• جايلارنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندىغا دائىر يېڭى سىياسىتىدە ئۈچ چوڭ ئۆزگىرىش ئىپادىلەندى

  • يوللىغۇچى : ئالىيە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-13 08:10
  • جايلارنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندىغا دائىر يېڭى سىياسىتىدە ئۈچ چوڭ ئۆزگىرىش ئىپادىلەندى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېگراممىسى. يېقىندا، جايلار تۇرالغۇ جامائەت فوندىغا دائىر يېڭى سىياسەتلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقاردى، سىياسەت تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، مەزمۇننى كېڭەيتىش، توردا جامائەت فوندىنى چىقىرىۋېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتە جانلىق، قولايلىقلىقىنى ئىپادىلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ ئۆي بىلەن مۇناسىۋىتى بولغاندىن باشقا، يەنە كۆپ جەھەتلەردىكى جىددىيلىكىنى ھەل قىلدى.
        بەزى رەسمىيەتلەرنى بېجىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ  
        جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنتۇڭ شەھىرى 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى چىقىرىش كەسپىنى بېجىرىگەندە، «تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى چىقىرىش ئىلتىماسى»نى لازىم قىلمايدىغان بولۇپ، باشقا شەرتلەردە ئۆزگىرىش بولمىغان. «تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى چىقىرىش ئىلتىماسى» دېگىنىمىز كىشىلەر ئېيتقان «جامائەت فوندىنى چىقىرىش تالونى»، بۇنىڭغا جامائەت فوندىدىن چىقىرىدىغان پۇل سوممىسى تولدۇرۇلىدۇ ھەمدە ئىدارىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تامغىسى ئۇرۇلىدۇ.
        بېيجىڭ، جېجياڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى شەھەر ئاھالىلىرى ئادەتتە جامائەت فوندىنى چىقىرىشتا، بارمىقىنى مىدىرلاتسىلا رەسمىيەت تاماملىنىدۇ.
       بېيجىڭنى مىسال ئالساق، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، بېيجىڭ شەھىرى توردا جامائەت فوندىنى چىقىرىش ئىقتىدارىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئىدارە -ئورۇننى ئارىلاشتۇرمايلا بىۋاستە شەخس ئارقىلىق بېجىرگىلى بولىدىكەن، شۇنداقلا شەخسىي كىملىك بىلەن توردا جامائەت فوندىنى چىقىرىش كەسپىنى بېجىرگىلى بولىدىكەن، باشقا ئىسپات ۋە ماتېرىياللارنى تەمىنلىمىسىمۇ بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەر ئاھالىلىرى «بېيجىڭ جامائەت فوندى» ئەپ دېتالى، چىقىمدان تۇرمۇش ھېساباتى ھەمدە ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى ئارقىلىق «بېيجىڭ جامائەت فوندى» دېتالىدا شەخسىي جامائەت فوندى سوممىسى، قەرز قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرسە بولىدىكەن.
        بەزى ئىشلارغا ئىشلەتكىلى بولىدۇ
        خاربىن شەھىرىدە جامائەت فوندىنى تاپشۇرغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئايدا جامائەت فوندىنى چىقىرىپ سودا تۇرالغۇ قەرزىنى قايتۇرسا بولىدۇ. سودا قەرزى ئاپپاراتى بىلەن جامائەت فوندى مەركىزىنىڭ رەقەملىك تۇتاشتۇرۇش ۋە سىستېمىنى سىناق قىلىش تاماملانغاندىن كېيىن، بۇ شەھەردە جامائەت فوندىنى تاپشۇرۇۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەر «تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ھاۋالە قىلىش بويىچە ئايدا چىقىرىش كېلىشىمى» نى ئىمزالىسىلا، جامائەت فوندىنى ئايدا ئاپتوماتىك مېمورېئال قىلىپ سودا قەرزىنى تۆلىگىلى بولىدىكەن. ئىلگىرىكى ئايدا قايتۇرىدىغان جامائەت فوندى قەرزى ئارقىلىق سودا قەرزىنى بىۋاستە تۆلەشكە بولمايدىكەن.
        گەنسۇ ئۆلكىلىك تۇرالغۇ ئۆي مەبلەغ باشقۇرۇش مەركىزىدە پۇل تاپشۇرۇۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ھەمكارلىق ئورناتقان بانكىنىڭ شەخسىي قەرز ئىلتىماس شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسىلا، رەنىسىز، كېپىلسىز ئىستېمال ئىناۋەت قەرزىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن، ئەڭ يۇقىرى سومما 300 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئىشەنچلىك مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر يىل ئىكەن. بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ نەرسە كېرەك سېتىۋېلىش، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش، داۋالاش قاتارلىق ۋاقىتلىق مەبلەغ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە بېزەش، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش قاتارلىق چوڭ سوممىلىق ئىستېمال ئېھتىياجىنىمۇ قاندۇرغان.
        خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىدىكى تۇرالغۇ قۇرۇلۇش كومىتېتى يېقىندا «چاڭشا شەھىرىدە كۆپ قەۋەتلىك تۇرالغۇغا لېفىت ئورنىتىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» نى تارقاتقان، «بەلگىلىمە»دە ئورناتقان لېفىت ئۆي ئىگىلىرىنىڭ خاس قىسمىنى ئىگىلىشى، ئاۋۋال ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشى ھەمدە ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئۆي ئىگىلىرى قوشۇلغان ئەھۋال ئاستىدا، تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى چىقىرىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىلگەن.
         بەزى جايلاردا چىراي تونۇتۇش ئارقىلىق جامائەت فوندىنى چىقىرىش كەسپى يولغا قويۇلدى
        شەرقتە جېجياڭ، غەربتە چىڭخەي قاتارلىق ئۆلكىلەردە، «چىراي تونۇتۇش» ئارقىلىق جامائەت فوندىنى چىقىرىش كەسپى ئاللىقاچان كېڭەيتىلگەن.
        جېجياڭ ئۆلكىسىدە ئىدارە -ئورۇن جامائەت فوندىنى تاپشۇرۇۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەر يان تېلېفون كامېراسىدا چىرايىنى تونۇتۇپ، ئۆيى بولمىسىمۇ ياكى پېنسىيەگە چىققاندا ۋە ياكى شۇ شەھەردىكى كىشى ئۆي سېتىۋالغاندا چىقىمدان ئارقىلىق جامائەت فوندىنى چىقىرىپ ئىشلىتەلەيدىكەن. پۈتكۈل مەشغۇلات جەريانىغا نەچچە مىنۇتلا كېتىدىغان بولۇپ، جامائەت فوندىنىڭ ھېساباتىغا ئۇرۇلۇشىنى كۈتسە بولىدىكەن.
        ئىگىلىنىشىچە، چىقىمداننىڭ «چىراي تونۇتۇش» ئىسپات بېرىش ئىقتىدارى بىلەن بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بۇ ئىقتىدارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئاساس سالغان، بۇنىڭغا چىقىمداننىڭ ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىملىتىشنى قوشساق، ئابۇنىچىلارنىڭ ئۆزى بېجىرىۋاتقانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن. چىقىمداننىڭ ئالاقىدار تېخنىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە چىراي تونۇتۇش تېخنىكىسىنىڭ توغرىلىق نىسبىتى %99.6 كە يەتكەن، كۆز سىزىقلىرىنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق كۆپ ئامىللىق ئىسپاتلاشنىڭ توغرىلىق نىسبىتى %99.9 كە يەتكەن.
        چىڭخەي ئۆلكىسى شىنىڭ شەھىرى تۇرالغۇ جامائەت فوندى باشقۇرۇش مەركىزى «ئەلى بابا» شىركىتى قارمىقىدىكى «چۈمۈلە» پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت شىركىتى بىلەن بىرلىكتە غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكىدە باشلامچىلىق بىلەن چىقىمدان جامائەت فوندىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ شەھەردە جامائەت فوندىنى تاپشۇرۇۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەر يان تېلېفون چىقىمدانى ئارقىلىق «چىراي تونۇتۇش» ئۇسۇلى بىلەن شەخسىي سالاھىيەتكە ئىسپات بەرسە بولىدىكەن ھەمدە شەخسىي جامائەت فوندى ھېساباتىنىڭ تاپشۇرۇش، چىقىرىش، قەرز قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى تېزدىن تەكشۈرسە بولىدىكەن.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك