• مىكرو فىلىم «قايناق ئۇسسۇلغا تولغان ياشلىق» بۈگۈن رەسمىي ئېلان قىلىندى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-12 08:30
  • مىكرو فىلىم «قايناق ئۇسسۇلغا تولغان ياشلىق» بۈگۈن رەسمىي ئېلان قىلىندى

    ۋاڭ يىبو بىلەن دىلرابا باش رول ئالغان ياشلىق ھېسسىياتلىرىنى ئۇرغۇتۇپ بېرىدىغان مىكرو فىلىم «قايناق ئۇسسۇلغا تولغان ياشلىق» بۈگۈن رەسمىي ئېلان قىلىندى. بۇ مىكرو فىلىمدە سۆزلىدىغىنى ئۇسسۇلغا ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان ئۆسمۈر يىگىت لىن جىن (رولدا ۋاڭ يىبو) تۇرمۇش تەرىپىدىن زەربىگە يولۇققاندىن كېيىن، ئارزۇسىنى قوغلاشتىن ۋاز كەچمەكچى بولىدۇ. مۇشۇ چاغدا «تېلېفون قىز» شياۋزى (رولدا دىلرابا) بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. شياۋزىنىڭ رىغبىتى ۋە ھەمراھلىقى ئاستىدا، لىن جىن قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، كۆز ئالدىدىكى قىيىنچىلىقلارغا قەيسىرانە يۈزلىنىش ئۈچۈن بەل باغلايدۇ ھەم ئاستا-ئاستا ھەقىقىي ئۆزىنى تاپىدۇ. ئاخىرىدا، كۆزنى چاقنىتىدىغان سەھنىدە تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ كوچا ئۇسسۇلى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.


    ۋاڭ يىبو ياراتقان لىن جىن ئوبرازى ئۇسسۇلغا ئىشتىياق باغلاپ، ئارزۇسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان كۆرۈنۈشلىرى كۆپچىلىكنىڭ قايىللىقىنى قوزغاپ، ھەربىرەيلەننىڭ ئارزۇسىنى ئويغىتىدۇ. قىززىقلىقىدىن ئوت كەتكۈدەك ئۇسسۇللار، ھەتتا ھەربىر قايناپ تۇرغان ياشلىقنى تەسۋىرلەپ بېرىدىغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرسىمۇ ياشلارغا ئىلھام بولماي قالمايدۇ. ياشلىقتا دادىل بولۇپ، ئارزۇ ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەك، ھەرگىز ۋاز كەچمەي، ھەقىقىي ئۆزىمىز بولۇپ ياشاش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك. ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك، كىچىكىدىن ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگىنىشكە باشلىغان ۋاڭ يىبو UNIQ گۇرۇپپىسىنىڭ باش ئۇسسۇلچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نەچچە قېتىم كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ئۇسسۇل ماھارىتى بىلەن ھەممەيلەنننىڭ كۆزىنى چاقناتقان. ئىلگىرى يەنە «ياش چولپانلار ئىچىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان كەسپىي ئۇسسۇلچىلارنىڭ بىرى» بولۇپ باھالانغان. مۇستەھكەم بولغان ئۇسسۇل ئاساسى ۋە شۇنداقلا كوچا ئۇسسۇلى ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشقان جەريانلىرى فىلىمدىكى ئوبرازىغا نەقلا چۈشكەن، بۇمۇ ۋاڭ يىبونىڭ بىردىنبىر مۇشۇ رولغا ماس كېلىدىغان ئارتىس بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.

    فىلىمدىكى ئىككى باش پېرسوناژ ۋاڭ يىبو بىلەن دىلرابا دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك بولغان ئالقىشلىنىش دەرىجىسىگە تايىنىپ ھەمدە تۇنجى قېتىم ئېكراندا بىللە رول ئېلىپ، تەشۋىقات فىلىمنىڭ تارقىتىلىشى بىلەنلا، كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. فىلىمدە لىن جىن شياۋزىنىڭ ياردىمى بىلەن ئالدىرىماي ھەقىقىي ئۆزىنى تېپىپ، ئۇسسۇلنى تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈۋېتىدۇ. مەيلى تاماق ئېتىۋاتقان ۋاقىتتا بولسۇن، ۋە ياكى يولدا ۋېلىسىپىتىنى سۈرتۈۋاتقان ۋاقىتتا بولسۇن، ئىككىسى ھەرقانداق ۋاقىت ۋە جايدا ئۇسسۇل ئويناپ كېتىدۇ، ماسلىشىشى تولىمۇ گۈزەل بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ ماسلىشىشى يورۇق ھەم نەپس بولغان كۆرۈنۈش ئاستىدا تېخىمۇ گۈزەل جۇلالايدۇ، بۇنى كۆرگەن مەستانىلەر «ھەربىر كۆرۈنۈشنىڭ ئۆزى بىر گۈزەل مەنزىرە بولدى» دەپ كېتىشكەن. لىن جىن ھەرۋاقىت ئاشپەز كىيىمى كىيىنىپ، ئىللىق يۈرىدىغان ئاشپەز ئۆسمۈر، شۇنداقلا ھەرۋاقىت نىقاب بىلەن ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان سىرلىق ، قايناق ھېسسىياتلىق ئۇسسۇلچى، ۋە يەنە ۋېلىسىپىت مىنىپ يۈرىدىغان ئوچۇق مىجەزلىك ئۇماق يىگىت. ئۇنىڭ فىلىمدىكى 72 خىل قىياپىتىگە مەپتۇن بولغان مەستانىلەر: «قايتىدىن ۋاڭ يىبونىڭ شانلىق مېنۇتلىرىغا شاھىد بولۇش ئۈچۈن، ئۇنى قوغلايمىز!» دېيىشكەن.

    ۋاڭ يىبو ئالدىنقى يىلى «رېنجيەن، جىۋېي بولسا چىڭخۇەن» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى سۈي جىۋېي ئوبرازى بىلەن ناھايىتى يۇقىرى باھالارغا ئېرىشكەن، ۋە شۇنداقلا بۇ ئۇتۇقى بىلەن سىرتقى ساھەلەرگە ئۆزىنىڭ ئارتىسلىق يولىنىڭ كۈچلۈك مۇۋەپپىقىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بۇ قېتىم مىكرو فىلىم «قايناق ئۇسسۇلغا تولغان ياشلىق»نىڭ سۈرەتكە ئېلىنىشىغا قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ پۇختا بولغان ئورۇنداش ماھارىتى ۋە كەمتەر قىياپىتى بىلەن رېژىسسورنىڭ: «يىبو قالتىس!» دەپ ماختىشىغا ئېرىشتى. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقان ۋاقىتلار دەل قەھرىتان قىش بولۇپ، نۆلدىن تۆۋەن شۇنچىلىك يۇقىرى تېمپىراتۇرىدىمۇ ۋاڭ يىبو كەينىگە چېكىنمىگەن. ئۇچىسىغا ئاددىي كىيىنگەن ۋاڭ يىبو يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن ھەربىر كۆرۈنۈشنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملىغان، پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەربىر مەيدان ئۇسسۇلغا ئەستايىدىل پوزىتىسىيە تۇتقان، ھەتتا ئۆزىنى خۇلاسىلەپ، ئۇنىڭدىن سىرت ئۆزىگە ئالغا ئىلگىرىلەش بوشلۇقى ياراتقان. ئۇنىڭ كەسىپنى سۆيىدىغان، كەمتەر قىياپىتى پۈتۈن خىزمەتچى خادىملارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

    ئوغۇللار گۇرۇپپىسىدىن تەرەققىي قىلىپ چىققان ۋاڭ يىبو، ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر بولۇپلا قالماي، يەنە يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان «كۈنسېرى ئىلگىرىلەش» پروگراممىسىدىمۇ ياخشى رىياسەتچىلىك قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. يېقىندا يەنە «101نى يارىتىش» پىروگراممىسىدا ئۇسسۇل ئۇستازىلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ، مەستانىلەرنىڭ قەلبىنى قايتا بىر ئوتقا سالغان. بۇ قېتىمقى «قايناق ئۇسسۇلغا تولغان ياشلىق» ئۇنىڭ سەنئەت مۇساپىسىدىكى ھەقىقىي كۈچىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ناخشا، ئۇسسۇل، رىياسەتچىلىك، ئۇستازلىق قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋاڭ يىبو كەلگۈسىدىكى كۆپلىگەن ئېھتىماللىقلارنى پەملەپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن، ئەڭ ئالىي قىياپىتى بىلەن كۆپچىلىككە ئىزچىل يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كەلمەكتە! ئۇ كۆڭۈل ئېچىش پروگراممىلىرى، تور، تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى بىلەن، شىددەتلىك ھالدا يۇقىرىغا ئۆرلەپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىش يولىدا كۈرەش قىلماقتا!

    ياش ئىكەنمىز، ئۇرۇنۇپ بېقىشىمىز كېرەك ھەم ئارزۇيىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك! تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق ۋە قايناق بولغان ياشلىق ھېسسىياتلىرى «قايناق ئۇسسۇلغا تولغان ياشلىق»تا!

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00