• مۇشۇ ھەپتىدە ئۈرۈمچىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-12 04:23
  • مۇشۇ ھەپتىدە ئۈرۈمچىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدۇ

    شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچىدە پات-پات كۆرۈلگەن ھۆل-يېغىنلىق ۋە تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنى ئىللىق ھاۋارايىغا تەققەززا قىلدى.
      ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى جاڭ يۈنخۇينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 4-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچ ياغقان قار توختىغاندىن كېيىن تېمپېراتۇرا يەنە ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىگەن، 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەتىگەندە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ ℃1-قا چۈشكەن، كۈندۈزدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃8 ئەتراپىدا بولىدىكەن. 4-ئاينىڭ 13-كۈنى كۈندۈزدىن باشلاپ تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك ئۆرلەپ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃16 بولىدىكەن. مۇخبىرنىڭ جۇڭگو ھاۋارايى تورى تەمىنلىگەن يەتتە كۈنلۈك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتىدىن ئىگىلىشىچە، مۇشۇ يەكشەنبە كۈنى مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدىكەن.
      بۇ قېتىم كۆرۈلگەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمى پۈتۈن شىنجاڭغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى، 4-ئاينىڭ 11-كۈنى كېچىدىن 4-ئاينىڭ 12-كۈنى كۈندۈزگىچە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى ۋە تۇرپان شەھىرىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياكى قار ئارىلاش يامغۇر، تاغلىق رايونلاردا قار ياغدى. بۇنىڭ ئىچىدە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغدى، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق قار ياغدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يۇقىرىدىكى رايونلاردا ئومۇميۈزلۈك بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىپ، بوران ئېغىزلىرىدا بوران كۈچى 10~9 بالغا يەتتى. ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونىدىن تۇرپان شەھىرىگىچە بولغان 30 چاقىرىم بوران رايونى، پىچان ناھىيەسىدىن قومۇل شەھىرىگىچە بولغان 100 چاقىرىم بوران رايونى قاتارلىق بوران ئېغىزى رايونلىرىدا بوران كۈچى 12 بالغا يەتتى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىدا 5~4 بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىپ، قۇم بوران ۋە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، تېمپېراتۇرا ئۈزلۈكسىز دېگۈدەك تۆۋەنلىدى.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك