• پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ خادىم قوبۇل قىلىش ھەپتىلىكى باشلاندى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-12 04:11
  • پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ خادىم قوبۇل قىلىش ھەپتىلىكى باشلاندى

    خادىم قوبۇل قىلىش نەق مەيدانىدا خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان خىزمەت ئورنىنى ئىزدىمەكتە. (جاڭ لىمىن، شى چۇەنجې فوتوسى)

     ئاپتونوم رايون بويىچە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ خادىم قوبۇل قىلىش ھەپتىلىكى ھەمدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەتىيازلىق مەكتەپ ئىچى خادىم قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتكە جەمئىي 296 ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قاتنىشىپ، ئىش كۈتۈپ تۇرغانلارغا 6000دىن ئارتۇق ئىش ئورنى تەمىنلىدى. قىسمەن ئىدارە-ئورۇنلار «بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر» ئىختىساسلىقلارنى ئىزدىدى.

      ئىگىلىنىشىچە، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ خادىم قوبۇل قىلىش ھەپتىلىكى 4-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ۋىلايەتلەر، ئوبلاستلار، شەھەرلەردە ۋە ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە قانات يايدۇرۇلىدىكەن. بۇ پائالىيەت نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىش بىلەن بىرگە، يەنە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىۋاتقان كارخانىلاردىكى تارقاقلاشتۇرۇلغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر، يېزىلاردىن شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقانلار، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات كىشىلەر قاتارلىق ھەر خىل خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرگە يۈزلىنىدىكەن.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك