• مارۋېل فىلىملىرىدە مۇنازىرە قوزغىغان يەتتە ئىش

  • يوللىغۇچى : دىلشات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-16 05:23
  • مارۋېل فىلىملىرىدە مۇنازىرە قوزغىغان يەتتە ئىش

    مارۋېل فىلىم كائىناتى مەلۇم دەرىجىدىن ئېيىتقاندا پۈتۈن كىنو ساھەسىنى ئۆزگەرتتى دېسەك بەك ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمايدۇ. بۇ خىل فىلىملەر پۇلنى ئوبدانلا سۈپۈرۈپ قالماي يەنە بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسگە ئايلاندى. يېقىندا قويۇلغان «قارا قاپلان» فىلىمىنىلا ئېلىپ ئېيتساق، سودا قىممىتىمۇ مىسلىسىز بولدى، بىر ئايدىن كېيىن قويۇلىدىغان «قىساسكارلار ئىتتىپاقى:چەكسىز جەڭ» تېخىمۇ يۈكسەك بىر پەللە ياراتقۇسى. لېكىن بۇ فىلىملەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق يۈرۈشۈپ كەلگىنى يوق، مارۋېل فىلىملىرى تەرەققىياتىدا نۇرغۇن بەس-مۇنازىرە قوزغىغان ئىشلارمۇ بولغان.

    1.  جېيمىس كىۋىن «سامانيولى مۇھاپىزەتچىلىرى2» قويۇلۇشتىن بۇرۇن ۋەقەلىكنى ئاشكارىلىۋەتكەن

    ھازىرقى دەۋردە ۋەقەلىكنى ئالدىن ئاشكارىلىۋېتىش ئىشلىرى ئىنتايىن تەنقىدلىنىدۇ. بولۇپمۇ مارۋېل فىلىملىرىنى ھەممە ئادەم كىنوخانىغا ھېچنېمىدىن بىخەۋەر كىرىپ پۇخادىن چىقىشنى خالايدۇ. «سامانيولى مۇھاپىزەتچىلىرى2» قويۇلۇشتىن بۇرۇن، رېژىسسور جېيمىس كېۋىن ۋەقەلىكنى ئاشكارىلاپ، كۇرت راسسېلنىڭ ئىگونىڭ رولىنى ئېلىپ، ستارلوردنىڭ دادىسى بولۇپ چىقىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. كېۋىن مەسىلىنى چوڭ ئويلىمىغان، ئەمما مەستانىلەر بۇنىڭغا بەك سەزگۈر بولۇپ، فىلىمنىڭ ھېچقانداق ۋەقەلىكىنى ئالدىن بىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن رېژىسسور فىلىم ۋەقەلىكىنىڭ ناھايىتى كۆپلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئاشكارىلىغىنىنىڭ ھېچقانچە گەپلىكىنى ئېيتىپ بايانات ئېلان قىلماي بولمىغان.

    2. زىيارت قىلىش ۋەقەسى

    يېقىندا قار اتۇل خوتۇننىڭ مۇستەقىل فىلىمىنىڭ ئازراق شەپىسى بولدى. لېكىن «قىساسكارلار ئىتتىپاقى:ئۇلترون دەۋرى»(复仇者联盟:奥创纪元) قويۇلۇشتىن بۇرۇنقى زىيارەتتە قارا تۇل خوتۇن ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلار ھەققىدە پاراڭ بولۇنغاندا بۈركۈت كۆزنىڭ رولىغا چىققان جېرىمى رېنېر بىلەن ئامېرىكا كاپىتانىنىڭ رولىغا چىققان كىرىس ئىۋانىس ناھايىتى ھاقارەتلىك باھالارنى بەرگەن. ئۇلارنىڭ بۇ گېپى ئەينى ۋاقىتتا ناھايىتى زور دولقۇن قوزغىغان بولۇپ، كېيىن ئىككەيلەن بۇ ئىش ھەققىدە ئاشكارا كەچۈرۈم سورىغان.

    3. تېز يۈرەر كۈمۈش پالۋان بىلەن ئايال پېرخون ھېكايىسىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى

    «قىساسكارلار ئىتتىپاقى:ئۇلتىرون دەۋرى» دا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان تېز يۈرەر كۈمۈش پالۋان بىلەن ئايال پېرخون كۆرۈرمەنلەرگە ناھايىتى ياخشى تەسىر قالدۇرغان، لېكىن ئەينى ۋاقىتتا مارۋېل بىلەن فوكىس نەشىر ھوقۇقى مەسىلىسى تۈپەيلى ئىككى خىل نۇسخىلىق تېز يۈرەر كۈمۈش پالۋان ئوتتۇرىغا چىققان. مارۋېل فىلىمىدە ئۇ ئاددىي بىر ئۆزگەرگەن ئادەم بولۇپلا قالماي يەنە ماگىنىت شاھنىڭ بالىسى بولۇپ چىقىدۇ. مارۋېل ئۇلارنى توققۇز باشلىق يىلان ۋە ئاق چاشقان قىلىپ ئۆزگەرتمەكچى بولغان، ئۇلارنى چوڭ بالايى ئاپەتتىن ئامان قالغان بالىلار قىلىپ ئۆزگەرتكەن، بۇ ئۆزگەرتىلىش مۇنازىرە قوزغىغان.

    4. كالسىننىڭ تىرىلىشى

    مارۋېل كىنو كائىناتىدا ئادەمنى بەك تەسىرلەندۈرىدىغان كۆرۈنۈشلەرمۇ كەم ئەمەس. رازۋېتچىك كالسىن «قىساسكارلار ئىتتىپاقى» دا ئۆلۈپ كېتىشىمۇ شۇلارنىڭ بىرى. كالسىن قىساسكارلارنى بىر يەرگە جەم قىلغۇچى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرلىكتە غەلبە قىلىشىغا تۈرتكە بولغان. مارۋېل يېڭى ئاچقان «سىرلىق قالقان ئالاھىدە خادىم ئىدارىسى» (神盾局特工) تىياتىرىدە كالسىنمۇ يەنە چىقىدۇ. ئەمما كالسىننىڭ ئۆلۈپ كېتىپ تىرىلىشىنى نۇرغۇن كۆرۈرمەن قوبۇل قىلالمىغان، چۈنكى ئۇلار بۇ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دەپ قارىغان.(گەرچە ئۆلۈپ تىرىلىشى مارۋېل فىلىملىرىدە نورمال ئىش بولسىمۇ)

    5.چاتما رەسىملىك ياچىۋەك قىزنىڭ ئىجادچىسى كىنو نۇسخىسىدىكى ياچىۋەك قىزنى پەقەت ئېتىراپ قىلمىغان

    «سامانيولى مۇھاپىزەتچلىرى ئەترىتى2» دە پوم كېلىمېنتېف رولىنى ئالغان ياچىۋەك قىز فىلىمگە نىسبەتەن خېلى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەستانىلەر بۇ ئوبرازدىن رازى بولغان بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ ئەسلى ئىجادچىسى بۇنىڭدىن رازى بولمىغان. ئۇ فىلىمدىكى قىزنىڭ ئۆزى ئىجاد قىلغان ياچىۋەك قىزغا ئىسمىدىن باشقا يېرىنىڭ پەقەت ئوخشىمىغانلىقىنى، ئۇنى بەك يۈزەكى تەسۋىرلەپ قويغىنىنى بىلدۈرگەن.

    6. ئاياللار باشلامچىلىقىدىكى مۇستەقىل فىلىملەرنىڭ بولماسلىقى

    ئېرىكا، مۈشۈك قىز، خاسىيەتلىك ئايال قاتارلىق ئايالچە ئوبراز فىلىملىرىنىڭ مەغلۇب بولۇشى بىلەن ئۇ ئاياللار باش رول ئالغان دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان فىلىملىرىنى ئىشلىمەسلىكنى ئويلىغان، قارا تۇل خوتۇنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. بۇنىڭدىن باشقا جېيىن فوستېر، جۇدى كارتېر قاتارلىق دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان ئوبرازلىرىنىڭ رولىمۇ ناھايىتى كىچىكلىتىلگەن. لېكىن ھازىر ئۇلارنىڭ كاللىسىدىن ئۆتۈپ قالغان بولسا كېرەك، كېلەر يىلى «كاپىتان مارۋېل» فىلىمى قويۇلماقچى، قارا تۇل خوتۇننىڭمۇ مۇستەقىل فىلىمى ھەققىدىكى لايىھە تۈزىلىۋېتىپتۇ.

    7. ئېدگار رايتنىڭ «چۈمۈلە ئادەم»(蚁人) دىن چېكىنىشى

    مارۋېل فىلىملىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق چىقىشى رېژىسسور ۋە سېنارسىتلارنىڭ تالانتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. لېكىن ئېدگار رايتنىڭ چۈمۈلە ئادەمنىڭ سېنارسىتلىقىدىن چېكىنىشى نۇرغۇن ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرغان. گەرچە باشقا سېنارستلار فىلىمنى ياخشى ئىشلىگەن بولسىمۇ ئەمما ئېدگار رايتنىڭ قىزغىنلىققا تولغان پىلانىدىن سەل يىراقتا قالغان. ئۇنىڭ چېكىنىشىنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ باشقىلارغا يول قويمىغانلىقى سەۋەبلىك ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك