• QQ ياۋروپادىكى ئابۇنتلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى توختىتىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەركىن
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-13 08:33
  • QQ ياۋروپادىكى ئابۇنتلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى توختىتىدۇ

    تېڭشۈن قارمىقىدىكى QQ خەلقئارالىق نۇسخىدىكى ئابۇنتلارغا ئۇقتۇرۇش يوللاپ، 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ ياۋروپادىكى ئابۇنتلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. تېڭشۈننىڭ بۇ قارارى ياۋروپانىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنى كۈچكە ئىگە بولىدىغان سانلىق مەلۇمات قوغداش ۋە شەخسىي مەخپىيەتلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قانۇنى (GDPR) بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، GDPR ياۋروپادىكى پۇقرالارنىڭ شەخسىي سانلىق مەلۇماتىنى تېخىمۇ كەڭرى دائىرىدە كونترول قىلىپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا دۇنيادىكى كىرىمىنىڭ %4تى بويىچە جەرىمانە قويۇش مەقسەت قىلىنغان قانۇن-تۈزۈم. 

    تېڭشۈننىڭ باياناتىدا پەقەت بىر جۈملە سۆز بار بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ مۇلازىمەتنى توختىتىشنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى ئېنىق ئەمەس. QQ ۋە تېڭشۈننىڭ يەنە بىر كۆچمە ئۇچۇر ئەپ دېتالى بولغان ئۈندىدار ئاساسلىقى جۇڭگودىكى ياكى جۇڭگولۇق ئابۇنتلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. 

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك