• سالاھ رونالدوغا يەتمەكچى بولسا يەنە 15 مۇسابىقە پەسلى قالتىس ئىپادىسىنى ساقلىشى كېرەك

  • يوللىغۇچى : دىلشات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-13 08:45
  • سالاھ رونالدوغا يەتمەكچى بولسا يەنە 15 مۇسابىقە پەسلى قالتىس ئىپادىسىنى ساقلىشى كېرەك

    يېقىندا مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق بېكى فېردىناند «BT تەنتەربىيەسى»نىڭ پىروگراممىسىغا قاتناشقان بولۇپ، پىروگرامما جەريانىدا سالاھنىڭ ئىنتايىن قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كىرىسىتىيانو رونالدوغا يېتىشتە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇسابىقە پەسلىدىن 15نى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

    مانچېستېر شەھىرى بىلەن ئوينالغان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە توپ كىرگۈزگەندىن كېيىن، سالاھنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدە كىرگۈزگەن توپ سانى 39غا يەتكەن بولۇپ، ئۇ يەنە 11 ياردەمچى پاس چىقارغان، ئۇنىڭ لىۋېرپولدىكى تۇنجى مۇسابىقە پەسلىنى «مۇكەممەل» دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما، ھازىرقى پۇتبول دۇنياسىدىكى ئىككى شاھنىڭ بىرى بولغان كىرىستىيانو رونالدونىڭ يېقىنقى ئىپادىسىمۇ ئىنتايىن قالتىس بولۇپ، ئۇ 13 مەيدان مۇسابىقىدە 24 توپ كىرگۈزگەن، بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى 38 مەيدان تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 41 توپ كىرگۈزگەن.

    گەرچە سالاھنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولسىمۇ، لېكىن كىرىستىيانو رونالدونىڭ سابىق سەپدىشى فېردىناند سالاھنىڭ ئۇنىڭغا يېتىشىگە يەنە ئۇزۇن ۋاقىت بارلىقىنى بىلدۈرگەن: «سالاھنىڭ ئىپادىسى قالتىس، ئۇنىڭ بۇنچە يۇقىرى باھاغا ئېرىشىشىنىڭ سەۋەبى بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىپادىسىنىڭ ئىنتايىن قالتىس بولغىنىدا. لېكىن، كىرىستىيانو رونالدو بىلەن سېلىتۇرۇلۇش ئۈچۈن ئۇ يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش 15 مۇسابىقە پەسلىگە ئېھتىياجلىق.»

    كىرىستىيانو رونالدو بەش ئالتۇن توپقا ئېرىشىپ بولدى، ئۇ مانچېستېر بىرلەشمىسىدىكى ۋاقتىدىلا بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس توپچىلارنىڭ بىرى ئىدى، ھازىر ئۇ 33 ياشقا كىردى ھەمدە يەنىلا ئۆزىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ساقلاپ كەلمەكتە. سالاھقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ ھازىر راستىنلا كىرىستىيانو رونالدو بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇلالمايدۇ. ئەمما لىۋېرپول بىلەن خانلىق مادرىد يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇچرىشىپ قالسا سالاھ بىلەن كىرىستىيانو رونالدونىڭ بىر مەيداندا تىركىشىشى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى مۇمكىن.

    لىۋېرپولنىڭ سابىق كاپىتانى جېررادمۇ فېردىناندقا ئوخشاش قاراشتا بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: «كىرىستىيانو رونالدونىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قاراپ بېقىڭ، بۇ بىر ئىنساننىڭ ئىپادىسى ئەمەس. كىرىستىيانو رونالدو خۇددى باشقا بىر پلانېتتىن كەلگەندەك، پەقەت مېسسىلا ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرالايدۇ.»

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك