• خانلىق مادرىد بىلەن بايرىن مىيۇنخېن جەمئىي 24 قېتىم ئۇچرىشىپ 11 قېتىمدىن غەلىبە قىلغان

  • يوللىغۇچى : دىلشات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-13 09:20
  • خانلىق مادرىد بىلەن بايرىن مىيۇنخېن جەمئىي 24 قېتىم ئۇچرىشىپ 11 قېتىمدىن غەلىبە قىلغان


    بايرىن مىيۇنخېن كوماندىسىنىڭ چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى رەقىبى بولسا خانلىق مادرىد كوماندىسى بولۇپ تاللاندى. ئۇلار نۆۋەتتە 4-ئاينىڭ 25-كۈنى ساھىبخان مەيدانى ئارىئان پۇتبول مەيدانىدا خانلىق مادرىد كوماندىسى بىلەن بولغان بىرىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشنى كۈتىۋالىدۇ. بۇ ئىككى كوماندا ئوتتۇرىسىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىش 5-ئاينىڭ 1-كۈنى خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ساھىبخان مەيدانى بېرنابو پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزىلىدۇ.




    بايرىن مىيۇنخېن كوماندىسى بىلەن خانلىق مادرىد كوماندىسىنى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى كونا رەقىبلەر دەپ قاراشقا بولىدۇ، چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسى تەسسىس قىلىنغاندىن ھازىرغىچە بولغان مۇسابىقىلەردە ئۇلار جەمئىي 18 قېتىم ئۇچراشقان بولۇپ، ئەگەر چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ئىسلاھ قىلىنغاندىن بۇرۇنقى مۇسابىقىنىمۇ قوشۇپ ھېسابلىساق، ئىككى تەرەپ جەمئىي 24 قېتىم ئۇچراشقان بولىدۇ. بۇ ئۇچرىشىشتا ھەر ئىككى تەرەپ 11 قېتىم ئۇتۇپ ئىككى قېتىم تەڭلىشتەك نەتىجىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇلار ئۇچراشقان يەتتە قېتىملىق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بايرىن مىيۇنخىن تۆت قېتىم غەلبە قىلغان.

    ئالدىنقى يىلىدىكى چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا، خانلىق مادرىد ئاۋۋال مىھمان مەيداندا 2-1 نەتىجىدە غەلىبە قىلغان، ئارقىدىنلا ساھىبخان مەيدانىدا ئومومىي نومۇرنى 6-3 گە ئۆزگەرتىپ بايرىن مېيۇنخىن كوماندىسىنى شاللىۋەتكەن. ئەڭ ئاخىرىدا خانلىق مادرىد ئوڭۇشلۇق ھالدا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ئىسلاھ قىلىنغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۇدا چېمپىيون بولغان كوماندىغا ئايلانغان.

    بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبىنىڭ باش نازارەتچىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ: «خانلىق مادرىد بولسا بىر يۇقىرى سەۋىيەلىك رىقابەتچى، ئۆتكەن يىلى ئۇلار بىزنى مەغلۇپ قىلدى، شۇڭا بۇ يىل تېخىمۇ تىرىشىشىمىز كېرەك. بىز ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشنى ئۈمىد قىلىمىز». بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى رۇمىنىگ ئىپادە بىلدۈرۈپ: «بۇ ئىككى مەيدان مۇسابىقە چۇقۇم ناھايىتى قالتىس بولىدۇ، ئىككى قېتىملىق چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى خانلىق مادرىد بىلەن ئوينايدىغان مۇسابىقە ئادەمنى ناھايىتى تەقەززا قىلىدۇ».

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك