• بايرېن مىيۇنخېن چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە 40 مىليون مۇكاپاتقا ئېرىشىپ بولدى

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-13 08:56
  • بايرېن مىيۇنخېن چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە 40 مىليون مۇكاپاتقا ئېرىشىپ بولدى

    «sport1»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بايرېن مىيۇنخېننىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە تۆت كۈچلۈككە كىرىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدىن ئېرىشكەن مۇكاپاتى تەخمىنەن 40 مىليون ياۋروغا يەتكەن.

    بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بايرېن مىيۇنخېن 0:0 نەتىجىدە سېۋىللا بىلەن تەڭلىشىپ قالدى ھەمدە ئومۇمىي نەتىجىدە 1:2 غەلىبە قىلىپ تۆت كۈچلۈككە كىردى. شۇنىڭ بىلەن، بايرېن مىيۇنخېن يەتتە مىليون 500 مىڭ ياۋرولۇق تۆت كۈچلۈككە كىرىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. گېرمانىيە تاراتقۇسى «sport1»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بايرېن مىيۇنخېننىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئېرىشكەن مۇكاپاتى 40 مىليون ياۋروغا يەتكەن.

    ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئېرىشكەن مۇكاپاتتىن باشقا، بايرېن مىيۇنخېن يەنە تېلېۋىزىيە تارقىتىش جەھەتتىمۇ كۆپ كىرىمگە ئېرىشكەن. ئىگىلىنىشىچە، ئەگەر ئۇلار بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ئېرىشىدىغان مۇكاپات سوممىسى 100 مىليون ياۋروغا يېتىدىكەن.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك