• پورتۇگالىيە مەشقاۋۇلى: رونالدونىڭ قالتىس ئىپادىسىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-14 05:44
  • پورتۇگالىيە مەشقاۋۇلى: رونالدونىڭ قالتىس ئىپادىسىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن

    پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى سانتوس Goalنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ كاپىتانى كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئىپادىسىگە يۇقىرى باھا بەرگەن بولۇپ، يەنە كىرىستىيانو رونالدونىڭ ھەرقانداق كوماندىدا ھالقىلىق رول ئوينىيالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    سانتوس مۇنداق دېدى: «كىرىستىيانو رونالدو ھەرقانداق كوماندىغا نىسبەتەن ئىنتايىن ھالقىلىق رول ئوينىيالايدۇ، ئۇ مانچېستېر بىرلەشمىسىدىكى ۋاقتىدا شۇنداق ئىدى، خانلىق مادرىدتا تېخىمۇ شۇنداق. بىلىشىمىز كېرەككى، مېنىڭ ئېيتقىنىم دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك كۇلۇبلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىككى كۇلۇب.»

    «ئېنىقكى، دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس بۇ توپچى ھەرقانداق تاكتىكىدا ئەڭ مۇھىم ھالقىغا ئايلىنالايدۇ، لېكىن مەن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن بىر كۈچلۈك كوماندىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىزنى بىلىمەن، ئۇنىڭدىن باشقا كۆپچىلىك چوقۇم ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك. كىرىستىيانو رونالدو بۇ نۇقتىلارنى ئىسپاتلاپ بولدى، سەپداشلىرى ئۇنىڭ قۇربان بېرىش روھى ۋە كۆڭۈل قويۇش كۈچىنىڭ تەسىرى ئاستىدا تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچگە ئېرىشمەكتە.»

    دۇنيا لوڭقىسى باشلىنىدىغانغا يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت بار، مەن ھازىرقى ئەھۋالنى ياخشى ئانالىز قىلىشىم كېرەك. كىرىستىيانو رونالدونىڭ ھازىرقى ئىپادىسى ئىنتايىن قالتىس، ئۇنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى دۇنيا لوڭقىسىغىچە داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىرازىلىيە، گېرمانىيە، ئىسپانىيە، ئارگېنتىنا ۋە فىرانسىيە قاتارلىق كوماندىلارنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدا چېمپىيون بولۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى، چۈنكى ئۇلاردا ئىنتايىن كۆپ قالتىس توپچىلار بار ھەمدە ئىنتايىن ئىتتىپاق، چوڭ مۇسابىقىلەردە شانلىق تارىخقا ۋە نەتىجىگە ئېرىشكەن.»


    مەنبەسى :سوخۇ تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00