• رونالدو:بۇففوننىڭ مۇشۇ سەۋەپلىك، چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسدىن ئايرىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن

  • يوللىغۇچى : ئالىيەدىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-13 08:29
  • رونالدو:بۇففوننىڭ مۇشۇ سەۋەپلىك، چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسدىن ئايرىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن

    بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاپرېل سەھەر 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ كېيىنكى ئايلانما مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد كوماندىسى ساھىبخان مەيدان بېرنابو توپ مەيدانىدا 3:1 نەتىجە بىلەن يۇۋېنتۇس كوماندىسىغا ئۇتتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمى نومۇردا 3:4 نەتىجە بىلەن يۇۋېنتۇس كوماندىسىنى شاللاپ، تۆت كۈچلۈك قاتارىغا قەدەم قويدى. مۇسابىقە داۋاملىشىپ 92 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا رونالدو چەكلەنگەن رايون ئىچىدە كاللا بىلەن ۋاسكىزغا پاس يەتكۈزدى، ۋاسكىز قاپقا ئالدىدا بېناتىيا تەرىپىدىن يىقىتىۋېتىلدى، رېپىر قەتئىيلىك بىلەن نۇقتا توپقا ھۆكۈم قىلدى، بۇففون رېپىرنىڭ ھۆكۈمىگە نارازى بولۇپ، رېپىر بىلەن تاكاللاشقانلىقتىن بىۋاستە قىزىل كارتا جازاسى بېرىلىپ مەيداندىن چىقىرىۋېتىلدى.

    رونالدو مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىدا، يۇۋېنتۇس كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى بۇففون ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

    «مەن بۇففوننى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيمەن، ئۇ يېشىل چىملىقتىكى قەيسەر، مۆتىۋەر، مەن ئۇنىڭ مۇشۇ تۈپەيلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى بىلەن خوشلاشماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۇ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ مۇنەۋۋەر قاپقىچىلارنىڭ بىرى.»

    مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇففون توپچىلار ئۆتۈشمە يولىدا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىۋاتقاندا، رونالدو ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىدىن كېلىپ، تەشەبۇسكارلىق بىلەن ئۇنى قۇچاقلاپ، قۇلىقىغا تەسەللىي سۆزلىرىنى قىلغاندىن كېيىن كېتىپ قالغان.

    مەنبەسى :دىل




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك