• نىگارئاينىڭ «بولدى بەس»ناملىق ئەڭ يېڭى نادىر MVناخشىسى تارقىتىلدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-09 04:15
  • نىگارئاينىڭ «بولدى بەس»ناملىق ئەڭ يېڭى نادىر MVناخشىسى تارقىتىلدى

     ئەلكۈيى تورى سەنئەت قانىلى مەخسۇس خەۋىرى: نىگار سۇلتان ئىجراسىدىكى «بولدى بەس» ناملىق ناخشا يۇقىرى ئېنىقلىقتا سۈرەتكە ئېلىنىپ ، نادىر ۋەقەلىكلەر بىلەن ئىشلىنىپ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سونۇلدى .

    ناخشىدا : نىگار  سۇلتان
    مۇزىكىسى : دىلشات ئەنۋەر ئاۋامۇسىلىم 
    ئاككوردلاشتۇرغۇچى : دىلشات ئەنۋەر ئاۋامۇسىلىم 
     سۆزى : مەمەتتۇرغۇن ئەلى 
    سۈرەتكە ئالغۇچى: ئەكرەم  ئەركىن  DM studio
    演员:尼格尔.苏力坦
    作曲:迪里夏提 阿瓦姆
    配器、MIDI制作:迪里夏提 阿瓦姆
    作词:麦麦吐尔洪·艾力 
    摄影:艾克热木  艾尔肯  DM studio


    ‎ نىگارئاي  سۇلتاننىڭ قىسقىغىنە تەرجىمھالى  

    ‎نىگارئاي 1989-يىلى27- ئاۋغۇستتا  ئۈرۈمچىدە سەنئەت سۆيەر بىر مائارىپچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭ بۈگۈنگە قەدەر سەنئەتتىكى بۆسۈش خاراكتىرلىك ئۆزگىچە، ئالاھىدىلىكى ۋە نەتىجىلىرى ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە ئەجدادلىرىنىڭ ئېسىل ئىرسىيتىدىن ئايرىپ قارىمايمىز ئەلۋەتتە. نىگارئاينىڭ بوۋىسى   ئابلىزئەپەندى، شىنجاڭغا (داۋ رەي مى فا سو)نى تۇنجى ئەكىرگەن ۋە بىر قاتار مەشھۇر مۇزىكانت ۋە ناخشىچىلارنى تەربىيەلەپ  شىنجاڭنىڭ بۇ جەھەتتىكى سەنئەت بوشلۇقىنى تولدۇرغان نوپوزلۇق ئۇستازلارنىڭ بىرى بولۇپ، خەلق ئۇنى تا ھازىرغىچە ئابلىز دودو دىگەن تەخەللۇس بىلەن ئاتاپ ھۆرمەت بىلەن ياد ئىتىپ خاتىرلەپ  كەلمەكتە. 

    نىگارئاي ئائىلىسىنىڭ بوۋا-مومىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئەجداتلىرىنىڭ توغرا يىتەكلىشى، كىچىكىدىنلا سەنئەتكە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان نىگارئاي ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئۇسسۇل شەرتلىرىدىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك ۋە ئەۋزەللىكى بىلەن  شىنجاڭ سەنئەتئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرۈپ ، قۇبۇل قىلىنىپ 2000-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە ئۇسسۇل كەسپىدە مۇنتىزىم 4 يىل تەربىيىلىنپ ئەلا نەتىجە بىلەن  سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا پۈتتۈرۈپ يەنە شۇ يىلىلا ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازار سەنئەت ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىنىپ،  سەنئەت ھاياتىنى رەسمىي باشلايدۇ.


    ‎‏‎ئۇ بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلسا، بىر تەرەپتىن ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىدۇ ۋە تىرىشىپ سەنئەتنىڭ يەنە بىر تۈرى بولغان ناخشا كەسپىگە ئىشتىياق باغلاپ ئۆزىنىڭ سەنئەتتىكى  ئۇسلۇبنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئۆز خاسلىقىنى يارىتىدۇ. چۈنكى سەنئەت دىگەن بۇ ئۇقۇم ناھايىتى كەڭ مەنالارغا ئىگە بولۇپ، ھەربىر ئارتىستىن ناھايىتى يۇقىرى ئىقتىدار ۋە ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان، ئۇنىۋىرسال ۋە ئىندىۋىدۇئاللىقى يۇقىرى بولغان،  ئىستىتىكا كەسىپ ئېھتىياجىنى چۈشەنگەن بۇ قىز،  بۇ جەھەتتە ئىزدىنىدۇ ۋە تەربىيلىنىدۇ. شىنجاڭنىڭ بۇلبۇلى رابىيەمۇھەممەت خانىم ئۇستازدىن 3 يىل گۈزەل ئاۋاز ۋە مۇزىكىدا مۇنتىزىم  تەربىيىلىنىدۇ،  كىيىن شاڭخەيگە بىرىپ خەلقارالىق ئۆلچەمدە ئاۋاز چىقىرىش جەھەتتىكى بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ خەلقئارا چوڭ بازار سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئاساسلىق ناخشىچىسى ۋە ئۇسۇلچىسى  سۈپىتىدە دۆلەت ئىچى- سىرتىدا كۆپ قېتىم نەچچە مەيدان ئۇيۇن قۇيۇپ، ئۆمەك رەھبەرلىرى ۋە خىزمەتداشلىرى ئارسىدا ياخشى تەسىر قالدۇرۇپ كۆپ قىرلىق ئىلغار، مۇنەۋەر سەنئەتچى شەرپىگە ئىرىشىدۇ.

    ‎ بۇ جەرياندا ئۇ، مىللىي ئۇسلۇبتا دۇتتاردا ئورۇنلىنىدىغان خەلق ئاھاڭلىرىنى ئورۇنلاشنى ئۈگەنسە،  يەنە بىر تەرەپتىن گىتتار بىلەن، خەنزۇچە،  ئىنگلىزچە،  روسچە ناخشىلارنى ئېيتىشنى ئۆگىنىپ، يەنە ئۆزى ئېيتقان ناخشىلارغا، دۇنياۋى(سالسا)ئۇسسۇلىنى ئۆگىنىپ بىرلەشتۈرۈپ ناخشا بىلەن ئۇسسۇلىنىڭ زىچلىقى ۋە ئىستېتىكلىقى ئوزىگە خاس ئۇسلۇبى بولغان، كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە ئالقشلانغان بىر ناخشىچىغا ئايلاندى.  ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تەكلىپ بىلەن بېرىپ ، ئۆزىنىڭ يېقىملىق ئاۋازى،  گۈزەل رۇخسارى ، كۈچلۈك جەلىپ قىلارلىق ئۇسسۇللۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ ئەقلىنى لال قىلىپ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ ھەر بايراملىق  سەنئەت قاناللىرىدا يالغۇز ۋە كوللېكتىپ نومۇرلىرىدا جەۋلان قىلماقتا.


    ‎نىگارئاي بۇنۇڭلۇق بىلەن توختاپ قالماستىن ئېلانچىلىق ۋە مودىللىق كەسىپلىرىدە ئىزدىنىدۇ. لايىھەلەش ۋە تاسارىملىق كەسپىدە  ئوقۇپ كىلىپ، ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرۇپ،  ئىجادىي ئەمگەكلىرىنى بازارغا  سېلىپ   ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ دەۋىر روھى بىلەن ماس قەدەمدە  ئىلگىرىلەپ، يېڭى مودا ئوسلۇبتىكى كىيىم-كېچەكلىرىنى خانىم-قىزىلىرىمىزنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇپ قىممەت ياراتماقتا. 2017-يىللىق مەملىكەتلىك كىلىنچەكلەر  مودىل  مۇسابىقىسىدە  ئۆزى تاسارىملىق ئۇسلۇبتا لايىھەلىگەن كىيىمنى كىيىپ  رول ئىلىپ، ئاسىيالىق  كىلىنچەك بولۇپ  باھالىنىدۇ .


    ‎ ئۇ  ئاكتىيۇرلۇق ساھەسىدە  ئۆزىنىڭ  ئۆزگىچە خاس تالانتىنى  نامايەن قىلىپ، ئاساسلىق  پىرسۇناژلارنىڭ ئوبرازىنى   مۇۋاپەقىيەتلىك يارىتىپ تاماشىبنلارغا   يىقىن  تۇرماقتا. نىگارئاينىڭ سەنئەت بىلەن يۇغۇرۇلغان  روھى  ئۇنى  داۋاملىق ئالغا بىسىشقا، تىرىشىشقا ئۈندەپ  كەلمەكتە.

    ‎  ، ئۇ  2016- 2017 قارارلىق مەملىكەتلىك  ساغلام  بەدەن مەكتىپىدە  ئوقۇپ  ئەلا  نەتىجە بىلەن  شۇ كۇلۇبنىڭ  يېتەكچى  تېرېنېر  ئوقۇتقۇچىلىقىنى قوشۇمچە ئۆتەپ كەلمەكتە.
     

    نىگارئاينىڭ سەنئەتكە بولغان قىزغىنلىقى، ئىشتىياقى، توختاۋسىز ئىزدىنىش روھى، ئۇنى سەنئەت كەسپىدە تېخىمۇ يارقىن، پارلاق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۈندەپ كەلدى، شۇ سەۋەبتىن ئىجاىي ئەمگەكلىرىدىن بولغان «بولدى، بەس» ناملىق ناخشىسىنى2018-يىلى كەڭ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى ھەمدە سەنئەت ھاياتىنىڭ يەنە بىر يۇقىرى پەللىسى بولغان 2018-يىللىق تۇنجى ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىجتىھات قەدەملىرىنى باستى. بۇ تىرىشچان، كەسىپچان قىزنىڭ ئەجرىدىن سۆيۈنگەن ئۇستازلىرى ۋە  قوللىغۇچىلىرى ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى تۇنجى ناخشا كېچىلىكىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىشىغا ئىشەنچىسى بىلەن ئۇنىڭغا زور ئوتۇقلارنى تىلىدى . 


    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00