• ماشىنا ئادەم ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ خىزمىتىنى تارتىۋالىدىكەن

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-12 08:01
  • ماشىنا ئادەم ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ خىزمىتىنى تارتىۋالىدىكەن

    چەتئەل تاراتقۇسى TheNextWebنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاپتوماتلاشتۇرۇش دەۋرى جىمجىتلا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، نەچچە مىليون ئادەمنىڭ خىزمىتىنى كەلگۈسىدە ماشىنا ئادەم قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. مۇتەخەسسىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆپ قىسىم كىشىلەر يېڭى خىزمەت ئورنىغا ماسلىشىدىكەن ياكى تاپىدىكەن. ئەمما ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەملىك ئەمگەك كۈچىدىكى ئەڭ ئاجىز بىر ھالقا تۆۋەن دەرىجىلىك ئىشچىلار ئىكەن، مەسىلەن: يازلىق تەتىللىك خىزمەت ئىزدەيدىغان ياش-ئۆسمۈرلەر.

    ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى (OECD) يېقىندا بىر تەتقىقات قىلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئاپتوماتلاشتۇرۇشنىڭ دۇنيادىكى ئادەملىك ئەمگەك كۈچىنىڭ شەكىللىنىشىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېنىقلىماقچى بولغان. تەتقىقاتچىلار خىزمەت ئورنى ئارقىلىق خىزمەتنى تەكشۈرمەستىن، ئالاھىدە ماھارەت ئارقىلىق سېلىشتۇرۇپ، ئاپتوماتلاشتۇرۇشنىڭ تەسىرىنى تېخىمۇ توغرا تەھلىل قىلغان. 

    تەتقىقاتچى نېدېلكوسكا (Ljubica Nedelkoska) ۋە گلېندا (Glenda Quintini) ياش ئەمگەك كۈچىنىڭ خىزمىتىنى ماشىنا ئادەم ئىگىلەيدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېڭى بايقاش بولسا ئاپتوماتلاشتۇرۇش خەتىرى ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ خىزمەت ئورنىدا ئەڭ يۇقىرى بولىدىكەن. ئاپتوماتلاشتۇرۇش بىلەن ياش ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت U شەكىللىك، ئەمما ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىدىكى ئاپتوماتلاشتۇرۇش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئالىي دەرىجىلىك ئىشچىلارنىڭكىدىن كۆپ يۇقىرى.»

    ئەمما تۆۋەن دەرىجىلىك، ماھارەت سىجىللىقى تۆۋەن ئەمگەك كۈچى بازىرىغا نىسبەتەن رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن ئىكەن. ماشىنا ئادەم ئادەتتە ئىجادچانلىقى يوق ياكى مەسىلە ھەل قىلىش زۆرۈرىيىتى يوق ۋەزىپىلەرگە بەكرەك ماس كېلىدىكەن، بۇنىڭدا ماشىنا ئادەم ئىشلىتىش تەننەرخى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدىكەن. 

    ئەمەلىيەتتە Will Robots Take My Job تور بېكىتىدىكى مۆلچەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەنئەنە جەھەتتە ياش-ئۆسمۈرلەر خىزمىتى ياكى تەتىللىك خىزمەتكە ئالاقىدار ئىش ئورنى ئاللىبۇرۇن قولدىن كەتكەن:

    پۇل ئالغۇچى: ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئېھتىماللىقى %97 

    قۇتقۇزغۇچى: ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئېھتىماللىقى %67

    مال يەتكۈزگۈچى شوپۇر: ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئېھتىماللىقى %98

    ئەر-ئايال رىياسەتچى: ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئېھتىماللىقى %97

    ئەر-ئايال مۇلازىم: ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئېھتىماللىقى %94


    تەتقىقاتچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەلۇم دەرىجىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مەلۇم يۇقىرى دەرىجىدىكى ئاپتوماتلاشتۇرۇش خەتىرى ياشلار بىلەن يېشى چوڭلارنىڭ سېلىشتۇرما خىزمىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىيادە ئۆتۈشۈش جەريانىنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن. ياشلار چوڭلار چوڭلارغا قارىغاندا ماھارەتلەرنى تېخىمۇ ئوڭاي ئىگىلىيەلەيدىكەن، شۇڭا ئۇلار يېڭى خىزمەت ئورنىغا تېخىمۇ ياخشى ماسلىشالايدىكەن، مەسىلەن: يېڭى تېخنىكا ئىشلىتىپ بارلىققا كەلتۈرۈلگەن يېڭى خىزمەت ئورنى.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00