• خانلىق مادرىد 3:1 يۇۋېنتۇس رونالدو 97مىنۇتتا توپ كىرگۈزۈپ يۇۋېنتۇس شاللاندى

  • يوللىغۇچى : دىلشات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-12 09:52
  • خانلىق مادرىد 3:1 يۇۋېنتۇس رونالدو 97مىنۇتتا توپ كىرگۈزۈپ يۇۋېنتۇس شاللاندى


    بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەر سائەت 2:45تە، 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ كېيىنكى ئايلانما مۇسابىقىسى داۋاملىق ئۆتكۈزۈلدى، خانلىق مادرىد كوماندىسى ساھىبخان مەيدان بېرنابو توپ مەيدانىدا يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ، بىر مىنۇتتىن ئاشقان ۋاقىتتا مېھمان مەيداندىكى يۇۋېنتۇس كوماندىسدىن مانزۇكىچ بىر توپ كىرگۈزدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا، مانزۇكىچ يەنە بىر توپ كىرگۈزدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە يۇۋېنتۇس كوماندىسىدىن ماتۈيدى بىر توپ كىرگۈزدى، مۇسابىقە تەتۈر ساناق باسقۇچىغا قەدەم قويغاندا، رونالدو نۇقتا توپتىن بىرنى كىرگۈزدى، ئاخىرىدا خانلىق مادرىد كوماندىسى ساھىبخان مەيدان 3:1 نەتىجە بىلەن يۇۋېنتۇس كوماندىسىغا ئۇتتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمى نومۇردا 3:4 نەتىجە بىلەن يۇۋېنتۇس كوماندىسىنى شاللاپ، تۆت كۈچلۈك قاتارىغا قەدەم قويدى.

      

    مۇسابىقە باشلىنىپلا مېھمان مەيداندىكى يۇۋېنتۇس كوماندىسى ئاكتىپ ھالەتكە ئۆتتى.


    مۇسابىقە باشلىنىپ 76 سىكونت بولغاندا، مېھمان مەيداندىكى يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى، يۇۋېنتۇس كوماندىسى تېز سۈرئەتتە ھۇجۇم تەشكىللەپ، لىچتىستېنېرنىڭ ئوڭ تەرەپتىن پاس بېرىشى بىلەن مانزۇكىچ قاپقا ئالدىدا توپنى كاللا بىلەن ئۈسسۈپ، قاپقىغا كىرگۈزدى، بۇ توپمۇ ھەم خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسدىكى ساھىبخان مەيداندا ئەڭ تېز توپ كەتكۈزۈش رېكورتىنى ياراتتى. مەيدان نەتىجىسى خانلىق مادرىد 1:0 يۇۋېنتۇس.


     

    مۇسابىقە داۋاملىشىپ 38 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، مېھمان مەيداندىكى يۇۋېنتۇس كوماندىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، يۇۋېنتۇس كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، لىچتىستېنېرنىڭ ئوڭ تەرەپتىن پاس بېرىشى بىلەن مانزۇكىچ قاپقا ئالدىدا توپنى كاللا بىلەن ئۈسسۈپ، قاپقىغا كىرگۈزدى، مەيدان نەتىجىسى خانلىق مادرىد 2:0 يۇۋېنتۇس.

    ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، ساھىبخان مەيداندىكى خانلىق مادرىد نەچچە قېتىم خەتەرلىك ھۇجۇملارنى قوزغىغان بولسىمۇ، توپ كىرگۈزەلمىدى، ئىسكو مۇسابىقە باشلىنىپ 14 مىنۇت بولغاندا، بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، رېپىر ئورۇن ھالقىغان دەپ ھۆكۈم قىلىپ، كىرگەن توپنى ئىناۋەتسىز قىلدى.

    مۇسابىقە داۋاملىشىپ 60 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، ئويلىمىغان يەردىن مېھمان مەيداندىكى يۇۋېنتۇس كوماندىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، ئومۇمى نەتىجىنى 3:3 قىلىپ تەڭلەشتۈردى، يۇۋېنتۇس كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، دوگلاس كوستانىڭ پاس تاشلىغان توپىنى خانلىق مادرىد قاپقىچىسى ناۋاس توستى، ماتۈيدى قاپقا ئالدىدا قايتقان توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مەيدان نەتىجىسى خانلىق مادرىد 3:0 يۇۋېنتۇس.

    ساھىبخان مەيداندا، رەقىبى تەرىپىدىن ئۈچ توپ كەينىدە قېلىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن خانلىق مادرىد كوماندىسى، كۆپ قېتىم خەتەرلىك ھۇجۇملارنى قوزغىغان بولسىمۇ، مۇداپىئەسى مۇستەھكەم بولۇشتىن سىرت بۇففونغا ئوخشاش قالتىس قاپقىچىسى بار يۇۋېنتۇس كوماندىسىنىڭ قاپقىسىغا توپ كىرگۈزەلمىدى.


    پۇتبول مەيدانىدا ھەر قانداق ئىھتىماللىق يۈز بېرىشى مۇمكىن، دەرۋەقە مۇسابىقە داۋاملىشىپ 92 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، مۇسابىقە كۆرۈۋاتقان مەستانىلەر، ئۇزارتىلغان مۇسابىقىنى كۆرۈش تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان، زىدانى بىلەن ئاللېگرىمۇ كۆڭلىدە يېڭى پىلان تۈزۈۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئويلىمىغان يەردىن رېپىر خانلىق مادرىد كوماندىسىغا بىر نۇقتا توپ قويۇپ بەردى، بۇففون رېپىرنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولماي، تاكاللاشقانلىقتىن بىۋاستە قىزىل كارتا جازاسى بېرىلىپ، مەيداندىن ھەيدەلدى، رونالدو نۇقتا توپنى تېپىپ كىرگۈزدى، مەيدان نەتىجىسى خانلىق مادرىد 3:1 يۇۋېنتۇس.

    مۇسابىقە ئاخىرلاشتى، ئاخىرىدا خانلىق مادرىد كوماندىسى ساھىبخان مەيدان 3:1 نەتىجە بىلەن يۇۋېنتۇس كوماندىسىغا ئۇتتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمى نومۇردا 3:4 نەتىجە بىلەن يۇۋېنتۇس كوماندىسىنى شاللاپ، تۆت كۈچلۈك قاتارىغا قەدەم قويدى. يۇۋېنتۇس كوماندىسى گەرچە شاللانغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى قالتىس ئىپادىسى مەستانىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى قەھرىمانغا ئايلاندى.

       

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك