• رونالدو نۇقتا توپ تېپىشتىن بۇرۇن تونى كىروس ئۇنىڭغا مەدەت بەرگەن

  • يوللىغۇچى : ئالىيە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-13 08:29
  • رونالدو نۇقتا توپ تېپىشتىن بۇرۇن تونى كىروس ئۇنىڭغا مەدەت بەرگەن

    12-ئاپرېلدىكى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسنىڭ يۇۋېنتۇس كوماندىسى 3:1 نەتىجىدە خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىسىدە، نەق مەيدانىدىكى كامېرا مۇنداق بىر كۆرۈنۈشنى ئېلىۋالغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئىككى تەرەپ مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغا قەدەم قويغان، خانلىق مادرىد كوماندىسى بىر نۇقتا توپقا ئېرىشكەن، شۇنداقلا رونالدو بۇ توپنى تەپمەكچى بولۇپ تەييارلانغاندا خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى تونى كىروس رونالدونىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا، ئۇنىڭ بۇ توپنى كىرگۈزەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا كىرگۈزۈلمىسىمۇ ھېچقىسى يوقلىقىنى ئېيتقان.

    بۇ مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا خانلىق مادرىد نۇقتا توپقا ئېرىشىدۇ، شۇنداقلا رونالدو بۇ توپنى تېپىشكە تەييارلىنىدۇ، بۇ نوقتا توپ ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، بۇ توپنىڭ كىرىش كىرمەسلىكى كوماندىنىڭ نەتىجىسىگە بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزەتتى، بىز بۇنىڭدىنلا شۇ ۋاقىتتا رونالدونىڭ يەلكىسىدىكى بېسىمنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

    بۇ ۋاقىتتا تونى كىروس تەشەببۇسكارلىق بىلەن رونالدونى ئىزدەپ ئۇنىڭغا: «مەن ساڭا ئىشىنىمەن، سەن چوقۇم بۇ توپنى كىرگۈزەلەيسەن. ئەمما بۇ توپ كىرمىسىمۇ ھېچقىسى يوق، ئۇ ھېچ نېمىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ» دېگەن، ئارقىدىنلا رونالدو ئۇنىڭغا «ماڭا ئىشەن» دېگەن مەنىدە باش لىڭشىتىپ كۆزىنى قىسىپ قويغان. 

    بۇنىڭدىن سىرت، رونالدو توپنى تېپىشكە تەييارلانغان ۋاقىتتا كارۋاخال بۇ جىددىي تۈس ئالغان مەنزىرىنى كۆرۈشكە جۈرئەت قىلالماي ئوتتۇرا مەيدان سىزىقى ئەتراپىدا ئۆز قاپقىسى تەرەپكە قاراپ ئولتۇرغان بولۇپ، بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەينى ۋاقىتتا رونالدونىڭ زىممىسىگە ئارتىلغان يۈك ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر ئىدى.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك