• كورلا-ئاقسۇ-غۇلجا ئارا تۇنجى نۆۋەتچى ئايروپىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتنىدى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-12 08:15
  • كورلا-ئاقسۇ-غۇلجا ئارا تۇنجى نۆۋەتچى ئايروپىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتنىدى

     كورلا ئايرودۇرۇمىدىن يولغا چىققان خۇاشيا ئاۋىياتىسيە شىركىتىنىڭ بامبىدىيا  CRJ—900 تىپلىق ئايروپىلانى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىغا قوندى ھەمدە سائەت 15:30 ئۆتكەندە ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىدىن غۇلجىغا قاراپ يولغا چىقتى. بۇ كورلا-ئاقسۇ-غۇلجا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تۇنجى ئۇچۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى ھەمدە بۇ لىنىيەدە رەسمىي قاتناش باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

      بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە بامبىدىيا  CRJ—900 تىپلىق G54331/2 -قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر ھەپتىنىڭ ئىككىسى، تۆتى، ئالتىسى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ. G54331 -قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 13:35 ئۆتكەندە كورلىدىن ئۇچۇپ، سائەت 14:50 ئۆتكەندە ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بېرىپ، سائەت 15:30 ئۆتكەندە ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 16:26 ئۆتكەندە غۇلجا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارىدۇ. G54332 -قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 20:10 ئۆتكەندە غۇلجا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 21:05 ئۆتكەندە ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بېرىپ، سائەت 21:45 ئۆتكەندە ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 22:55 ئۆتكەندە كورلا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارىدۇ.

      ئاقسۇ ئايرودۇرۇمى پارتكومنىڭ شۇجىسى، باش دىرېكتور جاڭ جۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كورلا-ئاقسۇ-غۇلجا ئارا تۇنجى قاتنىغان ئايروپىلاندا يولۇچىلار ئولتۇرۇش نىسبىتى %80 تىن ئاشقان، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى بۇ ئۈچ جايدىكى ئىشلەمچىلەر ۋە سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا قولايلىق يارىتىپلا قالماي، ئاقسۇ، كورلا، غۇلجىدىن ئىبارەت ئۈچ جاينىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۈچ جاينىڭ ئىقتىساد، سودا، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاقسۇدىن شىمالىي شىنجاڭغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان يوق بولۇش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىلىپ، ئىلگىرىكى ھاۋا قاتنىشىدا ئايروپىلان ئالمىشىشىتەك قاتناش قولايسىزلىقى ھەل قىلىنىپ، ساياھەتچىلەر سەپەرگە چىقىشتا يېڭى تاللاشقا ئىگە بولىدىكەن.

      نۆۋەتتە، خۇاشيا ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئېتىبار باھالىق بېلەتلەرنى يولغا قويغان بولۇپ، ئاقسۇدىن غۇلجىغىچە بولغان ئەڭ تۆۋەن بېلەت باھاسى 300 يۈەندىن باشلىنىدىكەن (ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇش ھەققى، يېقىلغۇ ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ). ئاقسۇدىن كورلىغىچە بولغان ئەڭ تۆۋەن بېلەت باھاسى 99 يۈەندىن باشلىنىدىكەن (ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇش ھەققى، يېقىلغۇ ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).

    مەنبەسى :تېڭشۈن




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك