• شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ ھازىرقى ۋە كاندىدات كېڭەش ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-12 04:42
  • شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ ھازىرقى ۋە كاندىدات كېڭەش ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى

        دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 – ئاينىڭ 11 – كۈنى خەينەن ئۆلكىسىدىكى بوئاۋ دۆلەت مېھمانسارىيىدا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ ھازىرقى ۋە كاندىدات كېڭەش ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى.
                                                                                                                           
     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەينەن بوئاۋ، 4 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 – ئاينىڭ 11 – كۈنى خەينەن ئۆلكىسىدىكى بوئاۋ دۆلەت مېھمانسارىيىدا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ ھازىرقى ۋە كاندىدات كېڭەش ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى.

      شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 1997 – يىلى ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن قۇرۇلغان بولۇپ، ئاسىيا ئەللىرىنىڭ بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئورتاق تونۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇش تەلىپىگە ماسلاشتى. مۇنبەر قۇرۇلغاندىن بۇيان، مەۋقەنى ئاسىياغا قارىتىپ، دۇنياغا يۈزلىنىپ، ئاسىيا ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ئاسىيا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. بۇ يىلقى مۇنبەرنىڭ يىللىق يىغىنى ‹‹ئېچىۋېتىلگەن، ئىجادچان ئاسىيا، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۇنيا›› ئاساسىي تېمىسىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر ئىزدەندى، كۆپچىلىك دۇنيا يېڭى بىر نۆۋەتلىك كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىش، كەڭ كۆلەمدە تەڭشەشنى باشتىن كەچۈرگەن ۋەزىيەتتە، تارىخ ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئۆزگىرىش ياساپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، دەپ قارىدى؛ كۆپچىلىك ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك بولماسلىق، سودا قورۇقچىلىقى خىرىسى ئالدىدا، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىگە ئىشىنىدۇ؛ كۆپچىلىك بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچىكىنى يارىتىشنى خالايدۇ. ھەر قايسى ئەللەرنىڭ سىياسىيونلىرى ئەۋلادلارنى ئويلاپ، مىڭ يىللىق پىلان تۈزۈشى كېرەك.

      شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىللىق تەجرىبىسى مۇنداق مۇھىم ئىشنى چۈشەندۈرۈپ بەردى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىمۇ جۇڭگوغا موھتاج. جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق، ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو مۆجىزىسىنى ياراتتى، شۇنداقلا ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە ۋە كۈچ قوشتى. جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشتەك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولىدۇ؛ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن قوشنا دوستانە مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىشقا تېخىمۇ پائال ئىشتىراك قىلىپ، ھەر قايسى ئەللەر بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرىدۇ؛ ئۆزىنىڭ تەقدىرى، ئىستىقبالىنى دۇنيا خەلقىنىڭ تەقدىرى، ئىستىقبالى بىلەن زىچ باغلاپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەپلا قالماستىن، يەنە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۇزاققىچە تىنچ تۇرىدىغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللەپ راۋاجلانغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز ۋە گۈزەل دۇنيانى قۇرۇپ چىقىدۇ؛ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىق يېڭى سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى بەخش ئېتىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››دىن تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە خەلقنى مەنپەئەتلەندۈرىدۇ.

       شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بوئاۋ ئاسيا مۇنبىرىنىڭ ساھىبخانا دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇنبەرنى تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەم مۇنبەرنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈشىنى ۋە قوللىشىنى، جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىرىنچىدىن، مەۋقەنى ئاسىياغا قارىتىپ، ئاسىياغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. مۇنبەر ئاسىيا ئورتاق قارىشىنى مۇجەسسەملەپ، ئاسىيا ساداسىنى ياڭرىتىپ، ئاسىيا لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاسىيا تەشەببۇسىنى خەلقئارانىڭ ئورتاق قارىشىغا، خەلقئارا ھەرىكەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئاسىيانىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، دۇنيانى قەلبىگە پۈكۈپ، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان بولۇشى كېرەك. مۇنبەر دۇنيادىن تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قوبۇل قىلىپ، شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ‹‹سىرتقا چىقىپ››، دۇنيا مىقياسىدا ھەمكارلىق ھەمراھى تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ‹‹دوستلار چەمبىرىكى››نى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يارقىن نۇقتا بەرپا قىلىشى كېرەك. مۇنبەر ھەرقايسى ساھە زاتلىرىنىڭ سەمىمىي ئالماشتۇرۇشىغا، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى ئەقىل، قابىلىيەت تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، خەلقئارا جەمئىيەت نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا، تېخىمۇ كۆپ ‹‹بوئاۋ لايىھەسى››نى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

      بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ ھازىرقى كېڭەش باشلىقى فۇكۇدا ياسۇئو، كاندىدات كېڭەش باشلىقى بان كىمۇن، ھازىرقى كېڭەش ئەزاسى، پاكىستاننىڭ سابىق زۇڭلىسى ئەزىز، فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى راففارىن، كاندىدات كېڭەش باشلىقى، فىلىپپىننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئارۇيۆ، ئىتالىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى پىرودى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يىللىق يىغىننىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت نۇتقى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئېنىق تەسۋىرلەپ، زور ئېچىۋېتىش تەدبىرىنى جاكارلىدى، نۇتۇق ئىسلاھات روھىغا تولغان بولۇپ، ئىنتايىن قالتىس، كىشىنى قايىل قىلىدۇ ۋە تەسىرلەندۈرىدۇ. يەرشارىلىشىش ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك خىرىسقا دۇچ كەلگەن پەيتتە، نۇتۇق چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى، كۈچلۈك ھاياتىي كۈچ بەخش ئېتىپ، كىشىلەرگە دۇنيانىڭ قايسى يولنى تاللاشتىكى توغرا يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، مۇھىم پەيتتە توغرا جاۋاب بىلەن تەمىنلىدى، جۇڭگو جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشقا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا، ئىجادىي تەرەققىياتقا كۈچ چىقارغاچقا، كىشىلەر جۇڭگونىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تولۇق ئىشەندى. جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيىتى چوڭقۇر تەسىر قوزغاپ، ئاسىيا ۋە دۇنياغا گۈللىنىش ئېلىپ كەلگۈسى، شۇنداقلا دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئۈلگە بولغۇسى. جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم موتورىغا ئايلىنىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق خەلقئارا ئىشلاردا مۇھىم ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەر خۇددى جۇڭگوغا ئوخشاش ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىشى، بېكىنمىچىلىك، قاتماللىق، قورۇقچىلىق ۋە بىر تەرەپلىمىلىكتىن ئىبارەت كونا يولدا ماڭماسلىقى، ئاسىيا تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك. مۇنبەر بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

       كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ مۇنبەرنىڭ ھازىرقى ۋە كاندىدات كېڭەش باشلىقى، مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى، باش كاتىپى بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.

      دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

    مەنبەسى :شىنخۇا ﺗﻮﺭﻯ


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00