار پارتىيەسى 2018-يىلىنىڭ ئوتتۇرىدا پارلامېنتتا كۆپ سانلىق ئورۇننى ئىگىلىمەكچى بولىدىكەن، ئۇنداقتا ئۇلار چوقۇم بىر زاپاس پىلان تەييارلاپ قويۇشى، پارتىيەنى قايتا تەشكىللەپ چىقىشى زۆرۈر. بۇ زاپاس پىلاندا خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن بىر سىياسىي رەھبەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، يېپيېڭى، ئىتتىپاقلاشقان بىر ئۆكتىچى پارتىيەگە رەھبەرلىك قىلىشى كېرەك، مېنىڭ قارىشىمچە بۇنداق مۇھىم خىزمەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغان، خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن بىرلا كىشى بار، ئۇ بولسىمۇ دەل مىچېل ئوباما».

    مەنبەسى :تېڭشۈن


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك