• ئەگەر يېقىنقى ئۈچ پەسىلدە رونالدونىڭ كىرگۈزگەن توپى بولمىسا خانلىق مادرىد شاللاش مۇسابىقىسىدە توختاپ قالاتتى

  • يوللىغۇچى : دىلشات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-13 08:09
  • ئەگەر يېقىنقى ئۈچ پەسىلدە رونالدونىڭ كىرگۈزگەن توپى بولمىسا خانلىق مادرىد شاللاش مۇسابىقىسىدە توختاپ قالاتتى

    بۇ مۇسابىقە پەسىللىك چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى باشلىنىپ ھازىرغىچە خانلىق مادرىد كوماندىسنىڭ چولپىنى رونالدو قاتناشقان 10 مەيدان چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەممىسىدە توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ مۇسابىقە پەسلى باشلىنىپ ھازىرغىچە كىرگۈزگەن ئومۇمىي توپ سانى 15گە يەتكەن. ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە رونالدونىڭ كىرگۈزگەن توپى كوماندىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ كەلگەن.

    ئىسپانىيە تاراتقۇسى «ماركا گېزىتى» يېقىندا خانلىق مادرىد كوماندىسنىڭ يېقىنقى ئۈچ مۇسابىقە پەسلىدىكى چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلغان بولۇپ، ئەگەر رونالدونىڭ كىرگۈزگەن توپىنى چىقىرىۋەتسە ئۇنداقتا خانلىق مادرىد ئۆتكەن ئىككى مۇسابىقە پەسلىدە چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قەدەم قويالمىغان بولاتتى، شۇنداقلا بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىنمۇ مۇددەتتىن بۇرۇن خوشلاشقان بولاتتى.

    «ماركا گېزىتى» ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلار تۆۋەندىكىچە:

    1. 2015/2016 مۇسابىقە پەسىللىك چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 1/8 مۇسابىقىسى خانلىق مادرىد 4-0 رىم. رونالدو ئىككى توپ كىرگۈزگەن، ئەگەر رونالدو كىرگۈزگەن ئىككى توپنى چىقىرۋەتسە، خانلىق مادرىد يەنىلا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قەدەم قويالايدۇ.

    2.  2015/2016 مۇسابىقە پەسىللىك چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى خانلىق مادرىد 3-0 ۋولفۇسبورگ. رونالدو ئۈچ توپ كىرگۈزگەن، ئەگەر رونالدونىڭ كىرگۈزگەن توپىنى چىقىرىۋەتسە خانلىق مادرىد شاللىنىپ كېتىدۇ.

    3. 2015/2016 مۇسابىقە پەسىللىك چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى خانلىق مادرىد 1-0 مانچېستېر شەھىرى. رونالدو توپ كىرگۈزمىگەن، خانلىق مادرىد ئوڭۇشلۇق ھالدا چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.

    4. 2016/2017 مۇسابىقە پەسىللىك چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 1/8 مۇسابىقىسى خانلىق مادرىد 6-2 ناپولى. رونالدو توپ كىرگۈزمىگەن، خانلىق مادرىد ئوڭۇشلۇق ھالدا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن.

    5. 2016/2017 مۇسابىقە پەسىللىك چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى خانلىق مادرىد 6-3 بايرىن مىيۇنخېن. رونالدو بەش توپ كىرگۈزگەن، ئەگەر رونالدو نىڭ كىرگۈزگەن توپنى چىقىرىۋەتسە خانلىق مادرىد شاللىنىپ كېتىدۇ.

    6. 2016/2017 مۇسابىقە پەسىللىك چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى خانلىق مادرىد 4-2 مادرىد ئاتلېتىكا. رونالدو ئۈچ توپ كىرگۈزگەن، ئەگەر رونالدونىڭ كىرگۈزگەن توپىنى چىقىرىۋەتسەك خانلىق مادرىد شاللىنىپ كېتىدۇ.

    7. 2017/2018 مۇسابىقە پەسىللىك چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 1/8 مۇسابىقىسى خانلىق مادرىد 5-2 پارىژ سانىت گېرمان. رونالدو ئۈچ توپ كىرگۈزگەن، ئەگەر رونالدونىڭ كىرگۈزگەن توپنى چىقىرىۋەتسەك خانلىق مادرىد تەڭلىشىپ قالىدۇ.

    8. 2017/2018 مۇسابىقە پەسىللىك چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى خانلىق مادرىد 4-3 يۇۋېنتۇس. رونالدو ئۈچ توپ كىرگۈزگەن، ئەگەر رونالدونىڭ كىرگۈزگەن توپىنى چىقىرىۋەتسەك، خانلىق مادرىد شاللىنىپ كېتىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك